مارك تۋېن: ئوخشىتىش
ئوخشىتىش
مارك تۋېن
نەچچە يىللار ئىلگىرى نيويوركتىكى سالامانكا شەھىرىگە كەلدىم. بۇ يەردە پويېز ئالمىشىشىم كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنزىل خېلى ئوزاق بولغانلىقى ئۈچۈن كارۋاتلىق ۋاگۇنغا چىقىشىمغا توغرا كېلەتتى. زال ئادەملەر بىلەن لىق تولغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى پويېزغا چىقىش ئۈچۈن ئىشىككە تىقىلىشماقتا ئىدى. مەن بىلەت ساتىدىغان ئادەمنىڭ ئالدىغا باردىم ۋە:
— كارۋاتلىق ئورۇن بارمىدۇ؟— دەپ سورىدىم. بىلەت ساتقۇچى كەسكىنلىك بىلەن:
— يوق! ئولتۇرىدىغان ئورۇنمۇ يوق! — دەپ جاۋاب بەردى. مەن ئۇنىڭدىن يىراقلىشىپ، بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ئالدىغا باردىم ۋە ئۇنىڭدىن ماڭا ھېچ بولمىسا ۋاگۇننىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئورۇن تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم. باشقۇرغۇچى بولسا گېپىمنىڭ بىلىگە تېپىپ ۋارقىرىدى:
— ئامال يوق! بۇرجەكلەرمۇ توشۇپ كەتتى. مېنى ئاۋارە قىلما دەيمەن...— ئۇ شۇنداق دەپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭدىن دىلىم قاتتىق رەنجىدى. ھەمراھىمغا:
— ئەگەر بۇ ئادەملەر كىملىكىمنى بىلگەن بولسا ئىدى...— دېدىم. ئەمما ھەمراھىمنىڭ گېپىمگە قۇلاق سالغۇسى يوق ئىدى.
— قاملاشمىغان گېپىڭنى قويە...— دېدى ئۇ،— بۇ ئەھۋالغا كۆنۈشىمىز كېرەك. قارا، ئۇلار سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلگەن تەقدىردىمۇ بۇ تېقما – تىقما ۋاگۇنلاردىن بىرەر بوش ئورۇن تېپىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟
ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنىڭ غەش دىلىمغا قىلچە تەسەللىي بولمىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا سەل يىراقتىكى باشقۇرغۇچىنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ قالدىم. ئۇ ماڭا سىنچىلاپ قارىغاندىن كېيىن بىردىنلا ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئىپادە ئۆزگەردى. يېنىدىكى مەخسۇس فورما كىيگەن يەنە بىر ئادەمگە مېنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دېدى. سېزىپ تۇرىمەنكى، ئۇلار مەن توغرۇلۇق بىر نەرسىلەرنى دېمەكتە ئىدى. كېيىن دەسلەپ مېنى كۆرگەن باشقۇرغۇچى ئىللىق چىراي بىلەن بىز تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى.
— بىرەر ياردەم لازىممۇ، جانابلىرى؟— دېدى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن،— بوش ئورۇن كېرەكمۇ؟
— شۇنداق،— دېدى مەن،— ئەگەر بوش ئورۇن تېپىپ بېرەلىسىڭىز، بەك مەمنۇن بولغان بولاتتىم. باشقا ھېچنەرسە كېرەك ئەمەس.
— پويېزىمىزدا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن نىشانلانغان ئالاھىدە بىر ۋاگۇن بار. ئۇنىڭدا ئىككى كىشىلىك يۇمشاق كارۋات ھەمدە ئىككى ساپا بار. شۇ ئايرىمخانا ئورۇنلاشسىلا، ئەپەندىم. تام، بۇ چامادانلارنى ۋاگونغا ئېلىپ چىق!
بىز پويېزغا چىقىش ئۈچۈن ماڭدۇق. ھەمراھىمغا بىر نەرسە دېيىش ئۈچۈن ئىنتىلدىميۇ، توختاپ قالدىم. باشقۇرغۇچى بىزنى ئازادە، يورۇق بىر ۋاگۇنغا باشلاپ باردى ۋە قول باغلاپ تۇرۇپ:
— باشقا تاپشۇرۇقلىرى بارمىكىن، جانابلىرى؟ ئەگەر بولسا ئېيتىسىلا، ھازىرلا بىجا كەلتۈرىمەن،— دېدى.
— ئىسسىق سۇ ئەكىلىپ بېرەلەرسىزمۇ؟
—ئەلۋەتتە، ھازىرلا ئېلىپ كېلەي...
— ماقۇل... ھەراست، كارۋات ئۈستىدىكى چىراغ بەك ئېگىز ئىكەن، باشقا بىر ياخشىراق يۇرۇيدىغان چىراغ تېپىپ، بېشىمغا يېقىنراق قىلىپ ئورنىتىپ بەرسىڭىز... قۇلايراق ھالدا كىتاب ئوقۇشۇم ئۈچۈن...
— بولىدۇ، جانابلىرى، سىز دېگەندەك چىراغ قوشنا ۋاگۇندا بار. ھازىرلار شۇنى ئەكىرىپ ئورنىتىپ بېرەي، ئۇ پۈتۈن كېچە يېنىپ تۇرىدۇ. يەنە باشقا نەرسىلەر لازىم بولسا، قولۇم كۆكسۈمدە. پۈتۈن سەپەر جەريانىدا نېمىلا لازىم بولسا، تارتىنماي دەۋەرگەيلا، جانابلىرى.
ئۇ شۇنداق دېگەندەك كېيىن چىقىپ كەتتى. مەن ھەمراھىمغا قاراپ جىلمايدىم:
— خوش، ئەمدى نېمە دەيسەن؟ كۆردۈڭمۇ، ئۇلار مېنىڭ مارك تىۋېن ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن بىردىنلا مۇئامىلىسى ئۆزگىرىپ كەتتى،— ھەمراھىم جىم ئىدى،— مۇشۇنداق بولۇشىدىن خۇشال بولۇپ كەتكەنسەن ھەقىچان؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلەت باھاسى باشقا ئادەتتىكى ۋاگۇنلارنىڭ ھەققى بىلەن ئوخشاش تۇرسا دېگىنە...
شۇنداق دەپ تۇرغىنىمدا ئىشىكتە باياتىنقى باشقۇرغۇچىنىڭ كۈلۈمسىرىگە چېھرى كۆرۈندى. ئۇنىڭ قولىدا بىر چىراغ بار ئىدى.
— جانابلىرى، سىزنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالغانىدىم،— دېدى ئۇ ماڭا ئىللىق قاراپ.
— شۇنداقمۇ، ساقام؟ ئېيتە، مەن كىم ئىكەنمەن؟
— جانابى ماكىللىئان— نيويورك شەھىرىنىڭ باشلىقى،— دېدى ئۇ.
(زىياكار تەرجىمىسى)