Jump to content

لۇئىس بارتوۋ

ئورنى Wikipedia

جان لۇئىس بارتوۋ (Jean Louis Barthou؛ ت. 1862 — ئۆ. 1934). سابىق فرانسىيە باش مىنىستىرى (1913). فرانسۇز پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1918-يىلى). 1884 - يىلى ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت ئورنى قۇرغان. 1889 - يىلىدىن باشلاپ پالاتا ئەزاسى 1922 - يىلىدىن باشلاپ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. جامائەت قۇرۇلۇشى مىنىستىرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئەدلىيە مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. قىسقا مۇددەت زۇڭلى بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە ھەربىي كۈچنى كۈچەيتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 1919-يىلى پارىژ سۈلھ كېلىشىمىگە قاتناشقان. 1922-يىلى فرانسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، گېنويە يىغىنىغا قاتناشقان. تۆلەم كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىدە گېرمانىيىگە نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيىدە بولغان ھەمدە كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى فرانسىيىنىڭ ياۋروپادىكى ستراتېگىيىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. 1934-يىلى 2-ئايدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بىرلىشىشنى «شەرق ئەھدىنامىسى» تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان؛ خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوبۇل قىلىشنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، ئېكسكۇرسىيىگە كەلگەن يۇگوسلاۋىيە پادىشاھى ئالىكساندرⅠ بىلەن بىللە مارسېلدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ «ھاياتىمدىكى سەيلە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.