كېلىشتۈرگۈچى بىر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن… (ئەل - يۇرتقا قانداق يولباشچى كېرەك؟)
كېلىشتۈرگۈچى بىر يازمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن…
(ئەل - يۇرتقا قانداق يولباشچى كېرەك؟)
بىز داۋاملىق يۇرتىمىزدا ئىككى خىل سىنىپلا بار، دەپ ئويلايتتۇق ۋە بۇ ئىككى خىل سىنىپ توغرىسىدىلا ئويلىناتتۇق. بۇ ئىككى سىنىپنىڭ بىرى مۇستەبىتلەر، يەنە بىرى مەزلۇملار ئىدى. يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «ھايات ھەممەدۇر» مەجمۇئەسى نۆۋەتتە تۈرك مىللىتى ئارىسىدا يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە ئىككى مەپكۇرىنىڭ جەريان قىلىۋاتقانلىقىنى يازماقتا.
شۇنداق، قارىماققا «ھايات ھەممەدۇر» مەجمۇئەسى بۇ ماقالىنى ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ يازغاندەك قىلىدۇ. يېقىندىن بېرى ھۆكۈمەت گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» بىلەن خۇسۇسىي گېزىت بولغان «ئەرك» گېزىتى ھەققىدە بولۇۋاتقان سەت سۆكۈشلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەن بۇ مەجمۇئە خۇلاسە سۈپىتىدە سىياسىي مەپكۇرىچىلەر (سىياسەتچىلەر) بىلەن مىللىي مەپكۇرىچىلەر (مىللەتچىلەر) ئوتتۇرسىدا قەلەم كۆرۈشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە بۇ جىدەلنىڭ بارا - بارا ئەمەل - مەنسەپ كۈرىشىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە بىر قاتار پەندى - نەسىھەت ۋە ئۈگۈتلەرنى بېرىپ ئۆتكەن. باشقىلارنى بىلمىسەكمۇ، بىز بۇ مەجمۇئەگە ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز.
ئىككى تۈرلۈك مەپكۇرە ھەققىدە توختالغان ۋە «ئەسئەد تاھىرىي» نىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان «بىرلىك ئىتتىپاقىمىزدىن كېلىدۇ» ماۋزۇلۇق بۇ ماقالىدە ھەر ئىككى مەپكۇرىنىڭ مەيدانىنى، غايىسىنى بىر قۇر بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ماقالىدە مەزكۇر ئىككى مەپكۇرىنىڭ مەيدانىنى، غايىسىنى بىر قۇر بايان قىلىۋەتكەندىن كېيىن نۆۋەتتە بۇ ئىككى مەپكۇرىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنىمۇ تىلغا ئالغان. قارىماققا بۇ مەجمۇئە يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىنى ياقىلاۋاتقاندەك، خۇددى بۇ ئىككى مەپكۇرىنىڭ يۇرت ئۈچۈن ۋە مىللەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم ۋە لازىملىقىنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن بايان قىلىپ ئۆتكەندەك كۆرۈندى.
توغرىسىنى ئېيتساق، بىزنىڭ قارىشىمىزچىمۇ بىزگە سىياسەتچىلىكمۇ ھەم لازىم، مىللەتچىلىكمۇ ھەم لازىم. بىزگە ئوخشاش مەزلۇم مىللەت ھاكىمىيەت تۈزۈمىگە قارىتا بىر ياندىن سىياسىي تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولساق، يەنە بىر ياندىن بىزدەك دۇنيانىڭ ۋە دەۋرنىڭ پۈتكۈل يېڭىلىقلىرىدىن مەھرۇم بولۇش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان، تۆت ئەتراپىنى تەھلىكە قاپلاپ، پۈتكۈل مەنىۋىياتىنى ئاسارەت قورشىۋالغان بىر مىللەت ئۈچۈن مىللىي ئاڭنى تەرغىب قىلىش يولى ئارقىلىق يۇرت ۋە مىللەت سۆيگۈسىنى تىرىلدۈرۈشكە مەجبۇرمىز.
غايە جەھەتتىن بىر بولغان، ئەمما ئىش قىلىش مېتودى جەھەتتىن پەرقلىق يول تۇتۇۋاتقان بۇ ئىككى مەپكۇرىنىڭ شۇ ۋەتەنگە، شۇ مۇنبەت ئۆلكىگە سىغماي كېتىۋاتقانلىقى قانداقمۇ بىزنى ھەيران قالدۇرماي تۇرالىسۇن؟!
بۇنداق سېغىشالماسلىق دەرۋەقە، «ھايات ھەممە دۇر» مەجمۇئەسىدە يېزىلغىنىدەك، مەپكۇرىلىرىمىزنى تار ۋە قىستاق بىر رامكا ئىچىگە سېلىپ قويغانلىقىمىزدىن كېلىپ چىقماقتا.
دۇرۇس، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان يېرى شۇكى، مىللەتچىلەرنىڭ ئۆز دەۋاسىدىن ۋە ئۆزلىرى بەلگىلىگەن سىزىقتىن چەتنەپ كەتمىگەنلىكى مەلۇم. ھۆكۈمەتنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان «ھايات ھەممە دۇر» مەجمۇئەسى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەندەك، مىللەتچىلەرنىڭ بەزى يەكلەش ۋە چەتلەشلەرگە ئۇچرىغانلىقىمۇ مەلۇم. بۈگۈنكى بىزنڭ مىللەتچىلىكىمىز ھەمدە مىللەتچىلىرىمىز بىرەر گۇرۇھ تەشكىل قىلالمايدۇ. توغرىسىنى ئېيتساق، مىللەتچىلىك كۈنىمىزدە يۇرتىمىز ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك بىر جەريان، خالاس! بۇ جەريان قارشىسىدا ھەرقانداق مەپكۇرە ۋە ھەرقانداق بىر مەپكۇرىچى سىغىشىپ كېتەلەيدۇ. دۇنيادا ئۆزىنى مىللەتچى دەپ ئېلان قىلغان ۋە ياكى مىللەتچىلىكنى پىرىنسىپى قىلىپ قوبۇل قىلغان بىر پارتىيەنىڭ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاستىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قانچە پارتىيەنىڭ بارلىقىنى، ھەر بىرىنىڭ ئېچىدە يەنە بىر قانچە خىل مەپكۇرىلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ. چۈنكى، مىللىيەتچىلىك دېگەنلىك، مىللەتنى ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ تىرىلدۈرۈش، ئۇنى ياشىتىش، يەنى مىللەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، دېگەنلىكتۇر. بۈگۈن «ھايات ھەممە دۇر» مەجمۇئەسى تەرىپىدىن «سىياسىي مەپكۇرىچىلەر» دەپ ئاتاۋاتقان سىياسەتچىلىرىمىز مىللىي ئازادلىقنى قانچىلىق ئارزۇلاۋاتقان بولسا، مىللىي مەپكۇرىچىلەر دەپ ئاتىلىۋاتقان مىللىيەتچىلەرمۇ ئوخشاشلا مىللىي ھۆرلۈكنى، مىللىي مەۋجۇتلۇقنى شۇنچىلىك ئارزۇلاپ سۆيىدۇ. دېمەك بۇ ئىككى مەپكۇرىنىڭ غايىسى ۋە نىشانى بىر يەردىن چىقىدۇ.
شۇغىنىسى، كېيىنكى ئايلاردىن بېرى، ئىككى مەپكۇرىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىككى گېزىتنىڭ ئۆزئارا توقۇنۇشلىرى بىزنىڭ نەقەدەر قاراڭغۇ نۇقتىلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىمىزنى ۋە نامەلۇم مەنپەئەتلەرنى دەپ مىللىي قۇربانلىق ۋە پىداكارلىقلارغا قانچىلىك چىداپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويدى.
مەپكۇرە بولسىلا بولمايدۇ. بىزگە كېرىكى مىللەتنى كۆز ئالدىمىزدىكى تەھلىكىدىن قۇتقۇزالايدىغان مەپكۇرەدۇر. دەرۋەقە «ھايات ھەممە دۇر» مەجمۇئەسى يازغاندەك، ھەممە مەسىلىنى تار رامكىدا كۆرۈۋېلىشىمىز، ھەر مىللىي تەشەببۇسنى نوقۇل ئۆز مەپكۇرىمىزنىڭ كۆزىدە قارىۋېلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر بىز بۇرۇنقىدەك، «دۇنيادا ئىلغار مەپكۇرە ئىككى بولمايدۇ، بىرلا بولىدۇ» دەيدىغان پىروپاگاندادىن نېرى تۇرمىساق، ھەمدە ھېلىقىدەك «ئەمدى سىياسەت ئوڭشالدى، خەلقچىللاشتى، ئاۋامنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىقلاشتى، بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەشەببۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا تاشلىنىشىغا سەۋەبمۇ، ئورۇنمۇ قالمىدى» دەپ ئولتۇرساق، ئۆزىمىزنىڭ مەپكۇرە دائىرىسىنى بەكلا تارلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇپ قالىمىز. توغرىسى، ئادەم ئالداش قەستىدىكى ئاشۇ پىروپاگاندالىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداپ يۈرگەن بولىمىز.
«ھايات ھەممەدۇر» مەجمۇئەسى بىزگە شۇ دەرسنى بەرسۇن ۋە شۇ تەۋسىيەنى قايتا قايتا ئۇرغۇلىسۇن! «كىچىك ئۇچقۇنلارنى ئۆچۈرۈش، ئۇنىڭ خېيىم - خەتىرىدىن ساقلىنىش ئاسان. شۇڭا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەن بۇ ئىككى خىل مەپكۇرەنىڭ مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز، ئۆزئارا ئىتتىپاقىمىزنى، بىرلىك مەۋقەيىمىزنى كۈچەيتكەن ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىشقا يۈزلىنىشىمىز لازىم».
بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇددى شۇ تەۋسىيەنى قىلغان «ھايات ھەممەدۇر» مەجمۇئەسى ئىلگىرى سۈرگەندەك، يۇرت ئۈچۈن خۇسۇسىي مەنپەئەتى ۋە شەخسىي قاراشلىرىنى دەپ مىللىي ۋە ۋەتەنىي پىداكارلىقنى كۆرسىتىدىغان رەھبەر كېرەك ئەمەس. بەلكى توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە شۇ توغرا يول ئۈچۈن مىللىتىنى پىداكارلىققا ئۆگىتىدىغان بىر يولباشچى كېرەك.
دېمەك، ئارزۇيىمىز شۇكى، يولباشچى بولغۇچى شەخسىيىتى ئۈچۈن مىللىتىنى ئەمەس، مىللىتى ئۈچۈن شەخسىيىتىنى قۇربان قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. بۇنداق بىر رەھبەرمۇ مەپكۇرىدىن ئەمەس، مەپكۇرىلەردىن تۇغۇلىدۇ. بۇنداق بىر رەھبەر مەپكۇرىسى ئۈچۈن مىللىتىنى، ۋەتىنىنى قۇربان قىلمايدۇ، بەلكى مىللىتىگە، ۋەتىنىگە مەپكۇرىسىنى قۇربان قىلىدۇ.
بۇ ئورۇندا، ھۆكۈمەت مەيدانىدا تۇرۇپ ئىككى خىل مەپكۇرەنىڭ مەۋقە - مەيدانىغا قارىتا يوليورۇق بەرگەن «ھايات ھەممەدۇر» مەجمۇئەسىگە تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھۆكۈمەتنىڭ نەشرى ئەپكارىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇلاھىزىلەر دېگەن مانا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.
مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 267 - سان، 1949 - يىل، 4 - ماي.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد