لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ

ئورنى Wikipedia

لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى چىتادا تۇغۇلغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، روسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى لازارېف جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى تۇرۇشلۇق پونكىتىنىڭ دوختۇرى.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە ئىسمى :لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ


باشقا نامى :Leonid Ivanovich Rogozov

دۆلەت تەۋەلىكى :رۇسىيە

مىللىتى :رۇس

يۇرتى :رۇسىيە فېدېراتسىيەسى چىتا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1934-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :2000-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى

كەسپى :دوختۇر

شەخس تونۇشتۇرۇلۇشى[تەھرىرلەش]

لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ 1934-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ يېڭى لازارېف جەنۇبىي قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پونكىتى تۇرۇشلۇق پونكىتىنىڭ دوختۇرى.

ئىش-ئىزلىرى[تەھرىرلەش]

لېئونىد ئىۋانوۋىچ روگوزوۋ1961-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپ يانپاش سۆڭىكى قىسىمى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن ھەمدە كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قالغانلىقىنى ھۆكۈم قىلغان. ھاۋارايى ناچار بولغاچقا، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كېلىپ قۇتقۇزىشىغا ئامال بولمىغان. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى ئۆزى ئوپىراتىسيە قىلىش قارارىنى دادىللىق بىلەن چىقارغان.

1961-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇ سەپداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزى ئۆزىگە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيىسى قىلغان.

سەپداشلىرى سېسترا بولغان، ئۇ ئۆزى دوختۇر ھەم بىمارنىڭ رولىنى تەڭ ئالغان. ئوپىراتسىيەدە قىسمەن ناركوز قىلىش ئۇسۇلى قوللانغان، شۇنداق بولسىمۇ، ناركوز دورىسى نېرۋىسى غۇۋالىشىش قاتارلىق ناچار تەسىر كۆرسەتكەن. سەپداشلىرى تۇتۇپ بەرگەن ئەينەككە قاراپ، ئۇ  قورسىقىدىن 12 سانتىمېتىرلىق تۆشۈك ئېچىپ ئوپىراتسىيە قىلغان. ئوپىراتسىيە 105 مىنۇت داۋام قىلغان. ئاخىرىدا ئۇ ئوڭۇشلۇق تاماملاپ بولغان ھەمدە يارا ئېغىزنى ئۆزى تىككەن. نەچچە كۈندىن كېيىن يىپلىرىنى ئوڭۇشلۇق تېرىۋەتكەن. شۇ يىلى ئۇ 27 ياشتا بولۇپ دۇنياغا داڭ چىقارغان.

جامائەتنىڭ باھاسى[تەھرىرلەش]

ئۇ تارىختىكى ئەڭ قەيسەر دوختۇر: ئۆزىنى ئۆزى سوقۇر ئۈچەي ئوپراتسىيىسى قىلغان، بۇ پەقەت ھاياتلىق تىلەشتىكى ئىقتىدار بولۇپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ جاسارىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

مەنبە:ئىزدە قامۇسى