Jump to content

كۈنىمىز رېئاللىقىدىن يازار ۋە ئوقۇرمەن مۇناسىۋىتىگە نەزەر

ئورنى Wikipedia

كۈنىمىز رېئاللىقىدىن يازار ۋە ئوقۇرمەن مۇناسىۋىتىگە نەزەر

ئىنساننىڭ مەۋجۇداتلار ئىچىدە تەپەككۇر قىلغۇچى جانلىق بولۇپ تەرىپلىنىپ كەلگەنلىكى، ئەقىل ئىشلىتىشنىڭ ئۇنى مەخلۇقاتلار ئارىسىدىكى ئورنى ۋە قەدىر - قىممىتىنى پەرقلىق ئورۇندا تۇتۇپ تۇرغانلىقى مەلۇملۇق بىر تېما. ھالبۇكى كۈنىمىز ئىنسانلىرىنىڭ مەنىلەر دېڭىزىغا شۇڭغۇش، تەپەككۇر ئالىمىنىڭ ئىخلاسمەن يولۇچىلىرى بولۇش جەھەتتىكى ھال – ۋەزىيىتى كىشىنى جىددىي ئويغا سالىدىغان، چۆچۈتىدىغان ھالدا تۇرۇپتۇ. چوڭقۇرلۇقتىن تېيىزلىككە، مەنىدارلىقتىن مەنىسىزلىككە قاراپ مېڭىش كۈنىمىز ئىنسانلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان كىرىزىسلارنىڭ ئەڭ بېشىدىن ئورۇن ئېلىپ تۇرۇپتۇ. ئاڭلىق «ئوقۇرمەن ئىنسان»دىن ئاڭسىز «كۆرۈرمەن ئىنسان»غا ئايلىنىپ كېتىشتەك نۆۋەتتىكى ھال - ۋەزىيەت مانا بۇ چوڭ كىرىزىسنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى بولۇپ، مانا بۇ خىل كۆرۈنۈشنىڭ بىزگە ئوخشىغان «مىللىي مەۋجۇتلۇقى» ئاللىقاچان خەتەر سىگنالىنى چېلىشقا باشلىۋەتكەن بىر مىللەتتە باش كۆتۈرۈشى، تۈپكى مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى پاجىئە ئۈستىگە پاجىئەدۇر.

دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان ئىنساننىڭ جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن ھىدايەت يورۇقلۇقىغا چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى «ئوقۇش»تىن باشلايدۇ. دانالار بولسا، ئەلمىساقتىن ئىنسان ئەۋلادىنىڭ «ئىنسان» ھالىتىدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ئامىلنىڭ، ئىنساننىڭ ئىنسانلىق قىممىتىنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرگۈچى ئىكسىرنىڭ «ئوقۇش»تا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھەتتا بەزى دانىشمەنلەر ئادىمىيلىك سۈپەتنىڭ بىر ئىنساندا قايسى دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بېكىتىشتە مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى «ئوقۇش»قا باغلايدۇ. قەدىمدە ئارىستوتىلدىن شۇنداق سورىلىپتۇ: ئەي ئۇستاز، بىر ئىنسانغا باھا بېرىش نېمە بىلەن بولۇر؟

ئارىستوتىل جاۋاب بېرىپتۇ: قانچىلىك كىتاب ئوقۇغىنى ۋە نېمە ئوقۇغىنى بىلەن بولۇر.

ئەلۋەتتە سۈپەتلىك ئوقۇش، ئاڭلىقلارچە ئوقۇش ھەر مەدەنىيەتتە ئىچكى بۇرۇلۇش پەيدا قىلىشنىڭ، ئۆزگىرىش يارىتىشنىڭ، ئاقارتىشنىڭ ۋە بەرپا قىلىشنىڭ تۈپ ئامىللىرىدىن بولۇپ كەلگەندۇر. غەرب ئايدىڭلىنىش دەۋرىنىڭ پىكىر ئاتىلىرىدىن سانىلىدىغان مەشھۇر پەيلاسوپ ۋولتېرنىڭ كىملەر ئىنسانىيەتكە باشلامچىلىق قىلالايدۇ، دېگۈچىگە بەرگەن جاۋابىمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدىغان بولۇپ، ئۇ يۇقىرىقى سوئالنى سورىغۇچىغا: «ئادەمزاتقا باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىگۈچىلەر نېمىنى قانداق ئوقۇشنى بىلگەن كىشىلەردۇر»، دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

دەرۋەقە بۈگۈنكىدەك زېھنىي ھاكىملىق تىزگىنىنى قولىغا ئېلىۋالغان ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەر دولقۇنى ئىچىدە، ئىچ - تاش قويۇن ھالىتىدە ياشاۋاتقان بۇ زامانىمىزدا، بىرى يىقىلسا يەنە بىر دەرھال كېلىپ تۇرغۇزىدىغان، توختىماي يېڭىلىنىپ ئېچىلىدىغان ۋە كۆپىيىپ ماڭىدىغان ئاشخانىلارنى خېرىدارلىق بىلەن راۋاج تاپقۇزۇش، مول مول كىتاب ئەسەرلەر بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان كونا كىتابخانىلارنى بولسا، دائىما خېرىدارسىز قويۇش ۋەزىيىتىمىز تېخىچە چاپان يەڭگۈشلىسە يەڭگۈشلىدىكى چاپان ئىچىدىكى جىسىمغا يۈكلەنگەن ئۇ ئاڭ ھېلىھەم تەۋرەپ سالغىنى، بىر دولقۇنغا، بىر ئىنقىلابقا ئايلىنالماي سېسىق كۆل مىسالى تۇرغۇنلۇقنى يىلتىز تارتقۇزۇپ مېڭىۋاتقانلىقى داۋام قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئىلىم - مەرىپەتكە، كىتاب ۋە تەتقىقاتلارغا مەبلەغ سېلىش، پىكىر ۋە ئىلىم ئەربابلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش گويا بۇ مىللەتكە ھارام قىلىنغان ئىشتىنمۇ بەتتەر دەرىجىدە يات بىر ئىشقا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ. قىسقىسى، ۋەتەندىن زېھنىيىتىمىزگە يۇقتۇرۇپ چىققان ھېلىقىدەك «يېمەك - ئىچمەكنىڭ سۈپىتىگە بولغان ئېھتىياج تەلەپلەر يۇقىرىلىشىدىغان، كىتاب ۋە ئەسەرلەرگە بولغان تەلەپ - ئېھتىياج يېشىلمىگەن بوغچا مىسالى دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان» ئاشۇ سەلبىي ۋەزىيىتىمىز مۇھاجىرەتتىكى بۈگۈنكى سەرسانلىق ياشام ئاتموسفېراسىدىمۇ گويا «ئۆرپ - ئادەت»، «ئۇدۇم ياكى باقىۋەندە»دەك سىجىللىشىش، يىلتىز تارتىش باسقۇچلىرى بىلەن كۆزگە چېلىقىپ تۇرۇپتۇ.

مەسىلىنى زامانىمىز پەيلاسوپلىرىدىن مارتىن ھايدىگېرنىڭ «ئېكران - تاماشىبىنغا قارىتىلغان قورال - ياراغدۇر» دېگەن دانا نۇقتىئىنەزەرى بويىچە كۆزەتكىنىمىزدە، ئەقلىي تۇرغۇنلۇق، تەپەككۇر ھۇرۇنلۇقى، ئىدىيە قاشاڭلىقى، تىل ساپاسىزلىقى، ئاڭ ئاچارچىلىقى قاتارلىقلارنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ۋابا مىسالى يامرىشى، ئويغىنىش ۋە ئۆزگىرىش يارىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ۋە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى بولغان «ئوقۇش»نىڭ تەرك قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ نەشر - ئەپكارچىلىقنىڭ كۈنسېرى پۇچەكلىشىپ، پاخاللىشىپ مېڭىۋاتقانلىقى بىزنىڭ ئەقلىيەتتە ۋە ئادىمىيلىك سۈپەتلەردىن ياتلىشىپ مېڭىشىمىزدا قايسى تۈرلۈك قورال - ياراغنىڭ زەربىسىدە نىمجان، روھسىز ۋە تېيىز ئىنسانلار توپىغا ئايلىنىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزغا، مۇنداقچە ئېيتقاندا قانداق كۈچ قاياققا ھەيدىسە شۇنىڭغا ئاڭسىزلارچە دۈپۈرلەپ يۈزلىنىدىغان «پادىغا» ئايىنىپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىمىزغا، ئىخچام قىلىپ ئېيتقاندا زامانىۋى «تەشۋىقات ماڭقۇرتلىرى»غا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمىزغا بېشارەت بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسى بۇ بوشلۇققا بىر قەترە سۇ مىقدارى بولسىمۇ تولدۇرۇش ۋە باشسىز كارۋان ئەھلىنىڭ ھېچ بولمىغاندا ئەقلى - ھۇشى جايىدا، مەنزىلىنى ئۇنتۇمىغان ئاڭلىق «يولۇچى»لىق سالاھىيىتىنى ئەسلىتىش نىيىتىدە قۇرغان مەزكۇر «ئويغاقلار دۇنياسىدا» سەھىپىسى بۇ بىرقانچە يىل جەريانىدا بەزى سىلكىنىشلەرگە شاھىت بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئۇ بولسىمۇ خەلقىمىز ئارىسىدا ئوقۇرمەن ۋە يازار مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش، ھېلىھەم بۇ توپلۇمدا «ئوقۇش» كۈلتۈرىنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆچۈرمەي مېڭىۋاتقان، نېمىنى ۋە قانداق ئوقۇشنى بىلىدىغان ئاڭلىق ئوقۇرمەن كوللېكتىپىنى يارىتىشنىڭ دەسلەپكى ئۇچقۇنلىرىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، دېيىشكە بولىدۇ.

بۇ جەرياندا «ئەلۋەتتە مېۋىلىك دەرەخكە تاش ئېتىش» زېھنىيىتىدىن ھالقىيالمىغان بەزى تىپلاردىن سەھىپىدە يېزىلىۋاتقان تەنقىدلەرنى «مۇش ئېتىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە يەنە ئاللىقانداق بىرىلىرىنىڭ بۇيرۇتمىسى» دېگەندەك تۆھمەتلەر ئارقىلىق ئاقارتىش يولىمىزنى بەتناملار قاينىمىغا غەرق قىلماقچى، پىكىرلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك قالپاقچىلىقلار بىلەن ئۆرىۋېتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەن توپنى سوۋۇتماقچى بولۇشقانمۇ بولدى. يەنە بەزى تىپلار ھەر مەسىلىدىكى يۈزەكىلىك تۇتۇملىرىنى تەكرارلاپ گويا سەھىپىدە چىقىۋاتقان يازمىلارنىڭ ئوقۇلمايۋاتقانلىقىنى، ئوقۇلمايۋاتقان نەرسىلەرنى يېزىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقنى، يېزىپ ئاۋارە بولماسلىقنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا بىزگە يەتكۈزگەنمۇ بولدى. شۇنداقلا ئوخشاش نەغمىنى ئىنكاسلاردا تەنقىد ئوبيېكتلىرىغا ۋاكالىتەت شاتۇتىدەك تەكرارلىغانلارمۇ بولدى. بىز بۇ ھەقتىكى بارلىق شۈبھىلەر، گۇمانلار ۋە تۇتۇرۇقسىز تەۋسىيە ياكى ئىغۋالارغا ئەڭ ياخشى جاۋابنىڭ ماقالە – ئەسەرلىمىز ۋە ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئىغۋالىرىنىڭ ئەكسىچە خەلقىمىز ئىچىدىكى ئاڭلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىزنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىنى، سەھىپىنىڭ بۈگۈنكى نۇقتىغا كېلىشىگە ئەنە شۇ قوللاپ - قۇۋۋەتلەشلەرنىڭ، بىر تۈركۈم سەرخىللىرىمىزنىڭ گۈزەل تىلەك ۋە ئۈمىد بىلدۈرۈشلىرىنىڭ تۈرتكىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىمىز. ھەمدە بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىمىزنى يەنىمۇ داغدام ئېلىشتا، ئوقۇرمەن توپىنى ئازدىن كۆپكە، سۈپەتسىزلىكتىن سۈپەت ۋە ساغلاملىشىشقا قاراپ يۈزلەندۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇشۇ مۇناسىۋەتتە جاكارلايمىز.

بىز يەنە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سەھىپىنى ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەن، سەھىپىگە ئەگىشىپ مېڭىۋاتقان، بىز بىلەن نەزەردە، ئوي - تەپەككۇر سەيلىسىدە ھەمھال ۋە ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان بارچە ئوقۇرمەنلەرگە، سەھىپىمىزگە يىراق يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەرنىڭ ھەممىسىگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا ئويغىنىش كارۋىنىنىڭ بىر يولۇچىسى سۈپىتىدە چىقىلغان بۇ ئاقارتىش سەپىرىدىكى قۇتلۇق سەپەرداشلىقنى قەدىرلەپ، مەنزىل تامان ئىلگىرىلەشتىكى يولداشلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ مېڭىشىنى، بىرلىكتە يەنىمۇ كۆپەيگەن، كۈچلەنگەن ۋە قۇدرەتلەنگەن قەلەم ۋە تەپەككۇر ئېقىنىنىڭ ئاقار سۇلىرىغا ئايلىنىشتا، «ئىقرەئ» دەرياسىنىڭ ئۇسسۇزلۇقلارغا مەلھەم ئىزدىگۈچى ۋە بەھرى ئالغۇچى ھەق ئاشىنالىرى بولۇشتا ھەمنەپەسلىكنى ئۈزۈپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغاقلار دۇنياسىدا سەھىپىسى: بۇرھان مۇھەممەد

2022-01-08


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى