Jump to content

لەنەت ھەق بولۇۋاتامدۇ؟

ئورنى Wikipedia

لەنەت ھەق بولۇۋاتامدۇ؟

خەلق ۋەتەندە، خېمىرتۇرۇچ ۋەتەندە، نۇھنىڭ كېمىسى ۋەتەندە دېدۇق. نەچچە كۈندىن بېرىقى كېلىۋاتقان خەۋەر - ئۇچۇرلاردىن ۋەتەندە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىققا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى، يۇقۇملۇق باھانىسىدە سۇيىقەست شەپىسىدىن ئاگاھ بولۇش كېرەكلىكىنى، پەيتنىڭ مىدىراش پەيتى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتۇق. سىياسەت كوچىسىغا چىقىۋېلىپ ئۇيغۇر ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن سۆزلەۋاتقانلىقىنى جار سېلىۋاتقان ھەربىر سىياسىي گۇرۇپپىلارنىڭ دىققىتىگە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە جىددىي قاراشنى، دوكلاتچىلىق، يىللاردىن بىرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان رېپېتىتسىيەلىرىنى مۇشۇ مۇدھىش مەزگىلدە بولسىمۇ ۋاقتىنچە بىر ياققا قايرىپ قويۇپ زېھىننى ۋەتەندىكى خەلقنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتىشقا، ئاۋام قىلىۋاتقان ئىشلار ئىچىدە ئەقەللىي ئۇچۇر ئىگىلەشچىلىك ھىممەت قىلىشقا سەل قارىماي كۆزنى ۋەتەنگە تىكىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن بولدۇق. ھالبۇكى، شۇنچە ئاڭلىتىپمۇ يەنە سىياسەتمەنلەر تائىپىسىدىن تەدبىر دەپ ئاتىغىلى، زۇۋان سۈردى دېگىلى بولغىدەك ھەرىكەتنىڭ سايىسى كۆرۈلمىدى. نەچچە كۈنلەردىن بۇيانقى خەۋەر مېدىيالاردا ئىشلىتىۋاتقان سۆز - ئىبارىلەرگە قارىساقمۇ نومۇس قىلمىغان ھالدا خىتاينىڭ تەشۋىقات تىلى بولغان «يۇقۇملۇق پەيتىدە...»دەپ باشلىنىدىغان جۈملىنى ئىشلىتىۋاتقان خەۋەر قاناللىرىنى، «خىتاي دائىرىلىرى...» دەپ باشلىنىدىغان كومپارتىيە گىراژدانلىقى پۇرايدىغان سۆزلەر بىلەن ۋەزىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا يارايدىغان ئۇچۇرلارنى توختىماي بېرىشنى ئۈزۈپ قويمىدى. ئىنسانلار شەھەر بويلاپ قىرىلىۋاتقاندا، مۇنارى كېسىلىپ كەتكەن جامەنىڭ، جامائىتى يوق مەسجىدنىڭ خەۋەرلىرىنى چىقىرىپ يۈرۈشتىن، بۇنداق مەزگىلدە بۇ تۈر خەۋەرنى ئىشلەپ يۈرۈشنىڭ زېھىن مەشغۇل قىلىش تاكتىكىلىرىغا ماسلىشىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالىغۇدەك «مۇخبىر»نىڭ قالمايۋاتقانلىقىغىمۇ ئاچچىق كۈلمەي بولمىدى.

چوڭ - كىچىك، نەۋرە - چەۋرەگە قەدەر ئۆيگە ھەپسىلىنىپ قىرىلىپ بولغاندا، كەئبىدەك مۇقەددەس ئۆينىڭ بىر تال خىشىنىڭ قوپۇرۇلۇشىدىنمۇ قېنى ئۇلۇغ ۋە ئەزىز بولغان بىر خەلقنىڭ تىرىك ئىنسان ھالىتى مەۋجۇت دۇنيادىن يوق قىلىنىپ سان - سېپىرغا ئايلىنىپ كەتكەندە ئاتالمىش «دەۋا» دەپ چۈشىدىغان ئادەتنى مۇشۇنداق پەيتتە بولسىمۇ تاشلاپ تۇرۇش كېرەكلىكىگە، مەسىلىگە جىددىي قارالمىغانلىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك بولىدىغانلىقىغا «ئاقىلغا ئىشارەت» ئۆلچىمى بويىچە ئاڭلىتىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۇق. ئەمما كار قىلمىدى. ئەڭ قىلىنغىنىمۇ يەنە شۇ بېشى شوئار توۋلاش، ئوتتۇرى دەرد ھال تۆكۈش، ئاخىرى يىغا - زارە دۇئا بىلەن تۈگەللەپ تارقىلىشتەك سېرك ئويۇنىغا ئوخشاش ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتقان «نامايىش» ئاتلىق تىياتىرنى ئويناشتىن ھالقىپ كەتمىدى.

  سىياسەت سەھنىسىگە چىققانغا تۇشلۇق ئۇنىڭ ئەلىم - تەلىمىدىن خەۋرى يوق سىياسىي پوق قورساقلارنى، سىياسىي دەللاللارنى، گۆشباش ئەخمەق بىلەن قارا قورساق تومپايلار توپىنىغۇ بىر ياققا قايرىپ قويايلى، سىياسىي دەۋانىڭ ئىچكى - تاشقى قۇرۇلمىلىرىدىن ئىدېئولوگىيەلىك ئۇل ئاساس مەسىلىلىرىگە قەدەر تەنقىدىي نەزەردە پىكىر قىلالايدىغان خېلى - خېلى تەشكىلات كاتتىلىرىدىنمۇ بۇ بارىدا ئالدىن كۆرەرچە سىياسىي كۈنتەرتىپ شەكىللەندۈرۈش خاھىشى بولغانلىقى، مەسىلىنى ئاپشاركا مېدىيالارنىڭ ئەكسىچە ئاڭلىتىشقا يەڭ تۈرگەنلىكى بىلىنمىدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ خاراكتېرىگە كەسكىن دىياگنوز قويۇپ سەگەكلىكنى ئاشۇرۇش، سەپراسقا تۇرۇش لازىملىقىنى جىددىي تۈستە ئاڭلاتقانلىقى كۆرۈلمىدى.

دەرۋەقە، كۆرۈۋاتقان ۋە خەۋەر تېپىۋاتقانلىرىمىز ئۆزىمىزنى ئاكتىپ ھالدا ھەربىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك بولۇۋاتقانلىقىنى تەقەززا قىلىۋاتقان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا، جەنۇبتىن شىمالغا گاھ سىناق، گاھ تەجرىبە شەكلىدە داۋاملىشىپ مېڭىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى دەسلەپكى قەدىمى بولغان ۋە يۇقۇملۇق كېسەل باھانىسىدە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالىتىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ ۋەھشىيانە ھالغا ئېلىپ كېلىشكە كۈچەۋاتقان، يەنە كېلىپ خەلقنى شۇ خەلقنىڭ ئىچىدىن چىققان ماڭقۇرتلىرىنىڭ، مۇناپىق غالچىلىرىنىڭ قولى بىلەن ئاچارچىلىققا مەھكۇم قويۇپ قىرىشنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ مەزگىلدە ئۇلاردىن كۈتۈلىدىغىنى ھەرگىزمۇ جىمجىتلىق ياكى تۈگۈلۈۋېلىش ئىچىدە، قانداقتۇر كۈنتەرتىپنى دوكلات تەھلىل قىلىش قۇيۇنلىرىغا، يىغىن ئېچىپ گەپ سېتىپ ئىش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە توشقۇزماسلىق، توپلىشىپ يەپ ئېچىشتىن باشقا قىممىتى يوق بىھۇدە كوللېكتىپ پائالىيەتلەرنى ئۇلغايتىش، ئەمەس ۋاقتىدا ئەمەس ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈشلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش كۈتۈلمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، ھەرقايسى تەشكىلىي تەرەپلەر كېلىشىۋالغاندەكلا مەسىلىگە ئورتاق جىم بولۇۋېلىش تەرىپىدە. ياكى نەچچە قۇرلۇق باياناتلارنى قىلىپ قويۇش بىلەن سىياسىي كاتتىباشلىق مەسئۇلىيەت ئادا بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېسسىيات بىلەن يەنە شۇ «ئەسكى ھاممام، ئەسكى تاز» پەدىسىگە، لەپەرچى لەپەرچىلىكىنى قىلىۋېرىدىغان، مۇخالىپچىسى مۇخالىپلىققىلا چېتىلىدىغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن چىقىپ كەتمەيدىغان بىر تۈرلۈك ۋاكۇئۇم ئىچىدە كېتىۋاتقاندەك ۋەزىيەت مەۋجۇت. ھالبۇكى نۆۋەتتىكى ئاچارچىلىق مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇتۇپ سولاش، ئاتالمىش تەربىيەلەش نامىدىكى قىرغىنچىلىق قاتارلىقلارنىڭ پەدە يۆتكەپ يەنە بىر نەچچە بالداق ئۆرلىگەن ھالىتى ئىكەنلىكى ئاشكارا. چۈنكى، لاگېر ۋە تۇتۇپ - سولاپ ئۆلتۈرۈش قىرغىنچىلىقلىرىدا دەسلەپ قانخور مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىنكار قىلغىنىغا قارىماي ھەر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاشكارا بولغان، شۇنداقلا خەلقئارالىشىشقا يۈزلەنگەن ئېتىرازلار بىلەن شىددەتلىك قىرىش سىياسىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، نۆۋەتتىكىدەك «يۇقۇملۇق» باھانىسى بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىدە قىرىپ تۈگىتىپ بولالمىغان قىرغىنچىلىقنى كېسەل چىققانلىق باھانىسىدە تېزلەشتۈرۈش پىروجىسىدە رەسمىي سىناق باسقۇچىغا كىرگۈزمەكتە. شۇنداقلا دۇنياغىمۇ ئاڭلىتىشتا مەسىلىنى ئورتاق ھالدا «يۇقۇملۇقنى تىزگىنلەش»تەك «ئىچكى ئىش» تۈسىنى ئالدۇرۇش، «بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقۇۋېلىش» ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئوچۇق. لاگېر مەسىلىسى پاش قىلىنىۋاتقاندا چەتئەلدە «ئانامنى ئېتىپ بەر» دېگەن ئىنسانلىق غورۇرنىڭ ئۈست سادالىرى يامرىغان بولسا، چەتئەلدىكى مەسىلىگە دىياگنوز قويۇشتا ئىككىلىنىپ تۈگۈلۈۋېلىۋاتقان سىياسەتچى كاتتىباش ۋە سىياسىي پائالىيەتتىكى موللا - زىيالىيدىن بالدۇر ۋەتەن ئىچىدىكى خەلق جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ «بۇنداق قىينىغۇچە ئېتىپلىۋەت» جاكارسى بىلەن مەسىلىنىڭ يۇقۇم تىزگىنلەش بولماستىن، ئۆلۈۋېلىشقا قىستاش ئىكەنلىكىگە، بۇنىڭ بىر سۇيىقەست ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويۇپ بولدى. شۇنداقلا قولدىن كەلگەنچە ئۆزىنىڭ جېنىنى ئورتاغا قويۇپ تۇرۇپ ئىشنىڭ ماھىيىتىنىڭ قانداقتۇر ئاتالمىش «يۇقۇملۇق»، ئاتالمىش «خىتاي دائىرلىرى»نىڭ ئاھالىلەرگە قىينچىلىق تۇغدۇرۇش ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ھەق - ھوقوق تاجاۋۇزچىلىقى ئەمەسلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ تۇتۇپ سولاپ ئۆلتۈرۈش، يىغىۋېلىپ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن كاردىن چىقىرىپ ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قىسقا مۇددەتتە مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغان ۋە تېز كۆلەملىك قېرىش ئۇسۇلى بولغان «ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆلۈۋېلىشقا قىستاش» سۇيىقەستى ئىكەنلىكىنى نورمال ئەقلى بار، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدىغانلىكى ھەربىر ئادەم بالىسى چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇبلاردا ئاڭلىتىۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ يېقىنلاپ قېلىۋاتقانلىقىغا سىگنال بېرىلىۋاتقان ئىكەن، سەل قارىماسلىق كېرەكلىكى ئۆزىگە خاس تىلدا ئىپادىلىنىۋاتقان ئىكەن، سىياسەتمەنلىرىمىزنىڭ خەلقتىن بۇرۇن ئويغىنىشى، خەلق زۇۋان چىقىرىپ بولۇشتىن بۇرۇن ئۇنى تۈرلۈك سىياسىي ئاقارتىش ۋە تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدا شەرھلەپ يېتەكلەش ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر - مۇزاكىرىلەرنى ئۈستەلگە قويۇپ كېڭەشنى باشلىۋېتىشى، مۇشۇ مەزگىلنىڭ خەتەرلىك ئۆتكەللىرىدە خەلقنى ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قوللاشقا چاقىرىشى، ئويلاپ چىقىلغان تەدبىرگە تەڭ ھەمدەم بولۇشقا چاقىرىپ سىياسىي جانلىقلىقنى ئاكتىپچان ھالىتىدە ساقلاپ تۇرۇشى، مۇھىمى قىرغىنچىلىققا قارشى قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكىدە خەلققە ئەمەلىي ئۈلگە بولۇشى كېرەك ئەمەسمىدى؟!

مانا ئەمدى ئىش ئاچارچىلىقتىن ئۆتۈپ قىرىلىشنىڭ، ئۆلۈمگە قىستىلىشنىڭ پاجىئەلىك خۇلاسىلىرى چىقىشقا باشلىغاندا، خەلق ئالدىنئالا بولغۇسىز يىغىشتۇرغۇسىز خاپىلىقتىن، مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەردىن بېشارەت بېرىدىغان يەرگە كېلىپ بولدى. ۋەتەندىكىلەر «بۇنداق قىينىغۇچە ئەپ چىقىپ ئېتىۋەت» دېيىشنى باشلاپ بولدى. بىزنىڭ تۇتۇملىرىمىز ۋە قىلىۋاتقان شوئارۋازچە ھەرىكەتلىرىمىز بولسا، خۇددى كۆنۈككەن بويىچە تىرىكنىڭ غېمىنى ئەمەس، چېقىلىپ بۇزۇۋېتىلىپ بولغاندا ئەسكىلىكىنى پاش قىلىشقا يازىدىغان دوكلاتقا خام ماتېرىيال بولۇشقا، ھاياتلارنىڭ ئۆلۈپ تۈگەپ ئىستاتىستىكىغا، «رەقەم»گە ئايلىنىشىنى ساقلاۋاتقانغا بېرىپ قىلىۋاتقاندەك بولۇۋېلىشلارنى، تۈگۈلۈۋېلىشلارنى زادى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟!!!

ئەجەبا، ئاچلىققا مەھكۇم قىلىپ ئۆلتۈرۈشنىڭ، يەنى ئىككىنچى بىر ئوبيېكتىپنىڭ نامەرتچە بولسىمۇ چېقىلىپ جان تەسلىم قىلىشىغا ياتمايدىغان، ئەكسىچە ھايۋاننىڭ ھايۋانغا قىلمايدىغان مۇئامىلىسىنى قىلىپ ئۆلۈشكە قىستاشقا ياتىدىغان «ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش»نىڭ قەبىھلىكلەر ئىچىدىكى ئەڭ قاباھەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتامدۇق؟ ئەجەبا، ئىش چىڭغا چىققاندا تېپىلغۇسىز بولۇپ كېتىدىغان لامزەللە ئادەتنىڭ سىياسىي كىرىزىستا يۈز بەرسە بولمايدىغانلىقىنى، خەتەرنىڭ مالدىن جانغا، جاندىن مۇنقەرزلىككە سۆرەپ ماڭىدىغانلىقىنى پەملىگۈدەك پاراسەتتىن شۇنچە يىراقلاپ كەتتۇقمۇ؟ ياكى بۇ ھېلىقىدەك «مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىماي مۇشۇ كۈنگە قالغان خەلق بولغانكىن نېمە بولساڭ بولۇشمامسەن» پەدىسىدىكى ماي تارتىشمۇ؟ ياكى بولمىسا «بىرە قېتىم بىز زۇۋان سۈرمەي كۆزىتەيلى قېنى، قانچىلىك زۇۋان چىقىرىدۇ بۇ خەلق»، دېگەنگە ئوخشاش، ئەمەس چاغدا قىلىنغۇسى كېلىپ كەتكەن داھىيانىلىقمۇ، ياكى سىياسىي دەھالارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەجرىبىۋازلىقمۇ؟

   ئەلۋەتتە، خەلقنىڭ قوزغىلىشىنى تىزگىنگە ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس «ئىشخانا»دىن تەلىمات ئالىدىغانلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈۋېلىشلىرى، ئورتاق مېتودتا زېھىن مەشغۇل قىلىدىغانلىقى، ئاچ قويۇپ قىرىشنى مۇمكىنقەدەر ھەقىقىي خاراكتېرى بويىچە پاش قىلماستىن، ھەتتا كۈنتەرتىپكە ھېچ ئەكەلمەسلىك ئۈچۈن تىنىم تاپمايدىغانلىقى بىر رېئاللىق. لېكىن سىياسىي سىزىقلىرى ئېنىق بولغانلارنىڭمۇ بۇنىڭغا قولدىن كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئىشلەپ چىقارماسلىقىنى، ھەرىكەت ياكى ئۇرۇنۇشلارنى قىلىپ كۆرمەيۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىش بەكلا ئازابلىق، ھەم كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. شۇنداق كىشىلىرىمىز ياكى شۇنداقلارنىڭ ئۇيۇشۇشىدا بارلىققا كەلگەن تەشكىلات ۋە قۇرۇملارنىڭ ھەر سىياسىي كىرىزىستا، سىياسىي توقۇنۇش ۋە كۈنتەرتىپلەردە ئاۋام - خەلقتىن پەرقى كۆرۈنەرلىك بولۇپ تۇرماسلىقى، سىياسىي ساغلاملىق ياكى سەزگۈرلۈكى يوق بولغان، ئەكسىچە سىياسەت كوچىسىغا دەسسىشى ھارام بولۇپ كەتكەن تىپلارغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن باشقا سىياسىي كۈن تەرتىپلەرگە چولى تەگمەيدىغاندەك كۆرۈنۈشى ئەپسۇسلۇق ئېلىپ كېلىدىغان بىر ۋەزىيەتتۇر. سۈنئىي كۈنتەرتىپنى تازىلاشقىلا چولىسىنى تەگكۈزۈپ، ئەمما كۈنتەرتىپ يارىتىپ سەپەرۋەرلىك يارىتىشقا، نەيرەڭۋازلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشىگە قارشى قايمۇققۇچىلارنى ھەقىقەتنىڭ دامىغا چۈشۈرۈش كويىدا يۈرمەيدىغان سىياسەتچىلىكمۇ نەتىجىدە ئالىقاپ سىياسەتچىلىكنىڭ ئالتېرناتىپى بولۇشتىن باشقىغا پىچىقى كەسمەيدىغان نان قېپى سىياسەتچىلىك بولۇپ قېلىش قىسمىتىدىن قاچالمايدۇ.

تەكىتلەش زۆرۈركى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قانچە نەپرەتكە، قانچە قارشىلىق كۆرسىتىشكە تېگىشلىك بولسا، ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشتەك ۋەھشىيانىلىك ئون، ھەتتا يۈز ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان ئادەم قېلىپىدىن چىققان قەبىھلىكلەردىندۇر. ئەجدادلىرىمىزدىن ئۇلۇغ ئالىم ئىمام ئەلبۇخارىي كەلتۈرگەن بىر ھەدىستە، ئىتقا سۇ بەرگەن پاھىشە ئايالنىڭ جەننەتكە، بىر مۈشۈكنى ھەپسىلەپ ئاچ قويۇپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئايالنىڭ دوزاخقا مەھكۇم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن. ئىنساننىڭ ئىنسانغا ئەمەس، ھايۋانغا راۋا كۆرۈشىمۇ توغرا بولمايدىغان، ياراتقۇچىغا كۇپرىلىققا ئوخشاش گۇناھى كەبىرلەر قاتارىدا، تەڭرىنىڭ ئەپۇسىدىن بۇرۇن دوزاخقا مەھكۇملۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن قەبىھ بىر جىنايەتنىڭ تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى، ھايۋانغا راۋا كۆرۈلمەيدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈمگە قىستاشنىڭ شىددەت بىلەن كۈچىيىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارغا قارىتا گۆرىدە بولسىمۇ تىك ئولتۇرۇپ كەتكۈدەك دەرىجىدىكى پوزىتسىيەنى كۆرسىتەلمەيۋاتقانلىقى، ۋاپا نۇقتىسىدىن بولسىمۇ چارىسىز خەلق ئۈچۈن تەدبىر ئويلاشقا، كېڭىشىش، كاللا قاتۇرۇشلارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقانلىقى، جىددىي چاقىرىقلار قىلىنمايۋاتقانلىقى، قىلىنغانلىرىغا بولسا ناز - كەرەشمىلىك مۇئامىلە قىلىنىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى، ئىشنىڭ جىددىيىتى مەسلىھەتكە ۋاقىت يېتىشمەيدىغان، بەلكى ھەرىكەتكە ئۆتۈش پەرزلەرنىڭ پەرزىگە، مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋىلىغا ئايلىنىپ بولغان ۋاقىتتىمۇ تېخىچە تۈزۈك ئىنجا چىقمايۋاتقانلىقى كىشىنى ھەيرەتكە چۆمدۈرىدۇ، ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. پىچاق سۆڭەككە يەتكەنلىكنى خەلقىئالەمگە جار سالىدىغان مۇشۇنداق پەيتلەردە پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىش، ھەر تۈرلۈك سىياسىي ئويغىنىشلارغا سەپەرۋەرلىك قوزغىغىلى بولىدىغان ئىمكانىيەتلەرنى ئىزدەش ئورنىغا تۈگۈلۈۋېلىش ياكى باشقا تېمىلارنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئۇرۇنۇپ ئەسلى كۆرۈپ يېتىشكە تېگىشلىك بولغانغا سەپ سالغۇدەك ۋاقتى يوق ئالدىراشمەن بولۇۋېلىش قاتارلىقلار ئىزاھاتى قىيىن بولغان مۇئەممادۇر. ئەكسىچە ھالدا سىياسىي رېلىسىمىزنىڭ ئەڭ ساغلام رولچىلىرى بىلىنگەنلەرنىڭ چۇلۋۇر بېشىدا ھېلىھەم كالۋا سىياسەتچىلەرنىڭ، ئانالىزپەرەس خام - خيالچىلارنىڭ ئەگىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدە شۇنداقلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگەللەۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى دەڭسەشكە توغرا كېلىدۇ.

قىسقىسى، ئىككى - ئۈچ قۇرلۇق تەسەللى بايانات ياكى ئىنكاس بىلەن يوقاپ كەتمەستىن، ئومۇميۈزلۈك ۋەتەن ئىچى ۋەزىيىتىگە قارىتا جىددىي بولۇشنى، ۋەتەن ئىچى ئەھلىچىلىك ئاۋازىمىزنى قويۇۋېتىشنى بىلمىسەك، ئۇلارنىڭ قېنى بەدىلىگە كېلىۋاتقان ئىسپاتلاردىن خەلقنىڭ زارىنى دۇنياغا ھېس قىلدۇرۇپ تەرەپ - تەرەپتىن دىققەت تارتقۇدەك كۈن تەرتىپ ياسىيالمىساق، مۇستەملىكىچى قانخورلارنىڭ «يۇقۇمنى تىزگىنلەش» سەپسەتىسىنى يەرگە ئۇرۇپ چەيلەپ توختىغۇدەك، ھەمدە بۇنى لاگېرغا سولاپ قىرىش باسقۇچىدىن ئاتلىغان يەنە بىر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يەنە بىر يۇقىرى پەللىسى، شىددەتلەنگەن، ئەسەبىيلەشكەن، يالماۋۇزلاشقان ھالىتى سۈپىتىدە قاراپ قەدەم ئالىدىغان بولۇپ بولالمىساق، ئۇ چاغدا بىزدەك مىللەتنىڭ ھالىغا ۋاي، دېمەكتىن باشقا يول قالمايدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ ئەقىلنى زايە قىلىشقىلا تۇرغان، بار ئىمكان ياكى پۇرسەتنى قاچۇرۇشقىلا، كۈچ - ئېنېرگىيەنى تۈگەل خورىتىشقىلا تۆرەلگەن، نۇسرەتكە ئەمەس لەنەتكە لايىقلىشىپ قېلىۋاتقان بىر قەۋم بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمىزدىن ئەنسىرەشكە، چۈچۈشكە توغرا كېلىدۇ.

-بۇرھان مۇھەممەد

2022-09-09

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى