Jump to content

كېلىۋاتقىنى ئېقىن ئەمەس، توپان، توپان!

ئورنى Wikipedia

كېلىۋاتقىنى ئېقىن ئەمەس، توپان، توپان!

ئۆزىگە تەۋە ئورتاق تىلى بولمىغان جەمئىيەت باشقىلارنىڭ ئورتاق تىلىنىمۇ چۈشىنەلمەيدۇ. بۈگۈن بۇ مىللەتكە بالا - قازا بولۇۋاتقان مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئورتاق تىلى بار. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى دەردى ئاستا خاراكتېرلىك قەتلى قىلىش ئەمەس، بەلكى شىددەتلىك قەتلىئام قىلىش. ئۇلار مىللەتنىڭ سانىغا قەتلىئام ئېلىپ بېرىش بىلەنلا مەشغۇل ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نەسىل - نەسەب شەجەرىسىنىڭ مەنىۋى ئىزنالىرى بولمىش تارىخىي مەدەنىيىتىنىمۇ قوشۇپ قەتلىئام قىلىش بىلەن مەشغۇل.

كەچمىشتە ئۇلار مىللەتنىڭ دىققىتىنى تىلنىڭ شەكلىنى قۇتقۇزۇشقا مەشغۇل قىلىپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە بۇ تىلنىڭ روھىنى چىرىتىش پىلانىنى يۈرگۈزگەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ھەممىنى جاننى قۇتقۇزۇش ھەلەكچىلىكىگە سېلىپ قويۇپ تىلنى پۈتۈنلەي مۇنقەرز قىلىش، مەدەنىيەتنى يىلتىزدىن قۇرۇتۇش، ساننىمۇ، سۈپەتنىمۇ قوشۇپ يوقىتىش ۋە بۇنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش «بىر گەۋدىلەشكەن كۆپ مەنبەلىك جۇڭخۇا» مەدەنىيىتىنى قۇرۇش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

دەرۋەقە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق تىلىنى قۇرۇپلا قالماي، بۇ تىلىنىڭ پەلسەپەسىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرۈپ بولدى. ئۇلاردىكى بۇ ئورتاق تىل (مەدەنىيەت بىلەن قوشۇپ قۇرۇتۇۋېتىش پىلانى) گەرچە ئون يىلدىن بىرى ئاشكارا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئارىمىزدا بۇ تىلنى يېشىپ چۈشەندۈرىدىغان بىرەر سىياسىيون، بىرەر زىيالىي ياكى بىرەر يازار كۆرۈنمىدى. ئومۇميۈزلۈك بىرلىكتە باشتىن كەچۈرگەن يېقىنقى 30 يىللىق غەپلەت دەۋرىمىزنى نەزەرگە ئالغان، ھەمدە بۇ كۆرمەسلىكنى، ۋاقتىدا بايقىماسلىقنى، قارشىسىغا مۇناسىپ «ئورتاق تىل» بىرلىكى قۇرالمىغىنىمىزنى ئەپۇ قىلىپ تۇرساقمۇ، بۇ بىرقانچە يىللىق پاجىئەدىن چۆچۈگەندەك كۆرۈنگەن ھەرقايسى تەرەپلەردىن بۇ ھەقتە تۈزۈكچە ئويغىنىش سىگنالى ئالالماسلىقىمىز ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلىپ بولمايدىغان ئېغىر پاجىئە دېيىشكە بولىدۇ. غەلىتە يېرى ئىرق ۋە مەدەنىيەت تەڭلا نىشان قىلىنغان زور كۆلەملىك قىرغىنغا قارىتا بۇ قەدەر سۈكۈتنىڭ بولۇشى، ئەمەلىي قەدەملەرنىڭ ئېلىنماسلىقى، ئېلىنغان قەدەملەرنىڭ كىمنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىشقا ياراۋاتقانلىقى، ھەمدە بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى،  تولدۇرغۇسىز زىيانلىرىنى قەلەمكەشلىرىمىز ۋە ھەرقايسى «شۇناسلىرىمىز» ھەمدە «تەتقىقات» بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىرىمىزنىڭ يېزىشى، چۈشەندۈرۈشى ۋە ئاتاقتىكى «سىياسىيون»لىرىمىزنىڭ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىشى زۆرۈر ئىدى. ئەمما يەنىلا سۈكۈت داۋام قىلىپ كەلمەكتە...

قەلەم ساھىبلىرى بىلەن سىياسىي قاناتلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى تىلغا ئالغان ئىكەنمىز، ئەلۋەتتە «دىنىي ئۆلىمالار» توپىمىزنىمۇ ياد ئېتىشكە مەجبۇرمىز. ئەگەر يىغىنچاق قىلىپ ئېيتىدىغان بولساق، مەزكۇر توپ ئۇيغۇر تارىخىدا بۇ قەدەر يارامسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئەمەس. بۈگۈن ۋەتەندە مىللەتنىڭ ئورتاق تىل قۇرۇلۇشى پىلانىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە باش قاتۇرىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان ھەقىقىي ئۆلىمالار قاتلىمىمىز پۈتۈن - سۈرۈك ھالدا مۇستەملىكچىلەرنىڭ قارمىقى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئەمما مىللەتنىڭ ھۇزۇرىغا ئۆزلىرىنى «دىنىي ئۆلىمالار» دەپ تونۇشتۇرۇۋاتقان بۇ توپ ئىنتايىن پاسسىپ ۋە كېرەكسىز ئىشلار بىلەن ئاۋارە. ھەتتا تارىخىي جامەلەرنىڭ چېقىلغانلىق خەۋىرى كېلىۋاتسىمۇ بۇ توپنىڭ تەپسە تەۋرىمەس ھالىتىدىن قىمىرلىماسلىقى پاجىئەدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋەتەندىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زۇۋانى بولۇپ بەرگەن ھېلىقى «دىنىي زاتلار»دىن ئانچە پەرقى يوق بولۇپ، گويا بوينى باغلاقلىق قوي پادىسى كەبى ئاللىكىملەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقاندەك بىر تۈسنى بەرمەكتە. ئۆزىنىڭ خاسلىقى ۋە رولىنى ئاڭقىرالماسلىق، نېمىنىڭ بازىرى چىقسا شۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ زۇۋان سۈرۈش بۇنىڭ رېئال مىساللىرىدىندۇر. ئالايلۇق، پەن تارتىشمىسى بولغاندا «پەن ئۆگىنىش پەرز»، نامايىش تارتىشىمىسى بولۇۋاتقاندا «نامايىش پەرز»، گۇۋاھلىق سەپەرۋەرلىكىدە «گۇۋاھلىق پەرز»...

ئەجەبا سىياسىي نەيرەڭلەر تۇشمۇتۇشتىن ئوينىلىۋاتقان بىر جەمئىيەتكە خىتاب قىلىشتا بۇ قەدەر تەنتەكلىكنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بىر توپقا ۋاكالىتەن چىقىۋاتقان بۇ قەدەر ئاڭسىز ۋە قارىغۇلارچە بېرىلىۋاتقان تىرناق ئىچى «پەتىۋا»لارغا نېمە دېگۈلۈك؟! ھەيران قالارلىقى، بۇ توپنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىنسانىيلىق بىلەن ئىسلامىيلىقنى ئايرىپ تەھلىل قىلىشلىرىچۇ؟ ئەجەبا، بۇ قەدەر دىننىڭ روھىدىن ئۇزاق، توختىماي ئېغىزىدىن ئايەت - ھەدىس تۆكىلىدىغان، ئەمما قارىسىغا تەپسىر ۋە ئىزاھات بېرىشتىن ئايانمايدىغان «ئۆلىما توپى»نىڭ بۇ مىللەتكە نېمە كېرىكى بار؟

قىسقىسى، بۇ توپمۇ ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن ئىلاھىي مەسئۇلىيىتىنى قاملاشتۇرۇپ ئورۇنداپ كېتەلمىدى. مىللەتنىڭ ئورتاق تىل قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان دىل بىرلىكى، ئىمان بىرلىكى، ئېتىقاد بىرلىكى، ئىسلامىي ئاڭ بىرلىكى، ئىسلامىي مەدەنىيەت پۈتۈنلۈكى قاتارلىق ساھەلەردە ئىلمىي خىزمەتلەرنى، ئەمەلىي قەدەملەرنى كۆرۈش نېسىپ بولغىنى يوق. بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاش ئەمەس، سايىسىنى تېپىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەقلىيىتىگە بېقىپ خىتاب قىلىش كۆرسىتىلگەن بىر دىننىڭ مەنسۇپلىرى تۇرۇپ مىللەت نېمىدىن زېرىكسە شۇنى «دىن» قىلىپ تەڭلەش بىلەن ئاۋارە. ھالبۇكى بۈگۈن بۇ مىللەت ئاتالمىش ناباب «ۋەز»لەردىن سىقىلىغلىق. ئەكسىچە ئۇلار زېھنىنى يېڭىلاشقا، مېڭىسىگە سېلىنغان قۇلۇپلارنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان، روھىي قۇللۇقتىن ئازاد قىلىدىغان قۇرئانىي روھقا، سۈننەتتىن ئىبارەت ھىدايەتنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ۋۇجۇدىنى يورىتىشىغا، يىللاردىن كۆزلىرىگە باغلانغان پەردىلەرنى ئېچىشقا، ئىش - ئەمەللىرىنى ئىلاھىي مىزانغا سېلىپ تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىشقا موھتاج. دىننىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئېھتىياجى چۈشۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، ئايىغى چىقماس تۆۋەن سەۋىيەلىك ۋەز - كالاملار بىلەن ئۇلارنىڭ روھى ئاچلىقىغا بارماقچى بولۇش بۇ يولنىڭ ھەققىنى بېرەلمىگەنلىكنىڭ، بۇ يولنىڭ يولۇچىسى بولۇش مۇددىئاسىغا لايىق بولالمايۋاتقانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئومۇمىي رېئاللىقنى چىقىش قىلغان ۋاقىتتا، نۆۋەتتە بۇ مىللەتنىڭ سەرخىللىرى كۆرۈنۈشكە تىرىشىۋاتقان «زىيالىيلىرى» بولسۇن، سەركە ئاتىلىۋاتقان «سىياسىيونلىرى» بولسۇن، يېتەكچى كۆرۈنۈۋاتقان «ئۆلىما»لىرى بولسۇن، كېلىۋاتقان ۋە يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلارغا قارشى قول - قولچە تېگىشلىك ھەرىكەتكە ئۆتەلمىگىنىدەك، بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك قەتلىئاملارغا  قارىتا زەربە خاراكتېرلىك بىرەر ئىنقىلابىي ھەرىكەت سىستېمىسى قۇرالىغىنى يوق. بۇلا ئەمەس، ئورتاق قارشى تۇرۇشتا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قۇرۇۋالغان تىلىغا، پەلسەپەسىگە قارشى ئىدىيەۋى ئاقارتىش ۋە زەربە خاراكتېرلىك تەشۋىقات خىزمىتىمۇ ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى ئوخشاشلا دۈشمەن قارشىسىغا چىقماي تۇرۇپ ئاق بايراق چىقارغانلىقنىڭ، مەغلۇبىيەتنى جاكارلىغانلىقنىڭ ئىپادىسى. مەلۇم بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئېيتقىنىدەك: «مەغلۇبىيەت ئىككى خىل ھالەتنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇنىڭ بىرى ئىدىيە ئاساسى بولمىغان ھەرىكەت، يەنە بىرى ھەرىكەتتىن ئايرىلغان ئىدىيە».

نۆۋەتتە مۇنقەرزلىكىمىزنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور بىر توپان بىز تەرەپكە قىستاپ كېلىۋاتىدۇ. بەلكىم بىزنىڭ بۇ توپانغا قارشى ھېچ قىلمىسا كېمە ياساش پۇرسىتىمىز بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ياشاۋاتقان بۇ دۇنيالىقىمىزدا كېلەچىكىمىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن قول - قولچە بىر كېمە ياساپ چىقالمايدىكەنمىز، ئەكسىچە پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىكەنمىز، بىز ياسالمىغان كېمىنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ياساپ چىقالىشى رېئاللىقتىن كۆپ يىراقتا. بەزىلەر كېمە ياسالمىغاندىمۇ تۇغان سالساق ھېساب، دېيىشى مۇمكىن، ئەمما مەن دەيمەنكى، كېلىۋاتقىنى ئېقىن ئەمەس، توپان، توپان!

-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى