كەلپىنلىكلەرنىڭ مائارىپ روھى

ئورنى Wikipedia

كەلپىندىن يىتىشىپ چىققان ۋەتەنپەرۋەر باي مۇھەممەد ھاجى(1885-1937) خەلىقارالىق سودا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان، ئويغانغان، مەرىپەت سۆيەر باي بولۇپ، شۇ چاغدا 10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي-ئۆچكىسى، 1000تۇياقتىن ئارتۇق تۆگىسى، 600 تۇياقتەك ئات، ئېشەك، خېچىرى،نۇرغۇن يەر-زېمىنى بار بولۇپ، يۇرتداشلىرىنىڭ بارغانچە خوراباتلىق پاتقاقلىرىغا چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا چىداپ بولالماي، 1935 -يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يۈرچى يېزىسىدا تۇنجى پەننىي مەكتەپ قۇرغان. مەكتەپنىڭ نامىنى «مەكتىپى مۇھەممىدىيە» دەپ ئاتىغان. شۇ يىلى 99 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلغان. بۇ مەكتەپنىڭ ئېچىلىشىغا ھامۇت بەگ(1873-1948، تىلشۇناس، شائىر مەرھۇم غەنىزات غەييۇرانىنىڭ ئاتىسى، شۇ چاغدىكى كەلپىندىكى مەرىپەتپەرۋەر باي، تەقۋادار، يۇرۇت ئاقساقاللىرىنىڭ بىرى ئىدى،1938-يىلى ناھىيەگە ھاكىم بولغان) ئۇ كىشى 1935-يىلى 3-ئايدا پەننىي مەكتەپ ئېچىشنىڭ بەزى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە مۇھەممەد ھاجىغا مەكتەپ ئېچىش توغرىسىدا مەسلىھەت سالغان ھەم كۆپ ياردەملەرنى قىلغان ئىكەن. ئۇ كىشىدىن باشقا شۇ چاغدىكى مەرىپەتپەرۋەر دىننىي زات ھاپىز داموللا قەشقەرگە بېرىپ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغاچقا، ئۆزى تەربىيەلەۋاتقان تالىپلارنى مەھەممەت ھاجى قۇرغان بۇ پەننى مەكتەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ، پىكىر جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋەتلىگەن . قادىر ئابدۇللا، ئىمىن نىياز، توختى باۋۇدۇنلار ھەمدە قەشقەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئىمىن قارى قاتارلىقلار تۇنجى ئوقۇتقۇچىلىققا قويۇلغان. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى باشتىن- ئاخىر ۋاقتىدا شەخسىي يېنىدىن تارقىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭ مال-چارۋىلىرىنى تاغدا ئاساسەن قىرغىز قېرىنداشلار باقىدىغان بولۇپ، ئۇ قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ساۋاتسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىپ،1936-يىلى تاغدا (ئاقچى ناھىيەسى بىلەن كەلپىن ناھىيەسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغ بۆلىگى غوڭغىراچ دېگەن جايدا) قىرغىز بالىلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ساۋات چىقىرىش سىنىپى ئېچىپ يۈرچى يېزىسىدىن يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ دەرىس ئۆتكۈزگەن. قىرغىز قېرىنداشلار ئىنتايىن مەمنۇن بولغان. 1937-يىلى 3-ئايدا ئۇ ئۆز ئائىلىسىدە قىزلار باشلانغۇچ سىنىپى ئېچىپ 20 قىز ئوقۇغۇچىنى قۇبۇل قىلىپ مامۇت مامۇر (1919-1992)، ئابدۇللا تالىپ(1923-2005)لارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان.1937-يىلى سىتالىننىڭ كۆرسەتمىسى، جاللات شىڭسىسەينىڭ پىلانلىشى ۋە ئىسھاقبەگە مونۇلۇپنىڭ ئاستىرىتتىن ماسلىشىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇرت ئاقساللىرىنى، بايلارنى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ياشلارنى قەتلە قىلىش ئۈچۈن تەشكىلەنگەن ئەترەتتىكىلەر (تۆتىنچىلەر تەرىپىدىن) ناھىيە بازىرىدىن 75 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ھازىرقى قىزىلتام دىگەن يەردە قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن. جەسىتى يەرلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەرىپىدىن كالا ھارۋىسى بىلەن ناھىيە بازىرىغا قايتۇرۇلۇپ كىلىنىپ دەپىن قىلىنغان. شۇ چاغدا كەلپىندە مۇھەممەت ھاجى قاتارىدا 83 نەپەر يۇرت ئاقساقىلى ۋە مەرىپەتپەرۋەر ياشلار ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، چوڭلار قىلىچ بىلەن چېپىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ياشلار بولسا تۆمۈر كالتەك بىلەن ئۇرۇلۇپ قۇدۇققا تىرىك تاشلىۋېتىلگەن بولۇپ شۇ چاغدىكى بىر قىسىم كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە قۇدۇققا تاشلانغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازلىرى بىر نەچچە كۈنگىچە ئاڭلىنىپ تۇرغان، بىراق ھىچكىم قۇتۇلدۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىكەنمىش….. مەھەممەد ھاجىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى قىرغىز قېرىنداشلارغا يىتىپ بارغاندا ئۇلار ئىنتايىن قايغۇرغان، يېغا-زارى قىلىشقان، بەزىلىرى كەلپىنگە كېلىپ ئۇنىڭ مەقبەرىسىنى يوقلاپ دۇئا قىلغان ، كەلپىن تارىخىدا تۇنجى مەرىپەت مەشئىلىنى ياندۇرغان بۇ ئوت يۈرەك ئەزىمەت كەلپىنلىكلەر تەرىپىدىن مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدۇ.

كەلپىن تارىخىدا 2-قېتىم ئۆزى خىراجەت چىقىرىپ پەننىي مەكتەپ ئاچقان كىشى ئاچال يېزىسىدىن تالىپ داۋۇت(1919-1997)ئۇ كىشى ئاچال يېزىسىنىڭ چىلان كەنتىدىن بولۇپ 1958-يىلغىچە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتە خەلق ئىشلار خىزمىتىنى ئىشلىگەن . كېيىن خىزمەتتىن ئايرىلىپ ، ھازىرقى ساجىڭزا( قۇمقۇدۇق ) قا قايتىپ كېلىپ تىجارەت بىلەن شوغۇللانغان ھەم نۇرغۇن كالا باققان. بالىلىرى ئاتىسىنى ھەج قىلدۇرۇش ئۈچۈن 30 مىڭ يۈئەن تەييارلاپ بەرگەن. ئۇ چاغلاردا ساجىڭزا يول بويى ئىنتايىن بازارلاشقان ،ئاۋاتلاشقان بولۇپ سودا-سېتىق، تىجارەت، ئاشخانا، مېھمانخانا كەسىپلىرى ئىنتايىن روناق تاپقان بولغاچقا ھەرقايسى جايلاردىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. بىراق بۇ جايدا ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپ بولمىغاچقا بالىلار ساۋاتسىز قېلىشقا باشلىغان. بالىلارنىڭ بۇنداق ساۋاتسىز قېلىش ئەھۋالىغا چىداپ تۇرالمىغان تالىپ داۋۇت «ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغىنىمدىن ، بۇ پۇلغا مەكتەپ ئېچىپ ساۋاتسىز بالىلارنى ئوقۇتقۇنىم ياخشى ئەمەسمۇ؟» دەپ ئويلاپ، 1987-يىلى ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي سېلىپ ، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىسىدە تۇرۇپ قالغان ھېلاخۇن ئىمىن، ۋېلى مەمەت، گۆھەر سايىم، گۇلزار ئەركىن قاتارلىق زىيالىلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىپ شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى 46 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قۇبۇل قىلىپ رەسمى ئوقۇش باشلىغان. ئوقۇتقۇچىلارغا دەسلەپتە 150 يۈەندىن ،كېيىنرەك 200 يۈەندىن،1991-يىلىغا كەلگەندە 260 يۈەندىن ئىش ھەققى بەرگەن. (باشتىن ئاخىر ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان رەسمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىدىن تۆۋەن بولمىغان. بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئېشىپ كەتكەن. مەكتەپ يوقلىمىسى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى ئىزچىل يولغا قويغان.) 1992-يىلى تالىپ داۋۇت قېرىپ كەتكەنلىكتىن ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئەتراپتىكى خەنزۇ مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇغاچقا، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن مەكتەپنى تاقاشقا مەجبۇرى بولغان. شۇنداق قىلىپ 1992-يىلى 314-نۇمۇرلۇق ئۈرۈمچى-قەشقەر دۆلەت تاشيولىنىڭ 1065-كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە 5 يىل نۇر چاقناتقان خاسىيەتلىك ئۇۋا-«تالىپ داۋۇت پەننىي باشلانغۇچ مەكتىپى» تاقىلىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قايتۇرۇلغان. بەش يىل جەريانىدا ئوغلى ئەركىن تالىپ ئىقتىسادى جەھەتتە قوللاپ-قۇۋەتلەپ ئاتىسىغا ئىزچىل مەدەت بولۇپ كەلگەن.(ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ ئورنى دۇكان قىلىنغان) كىشىلەر تالىپ داۋۇتنىڭ خالىسانە روھىدىن سۆيۈنۈپ ،گەرچە ھەرەمگە چىقمىغان بولسىمۇ «تالىپ ھاجى»دەپ ئاتىشىدۇ ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلىشىدۇ. (بىراق بۇ زاتنىڭ مەكتەپ ئېچىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشى، گەرچە يېقىندا يۈز بەرگەن بولسىمۇ تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلمىگەچكە ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن) بۇ زاتنىڭ يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ تارىخىدىكى ئورنى ۋە رولىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

نۆۋەتتە ھالال تىجارەت بىلەن بېيىغان:زۇلپىقار ئەبەيدۇللا (شىنجاڭ ھەرەمباغ زەنجىرسىمان يىمەكلىك پاي چەكلىك گوروھىنىڭ لىدىرى)، خالىق ھاپىز (شىنجاڭ كارۋان سودا مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى) ، سەمى مۇھەممەت (راۋا سودا چەكلىك شىركىتىنڭ خوجايىنى،ئاقسۇ ئۇلۇغ ئاتا تىل تەربىيەلەش خۇسۇسىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى)، ئادىل نىياز ( شىنجاڭ ئەلنۇرى شىركىتىنىڭ خوجايىنى)، ۋاھاپ موسا (كەلپىن تۇتىم دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىۋىنىڭ مۇدىرى)،ئەخمەتجان مۇھەممەت (كەلپىن ئەزىمەت سودا يۈك-تىرانسىپوت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرىكتورى) قاتارلىقلار مەرىپەتپەرۋەر، مائارىپ سۆيەر،مەدەنيەتلىك بايلاردىن بولۇپ، ھەر يىلى 6-ئاي ۋە 9-ئايلاردا ئاز بولمىغان مەبلەخ ئاجىرتىپ مۈنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ۋە ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ مائارىپنى قوللاش جەھەتتە ئۈلگە تىكلەپ بەرمەكتە…

كەلپىنلىكلەر شۇنداق دەيدۇكى: بىزنىڭ نۇپۇسىمىز ئاز، سۈيىمىز قىس، چىقىش يولىمىز مائارىپتا. مائارىپ بىزنىڭ ھاياتلىق يولىمىز، نىجاتلىق يولىمىز، چىقىش يولىمىز، غەلبە يولىمىز. مائارىپتىن ئىبارەت ئەڭگۈشتەر بىزنى ئاجايىپ شان-شەرەپلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. باشقىلار بىزدىن « سىلەرنىڭ تۈزۈكرەك نېمەڭلار بار دەپ سورىسا » بىز « بىزنىڭ مائارىپىمىز بار » دەپ جاۋاپ بېرىمىز دېيىشمەكتە…..كەلپىنلىكلەرنىڭ مائارىپ روھى- كەلپىنلىكلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بارلىق قىممەتلىك روھلارنىڭ سەركىسى.

مەسىلىنىڭ ھەر بىر نوقتىسىنى ئەقىل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن كەلپىنلىكلەر تاغ بۇلاق يۇرتى-كەلپىن دىيارىدا تىنىمسىز مائارىپ ھەققىدە پىكىرلەشمەكتە، مائارىپنىڭ غېمىنى يىمەكتە…. مەرىپەت مەشئىلى ياندۇرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىزدىنىشچان ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك پىچىرلاشماقتا:

ئوقۇتقۇچىلار:

ھالال ئەمگەك ئالىمىدە سۇلتان بىز،

ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئالغان بىز ،

گۈزەل كەلپىن دىيارىدا ئوت بولۇپ،

ئەۋلات ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يانغان بىز.

ئوقۇغۇچىلار:

مەرىپەتنىڭ يوللىرىدا كارۋان بىز،

تۈسۈن تايدەك نۇر قوينىغا چاپقان بىز،

قاراڭغۇلۇق ئالدىمىزنى توسقاندا،

قەلبى ئاتەش ئۇستازلارنى تاپقان بىز.

ئوقۇتقۇچىلار:

جاراڭلايدۇ ئانا ۋەتەن بۇيرۇقى،

بىزگە كۆپتۇر بۇ دەۋىرنىڭ سورۇقى،

بىز مىللەتنىڭ ئۆپكىسى ۋە قۇلۇقى،

يارىتىمىز ھاياتلىققا ئىمكان بىز.

ئوقۇغۇچىلار:

تىرىشىمىز-تىرمىشىمىز ھارمايمىز،

باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالمايمىز،

رىقابەت ۋە كۆرەكلەردە چانمايمىز،

كېلەچەكتە بولالايمىز چولپان بىز.

ئوقۇتقۇچىلار:

يۈرەكلەردىن ئاقار مېھىر-مۇھەببەت،

قول سىلكىيدۇ ئەنە بىزگە سائادەت،

راھەت بىزگە چەككەن ھەر بىر مۇشاقەت،

ئەۋلاد ئۈچۈن تائەبەتكە قالقان بىز.

ئوقۇغۇچىلار:

ئانا مەكتەپ بىزنىڭ يۈكسەك تېغىمىز،

خۇشپۇراقلىق گۈل-چېچەكلىك بېغىمىز،

ئۆتەر ئۇندا خوشال ئالتۇن چېغىمىز،

كېلەچەكتە ۋەتەن ئۈچۈن گۇلخان بىز…..

دېمەك، كەلپىنلىكلەرنىڭ مائارىپ روھى-بىر پۈتۈن كەلپىن روھىنىڭ ئۇل تېشىدۇر. ئۆز نۆۋىتىدە كەلپىنلىكلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، ئىناقلىق روھى، جاپاغا چىداش روھى، ھەققانىيەتچىلىك روھى، مېھماندوستلۇق روھى، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش روھى، ئۇچۇر روھى، ئىگىلىك تىكلەش روھى، ئۆزلۈك روھى، ئۆلۈم روھى ۋە كۆچۈش روھى قاتارلىق قىممەتلىك روھلىرىنى چېچەكلەتكەن، كۆكلەتكەن، مىۋىلەتكەن …. ‹‹مۇنبەت تۇپراق››تۇر ھەم غەزىنە كانىدۇر. كەلپىنلىكلەرنىڭ مائارىپ روھىدىن ئۇزۇق ئالغان قەيسەر، چىداملىق، تىرىشچان،ھايالىق،ئۇيۇشقان، يۇمۇرىستىك …كەلپىن ئوغۇل-قىزلىرى ئۆزلىرىدىن ئىلغار روھلارغا ئىگە قېرىنداشلىرىدىن ئۆگىنىپ ، تىرىكچىلىك ھارۋىسىنىڭ يېڭى يوللىرىنى بەرپا قىلىپ كەلپىن روھىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغۇسى! شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ، ۋەتىنىمىزنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشۇشتا ئەقىل-پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلغۇسى!!!


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى