Jump to content

كېنتاكىي قىزدۇرۇلغان توخۇ (كېي ئەف س)

ئورنى Wikipedia

كېنتاكىي قىزدۇرۇلغان توخۇ (ئېنگلىزچە: KFC، ياكى Kentucky Fried Chicken ياكى KFC Corporation؛ قىسقارتىلىپ كېنتاكىي دەپلا ئاتىلىدۇ.) دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىسى. كېنتاكىي قىزدۇرۇلغان توخۇسنىڭ ئاساسلىق داڭلىق مەھسۇلاتى دەل توخۇ گۆشىلىك ساندىۋىچ (ياكى ھامبۇرگ) ۋە ئامىرىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىنىڭ مەشھۇر قىزدۇرۇلغان توخۇسىدۇر. كېنتاكىي قىزدۇرۇلغان توخۇ دۇنيادا ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇن باشقا كارخانىلارغا ئىلھام ۋە ئۈلگە بولغان داڭلىق بىر شىركەتتۇر. كېنتاكىي قىزدۇرۇلغان توخۇسنىڭ ئۈرۈمچىدىمۇ تارماق دۇكانلىرى بار. كېنتاكىي قىزدۇرۇلغان توخۇ شىركىتى Yum! Brands (بەك ئوخشاپتۇ! ماركىسى) گرۇھىنىڭ شۆبە شىركىتى بولۇپ، باشقا شۆبە شىركەتلىرىدىن پىزاخانت ۋە تاكوبال بار.

كېنتاكىي
كېنتاكىي لوگوسى
كارخانا 1952-يىلى 24-سېنتەبىر
قۇرۇغۇچىسى پولكوۋنىك ساندېرس
باش شىتاب ئامىرىكا
مەھسۇلات قىزدۇرۇلغان توخۇ
تور بېكەت kfc.com

كېنتاكىي ئاساسلىقى توخۇ بەرەڭگە قەلەمچىسى، توخۇ گۆشى ھامبۇرگ، بەرەڭگە قەلەمچىسى، سالات ۋە ساندۋىچ ساتىدۇ. ئۇ قىزدۇرۇلغان توخۇ ئۈستىگە قۇرۇلغان شىركەت بولغاچقا، يەنە توخۇ گۆشى پىشۇرۇش، قوشۇمچە قورۇمىلار ۋە تاتلىق تۈرۈملەرنى ساتىدۇ. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ سىرتىدا كېنتاكىي يەنە توخۇ كاۋىپى شەكلىدە باشقا رايون خاراكتېرلىك مەززىلىك تائاملار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئالبۇم

[تەھرىر]