كەپتەرنىڭ مېڭىسىگە ئۆزەك ئورناتتى، يىراقتىن كونترول قىلالايدۇ
كەپتەرنىڭ مېڭىسىگە ئۆزەك ئورناتتى، يىراقتىن كونترول قىلالايدۇ
خەۋەر قىلىنىشىچە، رۇسىيەنىڭ Neiry شىركىتى مېڭە-كومپيۇتېر ئېغىزى (BCI) ئورۇنلاشتۇرۇلغان «كەپتەر بىئو ئۇچقۇ»سىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.
بۇ تېخنىكىنىڭ يادروسى شۇكى، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق، ستېرېئولۇق يۆنىلىش بەلگىلەش ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ، مىكرو ئېلېكترودلارنى كەپتەر مېڭىسىنىڭ ھەرىكەت پوستلاق قەۋىتىگە دەل جايىدا كۆچۈرىدۇ. بۇ ئېلېكترودلار نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىشىدىن ھاسىل بولغان ئاجىز ئېلېكتر سىگناللىرىنى تۇتالايدۇ، بۇ خۇددى مېڭىنىڭ بەدەنگە ئەۋەتكەن «ئۇچۇش بۇيرۇقى تېلېگراممىسى»نى توسۇۋالغانغا ئوخشايدۇ.
مەخسۇس ياسالغان نېرۋا ئۆزىكى (Neural Chip) نىڭ ياردىمىدە، مەشغۇلاتچىلار بۇ سىگناللارنى يېشىپ، خۇددى ئادەتتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كونترول قىلغاندەك، كەپتەرگە ئېنىق ئۇچۇش ۋەزىپىسى بۇيرۇقلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ.
بۇ خىل بىئولوگىيە بىلەن ماشىنا بىرلەشتۈرۈلگەن لايىھە ئۇدا ئۇچۇش ئىقتىدارى جەھەتتە قالتىس ئەۋزەللىكنى نامايان قىلغان. كەپتەر ئۆزىنىڭ مېتابولىزمىغا تايىنىپ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بىر قېتىملىق ئۇچۇش ۋاقتى بىر قانچە سائەتكە يېتىدۇ، ئۇنى يېتىشتۈرۈش تەننەرخىمۇ ئوخشاش ئىقتىداردىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ياساشتىن كۆپ تۆۋەن.
ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، PJN-1 دەپ نام بېرىلگەن ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان كەپتەرنىڭ كۈندىلىك ئۇچۇش مۇساپىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 310 مىل (تەخمىنەن 500 كىلومېتىر) غا يېتىدىكەن. سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، باتارېيە سىغىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى توكلۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۇدا ئۇچۇش ئىقتىدارى ۋە مەشغۇلات دائىرىسى نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ «بىئو ئۇچقۇ»نىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك، ئۇزۇن ۋاقىتلىق ھاۋا ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
نۆۋەتتە بۇ تۈر تېخى دەسلەپكى سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاكتىپ باھالىماقتا. كەلگۈسىدە، Neiry شىركىتى بۇ تېخنىكىنى قاغا، دېڭىز بۈركۈتى قاتارلىق تېخىمۇ چوڭ تىپتىكى، ئۇچۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك قۇشلارغا كېڭەيتىپ قوللىنىپ، تېخىمۇ ئېغىر يۈكلەرنى توشۇشنى پىلانلىماقتا.
ئادەتتىكى پوچتا كەپتىرىنىڭ بىر كۈندىكى ئۇچۇش مۇساپىسى ھاۋارايى، كەپتەرنىڭ نەسلى، مەشىق قىلىش ئەھۋالى ۋە شامال يۆنىلىشى قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق.
مەشىق كۆرگەن ساغلام پوچتا كەپتىرى بىر كۈندە ئادەتتە 600 كىلومېتىردىن 800 كىلومېتىرغىچە (تەخمىنەن 370-500 مىل) ئۇچالايدۇ.
بۇ خەۋەردىكى «بىئو-ئۇچقۇ» (PJN-1) نىڭ كۈندىلىك 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىسى ئەسلىدە تەبىئىي پوچتا كەپتىرىنىڭ نورمال ئۇچۇش ئىقتىدارى دائىرىسىدىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ماشىنا ئارقىلىق كونترول قىلىش تېخنىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇ كەپتەرنى «ئۆزى خالىمىغان يەرگە» ياكى «بەلگىلەنگەن مۇرەككەپ لىنىيە بويىچە» ئۇچۇشقا مەجبۇرلىيالايدۇ، ھالبۇكى تەبىئىي پوچتا كەپتىرى پەقەت ئۆيىگە (تۇغۇلغان يېرىگە) قايتىشنىلا بىلىدۇ.
مەنبە: ئالپ سالونى