كۈن گەردىشى

ئورنى Wikipedia


كۈن گەردىشى يۇمىلاق ھەسەن-ھۈسەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل ئاتموسفېرا ئوپتىكىسى ھادىسىسى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە نامى :كۈن گەردىشى


ئىنگلىزچە نامى :ice halo

تۈرى :ئاتموسفېرا ئوپتىكىسى ھادىسىسى

باشقا نامى :يۇمىلاق ھەسەن-ھۈسەن، كۈن قوتىنى، قۇياش قوتىنى

رەڭگى :رەڭدار

شەكلى :ھالقىسىمان

تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

5پارچەكۈن گەردىشىكۈن گەردىشى ھەسەن-ھۈسەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ بىر خىل ئاتموسفېرا ئوپتىكىسى ھادىسىسى بولۇپ، كۈن نۇرى بۇجغۇر قات بۇلۇتتىن ئۆتكەندە، مۇز كرىستالىنىڭ نۇر سۇندۇرىشى ياكى نۇر قايتۇرۇشتىن شەكىللىنىدۇ. بۇجغۇر قات بۇلۇت ئىچىدە مۇز كرىستالى نۇر ئاتقاندىن كېيىن، ئىككى قېتىم نۇر سۇندۇرۇپ قايتۇرسا، ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشكە نۇر تارقىتىدۇ.

بۇجغۇر قات بۇلۇت بار چاغدا، سانسىزلىغان مۇز ئاسماندا لەيلەپ قالىد ، قۇياشنىڭ ئەتراپى مۇز بىلەن ئورالغان بولىدۇ، ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل رەڭلىك نۇرنىڭ سۇندۇرۇپ ئادەمنىڭ كۆزىدىن ئىچىدە ئىنفرا قىزىل نۇر بىنەپشە رەڭلىك تاجلىق شەكىللەندۈرىدۇ، ئاسماندا مۇز كرىستالىدىن تەشكىللەنگەن بۇجغۇر قات بۇلۇت بار چاغدا، كۆپ ھاللاردا قۇياش ئەتراپىدا بىر ياكى ئىككىدىن ئارتۇق قۇياشنى مەركەز قىلىپ، ئىچكى ئىنفىرا قىزىل نۇر بىنەپشە رەڭلىك نۇر ھالقىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىدە نۇرغۇن رەڭلىك ياكى ئاق رەڭلىك نۇر نۇقتىسى ۋە نۇرلۇق ياي پەيدا بولىدۇ، بۇ نۇر ھالقىلىرى، يورۇق نۇقتىلار ۋە يورۇقلۇق يايى مۇز گەردىشى دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇندەرىجە[تەھرىرلەش]

  • قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
  • ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
  • تونۇشتۇرۇلۇشى
  • كۆزىتىش ئۇسۇلى
  • پەيدا بولۇش ۋاقتى
  • كۆزىتىش ئەھۋالى
  • گەردىش
  • گەردىشنىڭ ئايرىلىشى
  • شەكىللىنىش شەرتى
  • سۈرەتلەر
  • قامۇس باشبېتى

كۆزىتىش ئۇسۇلى[تەھرىرلەش]

5پارچەكۈن گەردىشىكۈن گەردىشى رادىئۇسىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭى ئادەتتە 22 گىرادۇس ۋە 46 گىرادۇس ئارلىقىدا بولىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە كۆز بىلەن «قۇياش گەردىشى» ھادىسىسىنى كۆرەلەيدۇ، بۇلۇت ئىچىدىكى مۇز كرىستال مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، نۇر ھالقىسى شۇنچە روشەن بولىدۇ، ھەم ئاسانلا كۆزەتكىلى بولىدۇ، ئەكسىچە، «قۇياش گەردىشى» شەكىللەندۈرمىسە، يەر يۈزىدە ئېنىق بولسىمۇ، ھاسىل بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ھادىسىنى كۆزەتكىلى بولمايدۇ.

پەيدا بولۇش ۋاقتى[تەھرىرلەش]

5پارچەكۈن گەردىشىكۈن گەردىشى باھار ۋە ياز پەسىللىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، خەلق ئارىسىدا «كۈن گەردىشىدە ئۈچ كۈن يامغۇر، ئاي گەردىشىدە چۈشكىچە شامال چىقار» دېگەن ماقال بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ئەگەر قۇياش قوتىنى بولسا، يېرىم كېچىدە يامغۇر ياغىدۇ، ئەگەر ئاي گەردىشى بولسا ئەتىسى چۈشتە شامال چىقىدۇ دىگەنلىك. كۈن گەردىشى مەلۇم دەرىجىدىكى ھاۋا رايى ئۆزگىرىشىنىڭ بىر خىل ئالامىتى بولۇپ، كۈننىڭ بۇلۇتلۇق بولۇشى ياكى يامغۇر پەيدا بولشى مۇمكىن، بۇ خىل ھادىسىنى كىلىماتىنىڭ ھۆلچىلىك قۇرغاقچىلىق ئالامىتى دېيىشكە بولىدۇ، يەر تەۋرەشنىڭ ئىلمى ئاساسى يوق.

كۆزىتىش ئەھۋالى[تەھرىرلەش]

5پارچەكۈن گەردىشىكۈن گەردىشى پەيدا بولغاندا، ئۇزاق ۋاقىت كۆز بىلەن قاراشقا بولمايدۇ، كۆزنىڭ خەتەرگە ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يامغۇر يېغىش ئالدىدا، ھەمىشە ئېگىز بوشلۇقتا قۇشلارنىڭ پەيلىرىگە ئوخشايدىغان بۇجغۇر بۇلۇتلار شەكىللىنىدۇ، ئارقىدىنلا بۇجغۇر بۇلۇت ئاستىدىكى ئالتە كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا تەركىبىدە يامغۇر بولغان بۇجغۇر قات بۇلۇت پەيدا بولىدۇ. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولغانلىقتىن، بۇلۇتتىكى سۇ تامچىلىرى مۇز كرىستالى كىچىك ئالتە قىرلىق پرىزما شەكلىگە ئايلىنىدۇ. قۇياش نۇرى بۇلۇت قاتلىمىدىن كېسىپ ئۆتكەندە كىچىك مۇز دانچىسىغا ئايلىنىدۇ، قارىماققا قۇياش ئەتراپىدا بىر چەمبەر بەيدا بولغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئىچىدىن تېشىغا سپېكترلىق رەڭ ھاسىل قىلىدۇ مانا بۇ دەل كۈن قوتىنى.

گەردىش[تەھرىرلەش]

گەردىش ئاي ياكى قۇياش ئەتراپىدا ھاسىل بولىدىغان چەمبەر شەكىللىك گاز.

گەردىشنىڭ ئايرىلىشى[تەھرىرلەش]

گەردىش 9، 18، 20، 2، 23، 24، 35، 46 گىرادۇسلۇق گەردىش دەپ ئايرىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 22 گىرادۇسلىقى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا 46 گىرادۇسلىقى، باشقا تۈردىكىلىرى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

شەكىللىنىش شەرتى[تەھرىرلەش]

5پارچەكۈن گەردىشىكۈن گەردىشى بولسا بىر خىل ئاتموسفىرا ھادىسىسى. ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى بولسا 5000 مىتىر ئىگىزلىكتە مۇز كىرىستالىدىن شەكىللەنگەن بۇجغۇر قات بۇلۇت پەيدا بولۇش، بۇجغۇر بۇلۇت ئىچىدە مۇز كرىستالى ئارقىلىق كۈن نۇرى چۈشكەندىن كېيىن نۇر سۇندۇرۇش ۋە نۇر قايتۇرۇش قاتارلىق فىزىكىلىق ئۆزگىرىشلەر، قۇياش نۇرى بىلەن پارچىلىنىپ قىزىل، سېرىق، يېشىل، بېغىر رەڭ قاتارلىق كۆپ خىل رەڭدە بولۇپ، قۇياش ئەتراپىدا بىر غايەت زور رەڭلىك نۇر ھالقىسى پەيدا بولىدۇ بۇ دەل گەردىش.

قىش پەسلىدە ئاسماندا، بىر قىسىم سۇ پارى تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقىتىن، بۇجغۇر قات بۇلۇت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل بۇلۇت تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى سۇ پارى سوغۇقتا قېتىپ، ئالتە قىرلىق ئۇششاق مۇز كىرىستالى ھاسىل بولىدۇ. پارېلىئون ئىككى تەرىپىدىكى سىممېتىرىك نۇقتىسىدا پەيدا بولغاچقا، مۇز كرىستال سانسىزلىغان پارچە كىچىك ئەينەككە ئايلىنىپ، بۇ كىچىك ئەينەكلەر بەس-بەستە كۈن نۇرىنى قايتۇرۇپ ئالاھىدە يورۇق كۆرۈنىدۇ، 2 دىن ئارتۇق كۈن چىققاندەك مەۋھۇم تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ، مانا بۇ غەلىتە «پارېلىئون». ئەگەر ھاۋا رايى شارائىتى مۇۋاپىق بولسا، ئون نەچچە پارېلىئون كۆرۈلىدۇ.