Jump to content

لاپۇ-لاپۇ

ئورنى Wikipedia

لاپۇ-لاپۇ (Lapu Lapu، يەرلىك تارىخىي بەلگىلەرگە ئاساسەن خەلىپە پۇكالا\Halife Pulaka؛ تو. 1491؟ — ئۆ. 1547؟) فىلىپپىندىكى ماكتان (Mactan) ئارىلىنىڭ پادىشاھى. فىلىپپىننىڭ تۇنجى ئۇلۇسال قەھرىمانى. ئۇ 1521 - يىل 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ماكتان خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سېبۇ ئارىلىدىن بېسىپ كىرگەن ماگېللان باشچىلىقىدىكى ئارمىيەنى مەغلۇپ قىلغان. ماگېللان شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ئۆلگەن. ئىسپانىيەنىڭ كېمىلىرى چېكىندۈرۈلگەن. لاپۇ-لاپۇ فىلىپپىن خەلقى تەرىپىدىن ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك-تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قەھرىمان، دەپ ئاتالغان.