Jump to content

مانى

ئورنى Wikipedia
يالاۋاچ مانى

مانى (سۇريانىيچە: ܡܐܢܝ ܚܝܐ Mānī؛14 ئاپرېل 216، سۇرىستان، ساسانىيان[1] — 2 مارت 274 ياكى 26 فېۋرال 277)، ئىرانلىق پەيغەمبەر ۋە كەچ ئ‍انتىك چاغنىڭ ئەڭ تارقالغان دىنلىرىدىن بىرى بولمىش مانى دىنىنىڭ قۇرغۇچىسىدۇر.

ئائىلەسى غەرب مەنبەلىرىگە ئاساسەن ئەلكەساي ئاتالغان يەھۇدىي-خرىستىيان چوقۇندۇرغۇچى بىر مەزھەبكە تەۋە بولۇپ،[2] ئاتىسىنىڭ ئىسمى پاتەك (ئەرەبچە فۇتتاق، گرېكچە: پاتتىكىئوس، ئ‍ورتا پارسچە: پتگي؛ خەنچە: Bá dì\跋帝)، ئانىسى پارتلارنىڭ ئارساك خانىدان جەمەتىدىن بولۇپ، ئەرەپچە پەرقلىق تەلەپپۇزلىرى مايس، ئاۋتاھم ياكى مار ماريام (خەنچە: Mǎn yàn\滿艷) ئىدى.[3] ئوبۇلقاسىم ئىسمائىلپۇرنىڭ قارىشىچە، مانىنىڭ گنوستىك ئۇستازى دەل ئەلكەساينىڭ قۇرغۇچىسى دەپ قارىلىدىغان ئەلخاسىھتۇر. ئىبن نەدىم (ئۆ. ھ. 385\م.995) ھەم مۇغتاسىلاھ مەزھىبىگە ئىنانغۇچىلارنىڭ بۇ كىشىنى قۇرغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىلىرىنى بىلدۈرمەكتە.[4]

ئاتىسىنىڭ مەزھىبدە چوڭ بولغان مانى 12 ۋە 24 ياشلىرىدا «نۇر تەڭرىسى»دىن ئالغانلىقىنى ئىددىئا قىلغان ئىككى ۋەھىي سەبەبى بىلەن ئۆز جامائەتىدىن ئايرىلدى ۋە ھىندىستانغا 240-241 - يىلىدىن 242 ياكى 243 - يىلىغىچە دەۋام قىلغان دىن تارقىتىش سەپىرىگە چىققان.[5] ئارقىدىن مانى ساسانىي پايتەختى بەلاپات (گۇندەشاھپۇر) قا بىرىنچى شاپۇر (242—273) تەرىپىدىن چاقىرىلغان. گەرچە بۇ دىننى رەسمىي قوبۇل قىلمىسىمۇ دۆلەت مىقياسىدا ئەركىن ئازادە ۋەز بېرىش ئىمكانى بەردى. لېكىن، بۇ كەڭقۇرساق مۇئامىلە يېڭى ئىمپېراتور بەھرام I (ياكى بەھرام II) زامانىدا ئاخىرلاشتى ۋە گۇندەشاھپۇر شەھرىگە كەلگەن مانى زەردۇشت باشراھىبى كارتېر تەرىپىدىن ئازغۇنلۇق بىلەن قارىلانغاندىن كېيىن زىندانغا تاشلىنىپ 60 يېشىدا ئ‍ۆلتۈرۈلدى. جەسىدى پارچىلانغاندىن كېيىن شەھەر قۇۋۇقىدا سازايى قىلىندى.[6] تۈرلۈك رىۋايەتلەردە مانىنىڭ ناھايىتى ئىستىدادلىق نەققاش ۋە ماھىر رەسسام بولغانلىقى ھەققىدە ھېكايەلەر بار.[7]


پايدىلانما

[تەھرىر]
  1. Harun Güngör, Maniheizm”, Erciyes Üniversitesi İlâhiyat Fakültesi Dergisi, Kayseri, 1988, s.145.
  2. Abolqasem Esmailpour, “Manichaean Gnosis and Creation Myth”, Sino-Platonic Papers, No. 156, July 2005, s. 8.
  3. I. Gardner, S.N.C. Lieu, Manichean Texts from the Roman Empire, Cambridge, Cambridge University Press, 2004, s. 3.
  4. Münevver Ebru Zeren, Maniheizm ve Budizm’in Uygurlar’ın Kültür Hayatına Etkileri, Yayınmamış Doktora Tezi, s. 41
  5. Mircae Eliade, Dinsel İnançlar ve Düşünceler Tarihi, Cilt II: Gotama Budha’danHıristiyanlığın Doğuşuna, Çev. Ali Berktay, 2. bs., İstanbul, Kabalcı Yayınevi, 2009, s. 433.
  6. Eliade, s. 433-435.
  7. Oʻzbekitan Milli Ensiklopediyasi. I jild. Toshkent, 2000-yil