كەندىر توقۇمىچىلىقى

ئورنى Wikipedia

     بىزدىكى كەندىر توقۇمىچىلىقى ئەڭ ئىپتىدائىي توقۇمىچىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي تۇرمۇشىدىن باشلاپلا ياۋا كەندىر تالالىرىدىن پايدىلانغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىم توقۇپ كىيگەن. دىيارىمىزنىڭ‹‹لوپنۇر كەندىرى›› دەپ ئاتالغان ياۋا كەندىرى قەدىمدىن بۇيان ناھايىتى داڭلىق مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ تارىم دەرياسى بويلىرىدىن ناھايىتى كۆپ چىقىدۇ. خەلقىمىزدە قول توقۇمىچىلىقى تەرەققىي قىلغان مەزگىلدە يەكەن قاتارلىق جايلاردا ياۋا كەندىرلەرنى بىر مەزگىل كۆمۈپ قويۇش ئارقىلىق تالالىرىنى غولىدىن ئاجرىتىپ (بۇنداق قىلغاندا تالالىرى پۈتۈن چىقىدۇ)، ئۇنى شاخار سۈيى بىلەن قاينىتىپ تالالىرىنى ئاجرىتىپ، ئۇنىڭدا ئەڭ داڭلىق شايى –  ئەتلەس، كىمخاب، تەتىللا ۋە ھەرخىل داستىخان(كاناپ داستىخان كەندىر تالاسىدا توقۇلغان)، چۈمبەل (پەرەنجە)، ئەغۋانە قاتارلىقلارنىڭ رەخلىرىنى توقۇغان. ئادەتتىكى مالچىلار كەندىردىن زەمبىل، قوتان ئىشىكى، قاشا ياساشتىن باشقا يەنە يەرلىك ئۇسۇلدا كەندىرنىڭ تالالىرىنى ئاجرىتىپ، پالاس، ئارغامچا قاتارلىقلارنى توقۇغان، ئەشكەن. بۈگۈنكى كۈندە كەندىر يىپ توقۇلمىلىرى دىيارىمىزنىڭ ئېسىل يەرلىك مەھسۇلاتى سۈپىتىدە مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلەنمەكتە. [1]

  1. ئاپتۇر: بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار؛ مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى؛ ۋاقىت: 2009- 04- 17 12:40؛ تور ئادىرسى: http://uy.ts.cn/wenhua/content/2009-04/17/content_181062.htm