Jump to content

لوزان شەرتنامسى

ئورنى Wikipedia

لوزان شەرتنامىسى (فرانسۇزچە: Traité de Lausanne؛ تۈركچە: Lozan Antlaşması) ياكى لۇزاننا شەرتنامىسى: تولۇق ئاتىلىشى — «ئانتانتا ۋە ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيىگە قارىتا سۈلھ شەرتنامىسى».

1923 - يىل 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە، يۇگوسلاۋىيە قاتارلىق يەتتە ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن يېڭىلگۈچى دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى شۋېتسارىيەنىڭ لۇزاننا (Lausanne) يىغىنىدا ئىمزالىغان.

1922 - يىلى كۈزدە، كامال رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە مىللىي ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىنىڭ قوللىشىدىكى گرېتسىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىپ دۈشمەن قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان سۇلتاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە «سەۋر شەرتنامىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ھەمدە يېڭىدىن «لۇزاننا سۈلھ شەرتنامىسى» نى تۈزگەن.

شەرتنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:

[تەھرىرلەش]

تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئاساسىي تېررىتورىيىسىنى تولۇق ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، ئىزمىز رايونى بىلەن شەرقىي فراكىيىنى قايتۇرۇۋالىدۇ؛

تۈركىيە مىسىر، ماراكەش، لىۋىيە قاتارلىق جايلاردىكى زېمىن تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ؛

دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىگە قىلغان قوراللىق مۇداخىلىسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە چىقىمغا قارىتا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۆلەم تۆلىتىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىدۇ؛

فرانسىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى كۈچ دائىرىسى ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى زېمىنىدىن تاشقىرى بارلىق ھوقۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، تاموژنىغا تۈركىيە ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، دېڭىز بوغۇزىدا خەلقئارا ئەركىن قاتناش يولغا قويۇلىدۇ، دېگەن پرىنسىپلاردىن ئىبارەت.

مەنبەلەر

[تەھرىرلەش]


  1. تارىخ لۇغىتى، لۇزاننا شەرتنامىسى ماددىسى.