Jump to content

مامكاپ

ئورنى Wikipedia
مامكاپ

مامكاپ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مامكاپتۇر. مامكاپنىڭ قىزىتما پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش توسالغۇلارنى ئېچىش رولى بار.

مامكاپ
مامكاپ
ئۇيغۇرچە نامى مامكاپ
ئىنگلىزچە Mongolian Dandelion Herb
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق
ئۆسۈش مۇھىتى ئېتىزلىقلار، يول بويلىرى،ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 蒲公英
چىقىش ئورنى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بار.
باشقا نامى كاككۇك گۈلى، كاپ – كاپ، سۈت ئوت

ھەققىدە

[تەھرىر]

مامكاپ بولسا مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك مامكاپ بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «مامكاپ»، «كاككۇكگۈلى»، «كاپ – كاپ» ياكى «سۈت ئوت» قاتارلىق ناملاردا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېتىزلىقلار، يول بويلىرى،ئېرىق – ئۆستەڭ بويلىرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بار.

خۇسۇسىيىتى

[تەھرىر]

ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش توسالغۇلارنى ئېچىش.

خاس تەسىرى

[تەھرىر]

ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا

ئەكىس تەسىرى

[تەھرىر]

سوغۇقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ.