Jump to content

ماخمۇت مەرىپوۋىچ دارايېف

ئورنى Wikipedia
مەھمۇت مارىپوۋىچ دارايېف (رۇسچە: Махмут Марипович Дараев؛ تو. 1949-5-1، سوۋېت ئىتتىپاقى قازاق س س ج، ئالمۇتا رايونى چېلەك رايونى غەيرەت يېزىسى، — 2023-5-6، قازاقستان. ئالمۇتا) - سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، قازاقستان ۋە ئۇيغۇر تىياتىر ئارتىسى. قازاقىستاننىڭ پەخرلىك ئەمگەكچىسى (2022)؛ 2 - دەرىجىلىك دوستلىق ئوردىنى (2009). قازاقىستان لېنىن كومسومول مۇكاپاتىنىڭ ئىگىسى (1982).[1]

تەرجىمىھالى (كەچمىش)

[تەھرىر]

ئۇيغۇر، مەرۇپ - باھارخان دارايېۋلارنىڭ ئوغلى مەھمۇت دارايېۋ 1949 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا رايونى چېلەك ناھىيەسى غەيرەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە رۇسچە بىلەتتى.

1971 - يىلى جۈسۈپبېك ئېلېبېكوف (Ж. Елебекова) نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇنىۋېرسال سەنئەت ۋە سېرك مەكتىپى مۇزىكا دراما فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شۇ يىلى قازاق س س ئى جۇمھۇرىيەتلىك قۇددۇس غۇجامياروف نامىدىكى دۆلەتلىك ئاكادېمىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا ئاتىس بولۇپ ئىشقا چۈشكەن.

«تۆھپىكار» («Ерен еңбегі үшін») مېدالى بىلەن تارتۇقلانغان. «ياشلىق» («Яшлық»)

2023 - يىلى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالمۇتاد ۋاپات بولدى.[2]

تۆھپىسى

[تەھرىر]
  • مەھمۇت دارايېف ق. غۇجامياروف نامىدىكى دۆلەتلىك جۇمھۇرىيەتلىك ئاكادېمىك ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرخانىسىنىڭ سەھنىسىدە 50 دىن ئارتۇق رول ئالدى.
  • «تەبەسسۇم» (Тәбәссүм) پروگراممىسىنىڭ قۇرغۇچىسى.
  • 2010 - «چىڭگىزخان ئوبرازىنى جانلاندۇرۇغانلىقى ئۈچۈن» ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى III خەلقئارالىق تىياتىر فېستىۋالىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

تارتۇق ۋە ئۇنۋان

[تەھرىر]
  • 1982 - يىلى قازاق س س ئى جۇمھۇرىيىتى لېنىن كومسومول مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى.
  • 2001 - مۇستەقىل «ئىلھام» مۇكاپاتى ساھىبى.
  • 2002 - «كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمگەك ئۈچۈن» مېدالى (قازاقىستان)، 2002 - يىل 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى.[3]
  • 2009 - «تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن» 2 - دەرىجىلىك «دوستلۇق» ئوردېنى.[4]
  • 2022 - «مەدەنىيەت ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەتلەر» ئۈچۈن قازاقىستاننىڭ پەخرلىك ئەمگەكچىسى مۇكاپاتى.[5]

شەخسىي تۇرمۇش

[تەھرىر]
  • دىنىي ئېتىقادى - ئىسلام.
  • ھەۋەس - تەنتەربىيە.
  • ئەدەبىيات قىزىقىشى: رومان، شېئىر.
  • توي قىلغان. جورىسى: ئاسىيە دارايېۋا (1957-يىلى تۇغۇلغان)، ئائىلە ئايالى.
    • ئوغلى - رۇسلان دارايېۋ (1977-يىلى تۇغۇلغان) چىش دوختۇرى؛
    • قىزى - ئالىيەم دارايېۋا (1980-يىلى تۇغۇلغان) ، چىش دوختۇرى.

ئالاقىدار

[تەھرىر]
  1. رۇقىيەم ساتتاروۋا
  2. رەيھانگۈل مەخپىروۋا
  3. قۇددۇس غۇجامياروف

ئىزاھات

[تەھرىر]
  1. https://ru.wikipedia.org/wiki/Дараев,_Махмут_Марипович
  2. ДӘРАЕВ МАҺМУТЖАН МӘРҮП ОҒЛИ Уйғ.. | Уйгурский театр | ВКонтакте ناملىق يازما، 2025-02-02 كۈنى مۇقىمدالدى.
  3. МЕДАЛЬЮ "ЕРЕН ЕНБЕГI УШІН" ДАРАЕВ Махмут Марипович - актер государственного республиканского уйгурского театра ناملىق يازما، 2025-02-02 كۈنى مۇقىمدالدى.
  4. Указом Президента Республики Казахстан №898 от 4 декабря 2009 года Орденом "Достык ІІ степени" награждены ДАРАЕВ Махмут Марипович, артист Государственного республиканского уйгурского театра музыкальной комедии, г. Алматы ناملىق يازما، 2025-02-02 كۈنى مۇقىمدالدى.
  5. Указ Президента Республики Казахстан от 21 мая 2022 года № 899 «О присвоении почётного звания «Қазақстанның еңбек сіңірген қайраткері» ناملىق يازما، 2025-02-02 كۈنى مۇقىمدالدى.

ئۇلىنىشلار

[تەھرىر]