ليۇ زىشياۋ
ليۇ زىشياۋ (خەنچە: 刘志霄؛ ئوقۇلۇشى: Liú Zhìxiāo؛ ليۇ جشياۋ) خەنزۇ تارىخچى، تەتقىقاتچى، غۇلجادا تۇغۇلغان. ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق بىلەتتى.[1]
جۇڭگو تەۋەسىدە ئېتىراپ قىلىنغان تۇنجى «ئۇيغۇر تارىخى» (维吾尔族历史) كىتابىنىڭ مۇئەللىپى بولۇپ، 1967 - يىلىدىن باشلاپ بۇ ئەسىرىنى يېزىشقا باشلاپ، 1976 - يىلى ئالدىنقى سەككىز بابنى تەييارلاپ سەيپىدىن ئەزىزىگە تاپشۇرغان. كىتابنىڭ تۇنجى نەشرى 1984 - يىلى سەيپىدىن ئەزىزى تەرىپىدىن يېزىلغان.[2]
ئۇيغۇر تارىخى ئەسىرى ئۈچ قىسىم بولىدىغان شەكىلدە پىلانغان بولۇشى كېرەك، لېكىن پەقەت ئىككى قىسىم نەشر كۆرگەن:
بىرىنچى قىسىم خەنزۇچە نەشرى 1985 - يىل 8 - ئايدا (书号: 11049.17)، (1) كىتاب 613 بەت، (2) كىتاب 596 بەت، توپلام 1209 بەت؛ 1987 - يىل 10 - ئايدا تۇنجى قېتىم مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشردىن چىققان (书号:M1149(4)28).
ئەسەرنىڭ خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئىككى نۇسخىسى بولۇپ، ھەر ئىككى تىلدىكى نۇسخىغا ليۇ زىشياۋ ئۆزى قاتناشقان.[3]
ئىككىنچى قىسىم خەنزۇچە نەشرى 1996 - يىل 12 - ئايدا نەشردىن چىققان (ISBN 7-5004-1950-3). ئۇيغۇرچە نەشرى (1) كىتاب 844 بەت، (2) كىتاب 852 بەت، توپلام 1696 بەت؛ 2003 - يىل 6 - ئايدا تۇنجى قېتىم شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشردىن چىققان (ISBN 7-228-08108-0).
مەنبە(لەر)
[تەھرىر]- ↑ بەيدۇ «ئۇيغۇر تارىخى» ماددىسى. 2025-04-21 كۈنى مۇقىمدالدى.
- ↑ ليۇ زىشياۋ، «ئۇيغۇر تارىخى»، كىرىش سۆز ئورنىدا 1- بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1987.
- ↑ ليۇ زىشياۋ، «ئۇيغۇر تارىخى»، كىرىش سۆز ئورنىدا 4- بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1987.