كەكلىك سوقۇشتۇرۇش ئويۇنى

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەكلىك بېقىش ھەۋەسكارلىرى خېلى كۆپ، كەكلىك ئۆزى چىرايلىق، سايرىشى يېقىملىق قۇش، بەزىلىرى كەكلىكنى سايرىتىپ ھۇزۇرلانسا، يەنە بەزىلەر ئۆز كەكلىكىنى ئۆز ئارا سوقۇشقا سالىدۇ. كەكلىك سوقۇشۇشقا كەلگەندە ئىنتايىن مەرد ۋە مەردانە كېلىدۇ. ئىككى كەكلىك ئۆز ئارا سوقۇشقاندا مەلۇم بىر كەكلىك يېڭىلىپ ئارقىغا چكىنگەندە، يەڭگۈچى كەكلىك ھەرگىزمۇ نامەردلىك قىلىپ، چكىنگەن كەكلىكنى قوغىلمايدۇ ۋە چوقۇمايدۇ. كەكلىكنى مەردانە كېلىدۇ دېگىنىمىز، ئۇنىڭ ئەنە شۇ ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. يەنە، كەكلىك بىلەن توخۇنى سوقۇشتۇرۇدىغانلارمۇ بولىدۇ. توخۇ بىلەن كەكلىك سوقۇشقاندا كەلىك توخۇغا قارىغاندا چاققان ھەم ئۇچالايدىغان بولغاچقا توخۇنى ھاردۇرۇپ يېڭىۋالىدۇ. ئەگەر توخۇ كەكلىكنى پۇتى بىلەن بېسىپ چوقۇۋالسا، توخۇنىڭ يېڭىش ئېھتىمالى چوڭراق بولىدۇ. بۇ مۇسابىقىمۇ ناھايىتى قىزىق بولىدۇ." [1]

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]