لېۋىس ھ. مورگان
لېۋىس ھېنرىي مورگان (ئىنگ. Lewis Henry Morgan؛ 1818 — 1881) ئامېرىكالىق ئېتنولوگ، ئىپتىدائىي جەمئىيەت تارىخشۇناسى. نيۇ-يورك شتاتىنىڭ ئاۋرورا دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.
1840 - يىلى بىرلەشمە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1844 — 1864 - يىللىرى روچېستېردا ئادۋوكات بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئىندىئانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش بىلەن مەشھۇر بولغان. 1847 - يىلى ئىروكىزلار ئىچىدىكى سېنېكا قەبىلىسىنىڭ قارچىغا قوۋمى ئۇنى بېقىۋالغان. 1861 — 1869 - يىللىرى نيۇ-يورك شتاتلىق يۇقىرى ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولغان. 1873 - يىلى بىرلەشمە شۆيۈەنىنىڭ پەخرىي قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1875 - يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1879 - يىلى ئامېرىكا ئىلىم-پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. «قەدىمكى جەمئىيەت» (1877) ۋە «ئىروكىزلار ئىتتىپاقى» (1851)، «ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانچىلىق تۈزۈمى» (1869) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزاققىچە ئىندىئانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ھەقىقىي تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىگىلىگەن كۆپلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ نىكاھ تۈزۈمى، تۇغقانچىلىق تۈزۈمى ۋە قوۋم تۈزۈمى ئۈستىدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارغان ھەمدە تۇنجى قېتىم «تىرىكچىلىك ماھارىتى» (تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى) تەرەققىياتىنى بەلگە قىلىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنى «ياۋايىلىق» ۋە «مەدەنىيەت» تىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە ئايرىغان. «قەدىمكى جەمئىيەت» تە ئاساسەن ماتېرىيالىستىك تارىخ قاراش بىلەن ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى بايان قىلىنىپ، باشلانغۇچ كوممۇنىزمنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، تارىخشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىيەت ساھەسىدە زور تەسىر قوزغىغان. ماركس ۋە ئېنگېلس ئۇنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەرگەن. ئېنگېلس «قەدىمكى جەمئىيەت» نى ئاساس قىلىپ، «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى» (1884) نى يېزىپ چىققان، مورگاننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ماتېرىيالىستىك تارىخ قاراشنى تاپقانلىقىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ بايقاشنى دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ، دېگەنىدى. ئۇنىڭ تۆھپىسى شۇ يەردىكى: «ئاساسىي خۇسۇسىيەت جەھەتتە يازما تارىخىمىزنىڭ بۇ تارىختىن ئىلگىرىكى ئاساسنى بايقىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى ھەمدە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تەشكىلاتلىرىدىن قەدىمكى يۇنان، رىم ۋە گېرمانىيە تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر تېخى يېشىپ بېرىلمىگەن سىرنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئاچقۇچنى تاپتى» («ماركس-ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى» 4-توم، خەلق نەشرىياتىنىڭ 1972-يىل خەنزۇچە نەشرى 2-بەت). ئۇ يەنە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرىدىغان، خەلقنى سۆيىدىغان ئالىم ئىدى. ئۇ نيۇ-يورك شتاتىنىڭ روچېستېر شەھىرىدە ۋاپات بولغان.