ماغزاپ سىياسەتچىلىك ۋە زېھنىي قاتماللىق
ماغزاپ سىياسەتچىلىك ۋە زېھنىي قاتماللىق
مەدەنىي دۇنيادا ماغزاپ سىياسەتچىلىكنىڭ، پاسىقانە ياشام ۋە مۇناپىقانە تۇتۇمنىڭ بازارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھەمدە بۇنىڭ تەلۋىلەچە ئاتالمىش «مەدەنىيەت» دەۋاسى قىلىپ ھارمىغان قوش يۈزلۈك «ئاكتىۋېست» ۋە ئالا - چىپار «سىياسەتچىلەر» ئېقىنىدىن سادىر بولۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇپ تۇرۇپتىمىز. بۇ ھال كىشىگە مۇتەپەككۇر ئالىم ھەمدە سىياسىيون ئەدىب مۇستافا سىبائىينىڭ يازغان شۇ قۇرلىرىنى ئەسكە سالىدۇ: «قەلەم ناداننىڭ، مىلتىق قانخورنىڭ، ھاكىمىيەت خائىننىڭ، مۇنبەر پاسىقنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەندە ۋەتەن ئادەم ياشىغۇسىز جاڭگالغا ئايلىنىپ قالىدۇ».
بۇ قۇرلار مەدەنىيلىكتىن، مەدەنىيەت يىلتىزى چوڭقۇر بولغان ھازارەتلىك ئاڭدىن بەدەۋىيچە زېھنىيەتكە چېكىنىشنىڭ سەۋەب ۋە ئىپادىلىرىنى، بەلگە - ئالامەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. بۇ يەنە نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە بولغان، يەنە كېلىپ مەدەنىيەت ياراتقان، مەدىنە (شەھەر) قۇرغان بىر مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى «ئىندىجىنىس»لىقلار تائىپىسىنىڭ ھالقىسىغا باغلاپ قويىدىغان؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەدەنىي دۇنياغا قۇرۇق قول كىرمىگەن بىر مىللەتنى جاڭگاللىقلار تائىپىسىگە سۆرەپ ئەكىرىپ قويىدىغان دەرىجىدە ۋىجدانسىز، تۇيغۇسىز ماڭقۇرت تىپلارنىڭ، مىللىي تارىخىغا، ئەجدادىغا قارا يۈزلۈك بولىدىغان بىر ئۇرۇنۇشنى تەپ تارتماي مىللەتنىڭ چىقىش يولى جۈملىسىدىن سانايدىغان ۋە ئاقلايدىغان شالغۇت زېھنىيەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ يېڭى زامان «جاڭگال زېھنىيىتى»نىڭ مەنسۇپلىرىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئىپادە قىلىپ تۇرۇپتۇ. يۇقىرىقى قۇرلار بىزگە يازغۇچىلام بولسا ھېساب ئەمەس، بەلكى قەلەم تۇتقۇچىنىڭمۇ ساغلام بولۇشى كېرەكلىكىنى، قورال تۇتقۇچى بولسىلا ھېساب ئەمەس، ئۇنى تۇتۇشقا تۈرتكە بولغان ئىدېئولوگىيەنىڭمۇ ساپ ۋە مەزمۇت بولۇشى كېرەكلىكىنى، باش بولسىلام ھېساب ئەمەس، بەلكى باش بولغۇچىنىڭ قاپاقباش ئەمەس، ئەقىل ۋە ۋىجدان باشى بولۇشىنىڭمۇ مۇھىملىقىنى، ئاتاقتا ياكى ساندىلا ئەمەس، بەلكى سۈپەتتە، جەۋھىرىدە ھەقىقىي ئىلىم ۋە ئالىملىق روھىغا ئىگە پەزىلەت ئەھلىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرۇپتۇ.
-بۇرھان مۇھەممەد
2021-12-30
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى