Jump to content

لى پېڭشىن

ئورنى Wikipedia

لى پېڭشىن (خەنچە:李鹏新؛ تو: 1960، دېكابر —) ، شەنشى ئۆلكىسى شىنجۇ شەھىرى شېنچى ناھىيىسىددىن. ئەر، خەنسۇ. 1977 - يىلى 12 - ئايدا خىزمەتكە چۈشكەن ۋە 1984 - يىلى 9 - ئايدا جۇڭگو كومپارتىيىسىگە قاتناشقان. چىڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىل - ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپى باكالاۋرى ھەمدە جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ئاسپىرانتى. بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ كاتىپى بولغان. 2023 - يىلى ج خ ج مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەتلىك نازارەتچىلىك كومىتېتى تەرىپىدىن قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلگەن ۋە 2024 - يىلى ھەم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ھەم پارتىيىدىن قوغلانغان.

2025 - يىل 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى باۋجى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار لى پېڭشىنغا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەم بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بەردى، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىككى يىل توشقاندا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا كېمەيتىلگەندىن كېيىن، ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، جازانى كېمەيتىشكە، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ؛ لى پېڭشىننىڭ قايتۇرغۇزۇش ئەنگە ئېلىنغان جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن مال-مۈلكى ۋە تۇغۇندىسى قانۇن بويىچە دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ، يەتمىگەن قىسمى داۋاملىق تۆلىتىۋېلىنىدۇ.[1]

پايدىلانما

[تەھرىر]
  1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن 1-سوتتا ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى، شىنجاڭ خەلق تورى، 2025-05-01 كۈنى مۇقىمدالدى.