لېيجۈن

ئورنى Wikipedia

لېيجۈن، شىياۋمى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە لىدىرى. 1969-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى خۇبېي شىيەنتاۋدا تۇغۇلغان. 1987-يىلى تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ۋۇخەن ئۇنۋېرستىتىنىڭ كومپيۇتېر فاكولتىتىغا قوبول قىلىنغان.يۇقىرى يىللىقنىڭ دەرسلىرىنىمۇ قۇشۇپ ئوقۇپ پۈتۈن ئالى مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى ئىككى يىلدىلا تاماملىغان، ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسىرتاتسىيەسىنىمۇ يېزىپ پۈتتۈرگەن. شۇنىڭدىن كىيىن كومپيۇتېر بازارلىرىنى ئارىلاشقا باشلىغان.

نام - ئاتىلىشى[تەھرىرلەش]

ئۇيغۇرچە: لېيجۈن

خەنچە: 雷军

خەنچە لاتىن: Lei Jun

ئىگىلىك تىكلەش ھاياتى[تەھرىرلەش]

بىر خىزمەتدېشى بىلەن بىرلىشىپ DOSپىراگراممىسى يىزىشقا ئائىت بىر كىتاپ يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىككى يىل جەريانىدا مالىيە ۋە كومپيۇتېر بىخەرتەرلىكى دىگەندەك كۆپ ساھەلەرگە ئائىت كومپيۇتېر پراگراممىللىرىنى يازغان.ئىلىكتىر

ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك يوللىرىنى لاھىيەلاشكە قاتناشقان. ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلغان.بىرمەزگىل خاككىرمۇ بولغان. ئىككى يىلدا ۋۇخەندىكى بارلىق كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ خۇجايىنلىرى بىلەن كونا تونۇشلاردىن بولۇپ كەتكەن، ۋە ۋۇخەن ئىلىكتىر ساھەسىدە داڭق چىقارغان.ئالما شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ھىكايىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۇنۋېرستىتىنىڭ تۆتىنجى يىللىقىدا لېيجۈن ساۋاقدېشى ۋاڭ چۈەن گو لى رۇشيۇوڭلار بىلەن بىرلىشىپ سەنسې شىركىتىنى قۇرغان. لىكىن كىيىنچە كۆلىمى ئۇلارنىڭ شىركىتىدىن چوڭ بىر شىركەت قۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىنى تەقلىد قىلىپ تېخىمۇ كۆلەملىك تېخىمۇ ئەرزان ساتقانلىقى ئۈچۈن سەنسې شىركىتى تەس كۈنگە قالغان، لېيجۈنلار شىركەتنى ماڭدۇرۈپ تەرەققى قىلىش ئۇزاقتا تۇرسۇن ھەتتا كۈنىنى ئېلىشىمۇ تەسكە توختىغان. يېرىم يىلدىن كىيىن ۋەيران بۇلۇپ شىركەتنىڭ ئازغىنە مۈلۈكلىرىنى بۆلۈشكەن. ۋە بۇ لېيجۈننىڭ تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلىشى بولغان.1992-يىلى جىنشەن شىركىتىگە كىرگەن. ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئېچىش بۈلۈم دىرىكتورى، جۇخەي تارماق شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى  ۋە بېيجىڭ جىنشەن يومشاق دىتال شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى بولغان. لېيجۈن 22ياشتا جىنشەن شىركىتىگە كىرىپ 38ياشقىچە ئۇدا 16يىل ئىشلىگەن. ئارلىقتا جىنشەن شىركىتىنىڭ پېيىنى بازارغا سالغان. 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى لېيجۈن جىنشەن شىركىتى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن. 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى جىنشەن شىركىتىنىڭ باش لىردىرى بولغان.

باشقا ساھەدە[تەھرىرلەش]

لېيجۈن يەنە نامى چىققان مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ 20گە يېقىن شىركەتكە مەبلەغ سالغان.2010-يىلى 4-ئايدا جوڭگۇ گۇگول تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ لىن بىن، موتورولا بېيجىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالى باشقۇرغۇچىسى جوۋگۇاڭ پىڭ، بېيجىڭ پەن تېخنىكا ئۇنۋېرستىتى سانائەت لاھىيەلەش فاكولتىتىنىڭ مەسئولى ليۇدې، جىنشەن سىبا باش دىرىكتورى لى ۋەن چياڭ، مىكروسوفىت جوڭگو قۇرۇلۇش يۇرتىنىڭ ئېچىش باش مەسئولى خۇاڭ جياڭ جيى ۋە گوگولنىڭ خوڭگودىكى مەھسۇلات دىرىكتورى خوڭ فېڭ قاتارلىق بەش ئادەم بىلەن بىرلىشىپ شىياۋمى شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان. 2011-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ شياۋمى تىلفۇنلىرىنى بازارغا سالغان.