لەڭگەر يېزىسى (كېرىيە ناھىيىسى)

ئورنى Wikipedia
لەڭگەر يېزىسى

兰干乡.Lengger town

مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 17 دانە
نوپۇس 20 مىڭ
يەر مەيدانى ؟
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R

لەڭگەر يېزىسى كېرىيە ناھىيىسى نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيىسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 38 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىمالىي تەرىپى شەنبە بازار بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا كوئېنلۇن تاغ تىزمىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شەرق تەرىپى چۆللۈك. بۇ يېزىدا 48 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى،جەمئىي 4055 دېھقانلار ئائىلسى بار بۇلۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر بىر يېرىم مو كېلىدۇ. بىر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ بار. 2000-يىلىغا كەلگەنگە قەدەر ئۈزۈمچىلىك كۆلىمى 144 مىڭ مو بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمىدىن %8.06 ئاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئۈزۈم كۆلىمىنىڭ ئۇزۇنلۇق 0.87 مو بولۇپ، بۇ يېزىدىكى بىر تەبىئىي ئۈزۈم ماكانىغا ئايلىنىپ قالغان.

مەمۇرىي كەنتلەر[تەھرىرلەش]

بۇ يېزىدا 13 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، بازار كەنتى، لايقا كەنتى، توغراق كەنتى، سۈك كەنتى، ئۇلۇغئېرىق كەنتى، ئارقا كەنتى، يېڭى كۆلبېشى كەنتى، يولئارىش كەنتى، باش كەنتى، ئۈجمىلىك ئاقا كەنتى، ئارا كەنتى، كەتمىلىك كەنتى، يەتتەتۈڭلۈك كەنتى قاتارلىقلار.

يېزا ئىگىلىكى[تەھرىرلەش]

15-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، 5 يىلغىچە 6500 مو قىزىل ئۈزۈم، سايۋا ئۈزۈم، مۇناقى ئۈزۈم قاتارلىقلارنى تېرىشنى پىلانلىغان. مەھسۇلات مىقدارىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، «10-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە، ئۈزۈم كۆلىمىنى 165000 مودىن ئاشۇرۇغان، كىشى بېشىغا بىر مودىن توغرا كەلگەن.