كەڭقىر قىرغىز يېزىسى

ئورنى Wikipedia
كەڭقىر قىرغىز يېزىسى

康克尔柯尔克孜族乡.

كەڭقىر قىرعىز ايىلى

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر قىرغىز
تىللار ئۇيغۇرچە قىرغىزچە
كەنت سانى 2 دانە
نوپۇس 2 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كەڭقىر قىرغىز يېزىسى گۇما ناھىيىسى نىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. گۇماناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر كېلىدۇ، قارا قۇرۇم تېغى جىلغىسىنى بويلاپ سانجۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئىككى قىرغاق رايونىغا جايلاشقان. بۇ يېزىدىكى «سانجۇ قىياتاش رەسىملىرى» ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەپ بېكىتىلگەن

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

قارىمىقىدا ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بولۇپ:

  • كەڭقىر كەنتى؛
  • ئۇلاچى كەنتى؛
  • سېرىققىر كەنتى قاتارلىقلار.