كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى
كۆرۈنۈش
كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى ياكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى (843 - 1132) بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە ئەتراپىدا قۇرۇلغان تۈرك - ئۇيغۇر دۆلىتى.
ئورخۇندىن كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ئىرسىن ۋادىسى (ھازىرقى نىڭشىيادا) دىن تارتىپ كەڭسۇنىڭ جاڭيې، ۋۇ ۋېي قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ماكانلاشتى. چۈنكى ئۇ جايلاردا قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار ياشاپ كەلگەنىدى. بۇ جايلارغا كۆچكەن ئۇيغۇرلار ياغلاقار قەبىلىسىنى ئاساس قىلغان قەبىلە - ئۇرۇقلار ئىدى. بۇلار كەڭسۇدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ 870 - يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى.