لۇڭخۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى

ئورنى Wikipedia

لۇڭخۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، گۇيشى، يۈجياڭ ناھىيىلىرىگە ھالقىغان، كۆلىمى 200 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ.

لۇڭخۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
ئۇيغۇرچە نامى لۇڭخۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
تەۋە دۆلەت جۇڭگو
خەنزۇچە نامى 龍虎山風景名勝區
تەۋە رايون جياڭشى ئۆلكىسى
مەنزىرە نۇقتا دەرىجىسى AAAAA دەرىجىلىك

قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

لۇڭخۇشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − جياڭشى ئۆلكىسى يىڭتەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا، گۇيشى، يۈجياڭ ناھىيىلىرىگە ھالقىغان، كۆلىمى 200 كۋادرات كىلومېتىرچە كېلىدۇ. لۇڭخۇشەن تېغى يىشەن تاغ تىزمىسىغا تەۋە بولۇپ، تىپىك «دەنشا يەر شەكلى» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مەنزىرىلىك رايوندا چوققا، قىيا، كۆل ۋە ئېرىقلار كۆپ بولۇپ، لۇڭخۇشەن، پەيياشى، جاڭجياشەن، چېنخۇشەن، ۋۇخۇ كۆلى قاتارلىق160 نەچچە مەنزىرە نۇقتىسى بار، مەنزىرىلىك رايوننى كېسىپ ئۆتىدىغان لۇشى ئۆستىڭى ھەرقايسى ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى ھەم كېمە بىلەن مەنزىرە كۆرۈش، ھەم پىيادە ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. لۇڭخۇشەن تېغىدا گۇمانىتار كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن كۆپ، ئۇ يەردە تويىن دىنى ھەق بىر مەزھىپى پەيدا بولغان جاي، يەنى تويىن دىنىنىڭ مەشھۇر داشاڭچىڭگۇڭ ئىبادەتخانىسى بار. شيەنشۇييەن قىياسىدىن فېيمازۇ قىياسىغىچە بولغان 10 چاقىرىمچە ئۇزۇنلۇقتىكى قىيا ئۆڭكۈرلىرىدە ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرىدىكى قەدىمكى يۆ مىللىتىنىڭ قىيالىق قەبرىلىرى بار. لۇڭخۇشەن تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شياڭشەن تېغىدا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دالى ئالىمى لۇ جيۇيۇەننىڭ «شياڭشەن بىلىم يۇرتى» قاتارلىقلار بار.