لى جەنشۇ

ئورنى Wikipedia
لى جەنشۇ

 لى جەنشۇ، ئەر، خەنزۇ، 1950- يىلى 8- ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي پىڭشەندىن، 1972- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خېبېي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئالىي دەرىجىلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ماگىستىرى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

  1971- يىلىدىن 1972- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك مالىيە- ئىقتىساد مەكتىپىنىڭ مال باھا كەسپىدە ئوقۇغان.

  1972- يىلىدىن 1976- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1976- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسى ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى، بۆلۈم باشلىقى بولغان(بۇ مەزگىلدە 1980- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە خېبېي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى كەچلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان).

  1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى ۋۇجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  1985- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.

  1986- يىلىدىن 1990- يىلىغىچە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خېبېي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1988- يىلى 2- ئايدىن 1988- يىلى 8- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيەسى بويىچە تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1990- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ بولغان.

  (1992- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىرتتىن ئوقۇتۇش ئىنستىتۇتىدا ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان).

  1997- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.

  1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان.

  (1996- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى مالىيە- ئىقتىساد فاكۇلتېتى سودا ئىقتىسادشۇناسلىقى كەسپى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان).

  2000- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2002- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2002- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان (بۇ مەزگىلدە 2005- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ئالىي سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان).

  2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2008- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، گۇيجۇ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2012- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى.

  16- ، 17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى.