Jump to content

ماڭقۇرت زېھنىيەت ۋە خىيانەتلىك زىيارەت

ئورنى Wikipedia

ماڭقۇرت زېھنىيەت ۋە خىيانەتلىك زىيارەت

1

جاھىلىيەت ئەرەب ئادەتلىرى ئىچىدە تارىخ بېتىدە لەنەتلىك قىلمىش بولۇپ پۈتۈلگەن ئىشلاردىن بىرىنىڭ قىز پەرزەنتنى كۆمۈش ھادىسىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. كۆپىنچە ئەھۋالدا مەسىلە جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەندۈرۈلگەن بولغاچ ئىشنىڭ  ئارقا يۈزى ۋە نېمە ئۈچۈنلىكى ئانچە دىققەتكە ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. دەرۋەقە، ئىسلام كېلىشى بىلەن بۇ ئادەت قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە مەزكۇر ناچار ئادەت تەلتۆكۈس يوقالغان. مەسىلىنىڭ لەنەتكە لايىق ۋە قەبىھلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئەمما دىققەت تارتارلىق تەرىپى بولسا، بۇ ئىشنىڭ قانداق بولۇپ بىر جەمئىيەتتە ئادەت تۈسىنى ئالالىغانلىق مەسىلىسىدۇر. تارىخچىلارنىڭ بايانىچە، مەزكۇر ھادىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بىر قاتار ئامىللار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇرى نومۇس كەلتۈرۈش ھادىسىسى، دېيىلگەن. ئېيتىلىشىچە ئىككى قەبىلە ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇپ ئۇرۇش بولغان ۋە غالىب تەرەپ مەغلۇپ تەرەپتىن كۆپلەپ ئەسىرلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ كېلىشىم تۈزۈۋاتقاندا غالىب تەرەپ ئەسىرگە چۈشكەنلەرگە قېلىش ياكى قالماسلىق خۇسۇسىدا تاللاش بېرىدۇ. ئەسىرلەر ئۆز سېپىنى تاللاپ قايتىۋاتقاندا بىر قىز دۈشمەن تەرەپكە، يەنى ئۆزىنى ئەسىر ئالغۇچىنىڭ تەرىپىدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ دۈشمەن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. تاللاشقا قويغاندا دۈشمەن سېپىنى تاللاشتەك بۇ نامەردلىك، ئار - نومۇس بىر ئۆمۈر بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتىنى چىداپ بولغۇسىز ئەلەمگە قويىدۇ. قەبىلە ئارىسىدا ئۆز پۇشتىنىڭ دۈشمەن سېپىنى ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغانلىق ئار - نومۇس دادىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ. دادا ئۆمۈرلۈك بۇ ئار – نومۇسنى، دۈشمەن سېپىنى تاللاشتەك بۇ خىيانەتنى، يەنە كېلىپ قەبىلە ئىچىدىكى ئىززەت - ئابرۇيىغا، غۇرۇرىغا كەلتۈرگەن بۇ قارا داغنىڭ سەۋەبىنى ۋاپاسىز بالىدىن، توغرىسى ياتنىڭ قوينىغا كىرىش ئۈچۈن دوست - دۈشمەن ئايرىمىغان قىز جىنستىن كۆرىدۇ. دۈشمەن سېپىگە قىز تارتقۇزۇپ قويۇشتەك  بۇ ئىشقا مەجبۇر قېلىشنىڭ ئار - نومۇسىغا چىدىمىغان ۋە دۈشمەن سېپىنى ئىختىيارلىق بىلەن تاللاپ، نە پەقەت دادىغا، بەلكى بىر پۈتۈن قەبىلىنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزۈپ ئۇلارنىمۇ دۈشمەن ئالدىدا يەرگە قارىتىدىغان بۇ قىلمىشنى كۆتۈرەلمىگەن دادا «قىز بالا دېگەننىمۇ باقامدىغان» دېگەن خىيالغا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، دىن ۋە ئەخلاق مىزانى بۇزۇلغان بىر توپلۇمنىڭ ئىنساننى مال - ماتالاشتۇرۇشتەك قالاق ئىدىيەسى دادىغا مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىنىڭ قىلمىشتا ئەمەس، ئۇنى سادىر قىلغۇچى جىنستا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان. دادا قىز بالا جىنسىنى ئائىلىگە قارا داغ ئېلىپ كېلىدىغانلىق قانائىتى ۋە شۇ دەۋرنىڭ ئۆز - ئۆزىگە سۆز بېرىش، بەرگەن سۆزنى جان چىقىپ كەتسىمۇ تۇتۇش ئادىتى بويىچە ناۋادا قىز پەرزەنتلىك بولۇپلا قالسا، ئۇنى كۆمۈپ تاشلايدىغانلىقى بىلەن قەسەم قىلىۋېتىدۇ. قېرىشقاندەك، مەزكۇر دادىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن قىزى دۇنياغا كېلىدۇ ۋە ھەممىنى كۆمۈپ تاشلايدۇ. كېيىنچە بۇ قىلمىش مەزكۇر قەبىلە توپىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يوقسۇللۇققا دۇچ كېلىشى، شىددەت بىلەن ئارتقان كەمبەغەللىكنىڭ ئادەملەرنىڭ مەنىۋىيىتىنىمۇ تەسۋىرلىگۈسىز گادايلاشتۇرۇۋېتىشى نەتىجىسىدە قىز كۆمۈش بارا – بارا مەزكۇر دادىنىڭ قىز بالا ئائىلىسىگە نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ، چۈشەنچىسىنى پەردە قىلغان ھالدا، كەمبەغەللىك ھاياتنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىشنىڭ رەزىل ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ خىل لەنەتلىك ھادىسىنى ئەيىبلەشتە مەسىلىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە دىققەت تارتقان بولۇپ، قىز جىنسىنى نومۇس بىلىشتەك بۇ زېھنىيەتكە «تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن نارىسىدە قىزدىن: قايسى گۇناھىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدىڭ، دەپ سورالغاندا» دېگەن ئايەت ئارقىلىق مۇئەييەن قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىنىڭ گۇناھىنى ھەممىگە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خىيانەت يۈز بەرگەندە قىلمىشنى ھەمدە ئۇنى سادىر قىلغۇچىنى جازالاش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن ھەممىگە ئومۇم قىلىۋېلىشتەك ئاشقۇن زېھنىيەتكە سوئال قويسا، مەزكۇر ئىشنى ئادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلى زېھنىيىتىنىڭ قانداقتۇر دەسلەپكى قىز كۆمگەن ئاتىنىڭ خاتا زېھنىيىتىدىن ئىلھام ئالغان ئىش ئەمەسلىكىنى، ئاتالمىش غۇرۇر،  ئار - نۇمۇس مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئەمەسلىكىنى، مەسىلىنىڭ قانداقتۇر ھېلىقى دادىنىڭ «قىز بالا دېگەننىمۇ باقامدىغان»، زېھنىيىتىدىن ئىلھام ئېلىش ئەمەس، بەلكى يوقسۇللۇقنى، كەمبەغەللىكنى ئەڭ شەرمەندە، ئەڭ پەسكەش ۋە ئەڭ قەبىھ ئۇسۇلدا يېنىكلىتىشتەك، يەنى نوپۇس ئازايتىش ۋە كۈچلۈكلەر ھامىيلىقىغا ئېھتىياج بولۇپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان ئايال جىنسىنى قۇربانلىق قوي قىلىپ تاللاشتەك ئەڭ نامەرد، ئەڭ غۇرۇرسىز قىلمىشنى، بۇنىڭ يەنە رىزىق قورقۇسىدىن ئىبارەت روھىي گادايلىقنىڭ ياتقانلىقىنى پاش قىلغان ۋە مەسىلىنىڭ ئىچكى يۈزىنى ئېچىپ بەرگەن. رىزقنى كۆزلەپ، بېقىپ بولالماسلىقنى كۆزلەپ ئائىلە ئەزالىرىنى ۋەھشىيلىك قوللىنىپ ئازايتىشتەك جىنايىي قىلمىشىنى كەسكىنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە شەرئىي بەلگىلىمە ئاساسىدا بۇ خىل قىلمىشنى قاتتىق مەنئىي قىلغان.

كۆرىمىزكى، ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ نادانلارچە ئادەتكە ئايلىنىشى ۋە زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۇيىئىستېمال قىلىنىشى ئارىسىدا ئاسمان - زېمىنچە پەرق بار. يەنە شۇنى كۆرىمىزكى ، باشتىن ئاخىر ئەيىبلىنىۋاتقان نۇقتا خاتا زېھنىيەت ۋە بۇ زېھنىيەتتىن مەيدانغا كەلگەن جاھالەتلىك قىلمىش - ئەتمىشلەر. ئەمما ھېچبىر مەنبە ھېلىقى ئاتىنىڭ دۈشمەن تەرەپكە دادىسى ۋە قەبىلە خەلقىنى قارىتىپ تۇرۇپ دۈشمەن سېپىگە ئۆتۈپ كېتىشىنى نومۇس بىلگەنلىكىنى، ھار ئېلىشىنى، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىنى ناتوغرا دەپ باھا بەرمەيدۇ ياكى بۇ توغرىدا بىرەر جۈملە سۆز خاتىرىلىمەيدۇ. چۈنكى، ئىشنىڭ ئەسلى، يەنى مەسىلىنىڭ نەپرەتلىنىشكە تېگىشلىق قىسمىدا مەسىلە يوق. يەنى قىزنىڭ دۈشمەن تەرەپتىن سەپ تۇتۇش ئارقىلىق ئائىلىسى ۋە خەلقىگە ئار - نومۇس ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئائىلىسى ۋە ئۆزى مەنسۇپلەنگەن قەبىلىسىنىڭ نامىنى يەرگە ئۇرغانلىقى قىسمى نەپرەتكە تېگىشلىك تۇتۇم بولغانلىقى ئەيىبلەنمەيدۇ. لېكىن نەپرەتنىڭ يولىدا بولمىغانلىقى، جاھالەتكە پاتقان جەمئىيەتنىڭ زېھنىيىتىدىن كەلگەنلىكى تۈپەيلى بىر خاتاغا ئۇنىڭ ۋەزنىدىن ئاشقان ئىككىنچى بىر خاتالىققا نادانلارچە يول قويۇلغانلىقى ئەيىبلىنىدۇ. نەتىجىدە قىلمىشنىڭ ئۆزىگە ۋە شەخسكە بولغان نەپرەت جاھالەت ۋە نادانلىق تۈپەيلى چەكتىن ئاشقان ئىككىنچى بىر خاتاغا، توغرىسى جىنايەتنى مەشرۇئلاشتۇرۇشقا يول ئاچقان. بۇ يەردىكى ئەجەبلىنەرلىك نۇقتا، مەزكۇر دوست - دۈشمەن ئارىسىدىكى چەك - چېگرانىڭ، مەيدان - مەۋقەدە ئېنىق ۋە كەسكىن بولۇشتەك پىرىنسىپاللىقنىڭ ئاشۇ دەۋر جاھىلىيەت ئىنسانلىرىدا ئۆلمىگەنلىكى، بەلكى، ئىنتايىن رادىكال ۋە ئەشەددىي تەرزدە ئېنىقلىقنى ئىپادىلەپ تۇرۇشىدۇر. شۇنداقلا ئاشۇ بەدەۋىي دېيىلىۋاتقان، قەبىلىۋاز، مەدەنىيەتسىز، قالاق، ئىپتىدائىي دېيىلىۋاتقان، ھەم بۈگۈنگە نىسبەتەن شۇنداق دېيىلسە بولىدىغان بىر دەۋرنىڭ ئىنسانلىرىدا دوست - دۈشمەن چېگراسىنىڭ ئېنىق بولۇشى، دۈشمەن، ئار - نومۇس، غۇرۇر ئالدىدا ئۆز پۇشتىنىمۇ تونۇمايدىغان، ئۆزى ۋە خەلقىنىڭ قىممەتلىرىگە ھۆرمەت قىلماستىن، شەخسىي ھەۋىسى، مەنپەئەتى ئالدىدا ھەممىنى بىر تىيىن ھېسابلىيالايدىغان ساتقۇن تۇتۇمغا قارشى ئەشەددىي نەپرەت تۇتۇمىنىڭ كىشىنى تەلۋىلىككە يېتەكلەيدىغان دەرىجىدە مۇرەسسەسىزلىككە، رادىكال تۈستە قارشىلىق كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولىشىدۇر.

2

ۋەزىيىتىمىزنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنى ھەققىدە ئازتولا تەھلىل ئېلىپ بارىدىغان بولساق، قىرغىنچىلىقنىڭ شىددىتى ئارتقان بۇ ئالتە - يەتتە يىللىق جەرياندا ۋەتەن ئىچىدىكى چارىسىزلىككە بىردىنبىر ئاشكارا ئاۋاز چىقىرىش، پاش قىلىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ئوبيېكتى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكچى تەرىپىدىن تۈرلۈك تۈردە نىشانغا ئېلىنىپ كەلگەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئەتراپىمىز ۋە ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرىمىزدىن خۇلاسە چىقىرىشقا توغرا كەلسە، خىتاينىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىستىخباراتچىلىق ۋە كونترول ھەرىكەتلىرى ۋەتەن ئىچىگە قاراتقان ياۋۇزلاشقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىدىن پەرقلىق ھالدا ئىزچىل يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىش يۆنىلىشىنى ئاساس قىلىپ كەلدى. ۋەتەن ئىچىدە خىتاينىڭ ئەپتى -  بەشىرىسىنى پەقەت ئۇنىڭ يالماۋۇزلاشقان ھالىتىدىن باشقا ھالىتىگە نەپرەت ئورنىغا ئىللىقلىق كۆرسىتىشكە، تىنچپەرۋەرلىك ۋە «مۆمىن پۇقرا» پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىشقا كۆنۈككەن كوللېكتىپ زېھنىيەت تاشقى دۇنيادىمۇ قارشىلىق كۆرسىتىش تۇتۇمىنى پەقەتلا خىتاينىڭ ياۋۇز يۈزىگىلا كۆرسىتىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى. يۇمشاق كۈچ ئىشلەتكەندە قارشىلىق كۆرسىتىش تۇتۇمىنى رايىش مىزاجغا ياندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى مىللەتنىڭ سەركىلىرىدىن باشلاپ ئاۋام - پۇقراسىغىچە ئاسانلا ئوسەيگە كەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن يەكۈنلەپ كەلگەن مەككار مۇستەملىكىچى ئىچىگە قاتتىق، سىرتقا نىسبەتەن ئىزچىل يۇمشاق كۈچنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. ئۆز پۇقرالىرى ئىچىدە يۈزلەپ، مىڭلاپ كىشىلەرنى چەتئەلدە ئوۋلىسىمۇ، يۇمشاق كۈچ بىلەن تىزگىنلەش ئوڭاي توختايدىغان ئۇيغۇرلار توپىغا ئېپى كەلگەندە يالماپ يۇتۇشقا توغرا كېلىپ قالمىسىلا بۇ يولنى مۇمكىنقەدەر ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كەلدى. نەپرەت ئىچىگە پاتمىغانچە نەپرەتنى قانداق قىلىپ ئىچىگە يۇتۇشنىڭ تەلقىنلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىدا، قانداق قىلىپ پىسخىكىلىق زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىك، قانداق قىلىپ چەت ئەلدىكىلەر ئۆزىنى «ساقلاپ قېلىش» قاتارلىق تېمىلارنىڭ بازارلىق قىلىنىشى ئارقىسىدا، يۆنىلىشنى مۇمكىنقەدەر ھەركىم ئۆزى بىلەن قالغان، ھەركىم ئۆزىنى مەۋجۇتلۇقنى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ كاندىدات ئەزالىرى بولۇپ دەۋا ئاتلىق داشقازاننىڭ پەپىلىشى بىلەن، ئاتالمىش ئىستراتېگىيەچى تىپلارنىڭ بۇرۇندىن يېتىلەش تىپىدىكى ۋەز - كالاملىرى ئارقىسىدا، موللام قىياپەتلىك مەدداھلارنىڭ مەۋجۇت سىياسىي كىرىزىسلار بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان ئىشلارنى مەسىلە سۈپىتىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ ۋەزخانلىق قىلىشلىرى، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغلارنى ئۇسۇللۇق ياكى ئۇسۇلسىز، ناخشىسىز ياكى مەشرەپلىك ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تارتىشمىلارنىڭ پەيدا قىلىنىشىغىچە بولغان ماجىرالىق ھايات تەرزىمىزنىڭ ئارقىسىدا ئەنە شۇ يۇمشاق كۈچنىڭ يۆنلەندۈرۈش، رېلىسنى بۇراپ بېرىش، سىياسىي كىرىزىسنى ئىجتىمائىي كىرىزىسقا ئايلاندۇرۇشتەك تەسىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. ئەسلىدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش مەسىلىسىدە چەتئەلدە قانداق قىلىپ ئۆزۈمنى ساقلاپ قالىمەن ياكى ئۆزىمىزنى ساقلاپ قالىمىز مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئېنىرگىيەنىڭ شۇنىڭ ئۈچۈنلا خورىتىشقا زورۇقۇشمۇ مەلۇم مەنىدە مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ئۈچۈن خاتا قەدەم ئېلىشتا يېتەرلىك بىر تۇتۇم. چەت ئەلدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئىدىيەسىنىڭ بۇ يۆنىلىشكە بۇرۇلۇشى، تۇرۇۋاتقان دۆلىتىگە ئۆي - ماكان سېلىپ جايلىشىش، ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك پۇت تىرەپ تۇرۇش، مەھەللە - رايون قۇرۇپ يەرلىكلىشىش ئىستەكلىرىنىڭ كونترولسىز ئارتىشى قاتارلىقلارمۇ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشتىن بەكرەك سىياسىي ۋىۋىسكا ئاستىدا سىياسىي ھاياتتىن ئۆزىنى ئۇزاقلاشتۇرۇشقا  يول ئىزدەش خاھىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، تەبىئىيلەشمىگەن ئىش سۈنئىيلىكتىن نېسىۋە ئالغان ئىش غەرەزنىڭ، پىلاننىڭ پارچىسىغا ئايلانغان بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سىياسىي سەھنىدىكى «باش»لارنىڭ كاللىسىدىكى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەرگە ئوخشىتىپ تۇرۇپ دەۋا قىلىش بېكىگەن يەردە، ئوخشاش زېھنىيەتتىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئاتالمىش دىئاسپورالىقنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋە بۇنىڭغا ئەل بولۇپ كېتىۋاتقان ئىجتىمائىي توپنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى مەۋجۇتلۇق كىرىزىسلىرىغا سىياسىي مەۋقەدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالىشى قانچىلىك بولماقچىدى؟ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى دېيىلگەندە، شۇ ئېنىق بولۇشى كېرەك ئىدىكى، كىرىزىس ۋەتەندە، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇجادىلىسىنى داۋام قىلدۇرۇشتا. ۋەتەن سىرتىدىكى مۇجادىلىنىڭ بىرىنچى نىشانىمۇ ۋەتەن ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ كىرىزىسلىرىغا قارشى تەدبىر ئىشلەش، ھەرقانداق ئىجتىمائىيلىققا ياتىدىغان ھەرىكەتلەرنى سىياسىي غايىگە خىزمەت قىلىدىغان ئۇنسۇرغا ئايلاندۇرۇش بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋەتەن سىرتىدىكى مەۋجۇتلۇق ۋەتەن ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇققا قاراشلىق قىلىنمىغاندا، چەتئەلدە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئىددىئالىرىنىڭ ھېچبىرىنى ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان مەۋجۇتلۇق كۈرىشى قاتارىدىن ھېسابلىغىلى بولمايدۇ. بەلكى بۇ سىياسىيلىق جەھەتتىن ۋەتەن ئىچىدىكى كىرىزىستىن بارا - بارا يىراقلىشىش، مىللەت، خەلق ئۇقۇملىرىنى ۋەتەن سىرتىدىكى ئاز سانلىق توپلۇمغا يۈكلەپ ئىشلىتىش، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن كېيىنگە تىزىشقا ياتىدىغان تۇتۇم ۋە كەيپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ. خۇددى بۈگۈنىمىزنىڭ روھىي ھالىتىدەكلا.

مانا بۇنداق ۋەزىيەتتە تۇرۇشىمىزنى قانداقمۇ يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنىڭ رېلىسقا سېلىش تاكتىكلىرىنىڭ سايە تاشلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى، كىېتىۋاتقان يۆنىلىشىمىزنى ئەقلىيلىككە تويۇنغان ھۆر ئىرادىمىزنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى  دېگىلى بولسۇن؟ ئەسلا.

3

شىددەتلىك زۇلۇمغا قارشى تەلۋىلىشىشىمىز كېرەك بولغان كۈنلەردە يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنىڭ نە قەدەر ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى، بىزنى رايىشلاشتۇرۇشتا قانداق ئۇستىلىق بىلەن پىسخىكىمىزنى ئوۋلاپ ماڭغانلىقىنى، بارغانچە يۇمشاشقا، توغرىسى زۇلۇمغىمۇ كۆنۈكۈشكە قانداق يېتەكلەپ ماڭغانلىقىنى نەچچە يىل مابەينىدىكى روھىي ھالىتىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر يېتىپ ئاشقۇدەك ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ. تۆت يىل ئالدىدىكى ئون مىڭلاپ نامايىشقا جۈرئەت قىلغان غەيرەتنىڭ بۈگۈندە كۆرۈلمەسلىكى، نامايىشتا كۆرۈلمىسىمۇ شۇ چاغلاردىكى تەرەپ - تەرەپتىن زۇلۇمغا قارشى ئاكتىپلارنىڭ شىددەت بىلەن پەسكويغا چۈشۈشى، تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن دەرد ئاڭلىتىش ھىممەتلىرىنىڭ سۇسلىشى، توغرىسىنى ئېيتقاندا زۇلۇم يىلدىن يىلغا شەكلى ئۆزگىرىپ، تەرەققىي قىلىشىغا قارىتا كوللېكتىپ مىزاجىمىزنىڭ تەتۈر تاناسىپ ھالدا شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، ھەتتا تۆۋەنلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرىنى ئاۋاملار تەشكىلاتتىن، تەشكىلاتلار ئاۋامدىن ئىزدەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىمۇ ئەنە شۇ يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنىڭ كۆرۈنمەس سايىسى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قانداقلىكى ئاكتىپلاشقا ياتىدىغان بىرەر سىياسىي ھەرىكەت ياكى سىياسىي دولقۇن كۆتۈرۈلۈشىگە دەرھال قارشى تەرەپتىن چىقىپ ئۇنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى، بەزىدە قوللىغان ۋە قۇۋۋەتلىگەن كۆرۈنۈپ ئىشنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ ئىچىدىن بۇزۇپ بەربات قىلىشلارنىڭ دەۋاچىلىقنىڭ بىر خاراكتېرىگە ئايلىنىپ قېلىشى قاتارلىقلاردىمۇ دۈشمەنگە قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش روھىنى سۇسلاشتۇرغۇچى، رايىشلىققا يېتەكلىگۈچى، دەرغەزەپلىك كوللېكتىپنى زۇلۇم ئالدىدا تەمكىن تۇرالايدىغان سالاپەتلىك مەزلۇملارغا ئايلىنىشىغا خىزمەت قىلغۇچى يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئويلاپ قالمايلىكى، يۇقىرىقىلارنىڭ بۈگۈنكى ھالغا كېلىشىدە، يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرى نوقۇل سىرتقى قولنىڭ كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. ياق، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، ئۆزىمىزنىڭ تۈرلۈك ئۇنۋان ئاستىدىكى بىر تۈركۈم «باش»چىلارنىڭ، تەسىر دائىرىسىگە ئىگە نوپۇزلۇقلارنىڭ، مەنپەئەتكە بېقىپ ئىش كۆرىدىغان موللا - زىيالىي تائىپىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشتى. ھەتتا بۇلار ئىچىدە نۇرغۇن «باش» ۋە «يېتەكچى»لەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ۋە يېتەكلىنىۋاتقان يولىنىڭ توپلۇمنى قايسى ھاڭغا باشلايدىغانلىقىنىمۇ ئۇقۇپ - ئۇقمىغان ھالدا يا خېرىدار قوللىغۇچىسى، ياكى باشلامچى لىدىرى بولۇپ بېرىشتىن قاچالمىدى. يېغىپ كەلسە دېيىلىۋاتقان ۋە يېتەكلىنىۋاتقان ئىشتا قارشىلىق كۆرسىتىش، تىنىمسىز مۇجادىلە قىلىشقا ياتىدىغان ھەرىكەتتىن بەكرەك، تىنچ ياشاپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە، جان ساقلاشقا، ۋەتەنسىز مەنە تاپمايدىغان دۇنيا ئۈچۈن قوزۇق قېقىپ مەھكەم يېپىشىشقا قىزىقتۇرىدىغان قانداق ئىدىيە ياكى تەشۋىقلەر بولسا، بازارلىق بولۇش ۋەزىيىتى يارىتىلدى ۋە بۇ ۋەزىيەت يەنىمۇ مۇرەككەپلىشىشكە قاراپ يول ئالماقتا.

ئەلۋەتتە، دۈشمەننىڭ يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسى ھە دېگەندە كۆرۈنمەس قول، يەنى ئىچىمىزدىكىلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تىزگىنلەش، رايىشلاشتۇرۇش، زۇلۇمغا قارشى ئىسيان روھىنى سوغۇققانلاشتۇرۇپ بارا - بارا جاسارەتسىز، ھىممەتسىز ۋە ئىرادىسىزلەشتۈرۈش تەرزىدە داۋام قىلىۋەرگەنمۇ ئەمەس. بەلكى بۇ يەردە كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان تاكتىكىلىرىمۇ ھەم بار. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، رايىشلاشتۇرۇش تاكتىكىلىرىغا يانداش ھالدا بىر تۈركۈملەرنى ئۈندىدار، ۋاتىسئاپ قاتارلىق ئۇچۇر - ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تىزگىنلەشكە تىرىشىش، يېپىق ئۇسۇلدا، مەجازىي تىللاردا قارشى تەرەپكە تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەيدان ۋە مەۋقەدە جاسارەت كۆرسىتىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش، ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە يېشىل چىراغ يېقىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تۈركۈملەپ سەھنىدە زۇلۇمغا قارشى سىياسىي پائالىيەت قىلىشتىن توختىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار بار. نەتىجىدە مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ  يەنىلا چەتئەللەردىكى ئاز سانلىق توپلۇم ئىچىدىكى يەنىمۇ ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلغۇچى دەۋاچىلارغا قىسقارتىش پىلانى ئەمەليلىشىپلا قالماستىن، بۇمۇ ئاقىۋەت مۇستەقىلچىلەرنى يىتىم قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىك توپنىڭ ئىچىدىكى ئازلا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ ساداسى تۈسىنى ئالدۇرۇش پىروجىلىرىگە خىزمەت قىلىشتىن باشقىغا يارىمىدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا، ياۋۇز دۈشمەننىڭ قاپىقى تۈرۈلمىسىلا ئۇنى ئەپۇ قىلىشقا پۇرسەت بېرىپ «غوجاكا» كۆرەلەيدىغان پىسخىكىمىز يەنە تاۋلىنىشتىن توختىمىدى. دۇنياغا ئىرقىي قىرغىنچلىقتىن ئىبارەت ۋەھشىيلىكنى بۇ ئەسىردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپى ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلىتالايدىغان، دەستەكچى ۋە قوللىغۇچىلارنى ئاۋۇتۇشقا كۆز يېتىۋاتقان بىر پەيتتە مەزكۇر يۇمشاق كۈچ ئۆزىنىڭ «2020» دە كامپىلار تاقىلارمىش سەپسەتەسىنىڭ كۈچىنى كۆرگەندىن كېيىنكى قەدەمنى ئېلىپ بىر ياندىن ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى سىرتقا چىقىشقا ئېچىۋېتەرمىش نەغمىسىنى ئوقۇسا، يەنە بىر ياندىن چەت ئەلدە ئۇرۇق - تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىش ئەركىنلىكى بېرىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرىنى ئەھلى جاھانغا بەرمەكچى بولدى. ئەمدىلىكتە بىر ياندىن چەت ئەلگە تۇغقان يوقلاشقا ماڭغانلىق ۋىدىيولىرىنى ئىشلەپ تارقاتسا، يەنە بىر ياندىن ۋەتەنگە چەت ئەلدىن تۇغقان يوقلاپ قايتالىغانلىق ۋىدىيولىرىنى تارقىتىپ ئاۋارە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. مانا بۇلار ئەمەلىيەتتە يۇمشاق كۈچ قوللىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بىزنى رايىشلاشتۇرۇش ئۇرۇنىشىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىش تاكتىكىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يوقلىقىنى، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈدەك، ئۇرۇق - تۇغقاندىن ئالاقە ئۈزدۈرۈپ، بىرىنى سۈرگۈندە، يەنە بىرىنى لاگېرلاردا جازالاش ئىشى يوقتەك بىر ئۇچۇرنى بېرىش سېنارىيەسىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئەلۋەتتە ھەر ۋاقىت دۈشمىنىگە سېتىلغان، ئۇنىڭ ئىستەكلىرى بويىچە ئۇسۇلغا چۈشۈپ بېرىدىغان تائىپىنىڭ خەلقتىن ئىبارەت چوڭ گەۋدىنىڭ ئارىسىدا تېپىلىشى تەبىئىي. مىليونلاپ خەلقنىڭ قان - زار يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ قەۋمداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا دۈشمەننىڭ سېنارىيەسى بويىچە رول ئېلىپ تارقىتالىغان مۇناپىق تائىپىلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىمىزمۇ بۇنىڭ تىپىك ئۆرنىكى. سېنارىيەدە رول ئويناۋاتقانلارنىڭ مۇناپىقلىقى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم تۇرۇپتۇ. ئەمما بۇنىڭغا ئىستەكلىنىۋاتقان، يۈزلەپ، مىڭلاپ ئۆچرەت قوغلىشىپ ۋەتەنگە چۈشۈشنى بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان پەيتتە قىلىدىغان بىرىنچى غەمگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئۇيغۇر ئاتلىق تائىپىلەرچۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ ئىستىكىنى قوزغاۋاتقان، مىليونلاپ خەلقنىڭ ئاھۇ - زارىغا تەتۈر مۇقام توۋلايدىغان بىر پەسكەشلىكنى ئاتالمىش «ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ» شوئارۋازلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ماڭقۇرت نا ئەھلىلەرچۇ؟ ئۆز ۋەتىنىگە مۇستەملىكىچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ كىرىشنى نومۇس بىلمەيدىغان ھالغا كەلگەن ماڭقۇرتلارنى مەيدانغا چىقىرىۋاتقان، ۋەتەننىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا ئىكەنلىكى دەۋانىڭ تۈپكى خىتابى بولۇۋاتقان، قىرغىنچىلىقنىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىش تىپىدىكى قىرغىنچىلىق بولماستىن، مۇستەملىكە قىلغاندىن كېيىنكى قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنىۋاتقان، خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدىكى مەسىلىنىڭ مۇستەملىكىچى بىلەن ھۆرلۈك تەلەپ قىلغۇچى خەلق ئارىسىدىكى كۈرەش مەسىلىسى ئىكەنلىكى، زېمىننى بېسىۋېلىش بىلەن مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئوپئوچۇق ئىپادىلىنىپ تۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە كونسۇل ئالدىنى ئۆچرەتكە تولدۇرۇش، پاناھلىق تىلەپ ئالغان كىملىك ۋە پاسپورتقا يەنە شۇ مۇستەملىكىچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئۆزىنى مۇستەملىكچىنىڭ پۇقراسىلىقىنى ئېتىراپقا ئىگە قىلىش، ۋەتەندە زۇلۇم يوقلىقىغا ئىشارەتلەيدىغان قىلمىشلارنى قىلىشنى توغرا كۆرسىتىۋاتقان، ساتقۇنلۇق خاھىشىنى قۇترىتىپ ئاكتىپلاۋاتقان  يۇمشاق كۈچ زادى قەيەردىن كېلىۋاتىدۇ؟ مانا بۇلار ئىشنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىسى.

خۇلاسە

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلەردىن بىرىدە «مەن گۈزەل ئەخلاقنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دەپ كۆرسىتىدۇ. قىز كۆمۈش ھادىسىسىگە قارايدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىش زېھنىيەت ۋە ئەمەلىي تۇتۇمدىكى ئاشقۇنلۇقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلىدى. نۇقسانلىققا، ۋەھشىيلىككە خاتىمە بەردى. نۇقساننى تۈزلىدى، بولۇشقا تېگىشلىك تەبىئىي يولىدىن چىقىپ كەتكەننى توغرا رېلىسقا سالدى. ئەمما ئادىمىيلىك، مەردلىك، ساداقەتكە ئوخشاش ئىسلامدىن ئاۋۋالقى رۇس ھالىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن بىر قىسىم مەۋجۇت پەزىلەتلەرگە تەگمىدى. دوست - دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتتە چەك - چېگرا ئايرىش پىرىنسىپىنى، ھالقىلىق ۋەزىيەتلەردە دۈشمەن سېپىگە ئۆتۈپ ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىغا خىيانەت قىلىش، نامىغا داغ تەگكۈزۈشكە قارىتا كەسكىن تۇتۇمنى كۈچەيتتى، زۇلۇمغا قارشىلىق روھىنى يەنىمۇ ئۇلغايتتى. بەلكى ئۇنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ چەك چېگرانى ئايرىشتىكى ئۆلچەمنى قەبىلە، شەخس ۋە باشقا ماددىي مەنپەئەتلەرنى ئۆلچەم قىلىشتىن كۆرە ھەقىقەتنى ئۆلچەم قىلىشنى، ھەقنىڭ رىزاسىنى كۆزلەشنى، ئادالەتنى، ھەققانىيلىقنى ئۆلچەم قىلىشنى تەلىم بېرىپ كامالەتلەشتۈردى. ھەقىقەتتىن نېسىۋە ئالمىغان ھەرقانداق «ۋازلىق» ئۈچۈن مۇھەببەت - نەپرەت چېگراسى ئايرىشتەك، قان كېچىپ جان ئېلىشتەك، جان بېرىپ ئۆزىنى ئاتاشتەك جاھالەتلىك قىلمىشلارغا، دۇنيالىق مەنپەئەتكە دۈم چۈشۈشنى نورمال ساناشتەك خاھىشلارغا خاتىمە بەرگەن بىر توپلۇمنى بەرپا قىلدى ۋە بۇ توپلۇم كەلگۈسىدە دۇنياۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىكى تۇنجى نۆۋەتلىك سەركە ئەۋلاد بولۇش شەرىپىنى قولغا كەلتۈردى.

قۇدۇس (پەلەستىن) مەسىلىسى كۈنىمىزدە ئەنە شۇ سەركە ئەۋلادنىڭ ئىزىنى باسقانلارنىڭ تۇپراق ۋە مۇستەقىللىق دەۋاسى مەسىلىسى بولۇپ، ئىشغالغا ئۇچرىغان قۇدۇس بۇلار ئۈچۈن ئىشغال ئاستىدا تۇرۇپ بېرىش ھارام قىلىنغان زىيارەتگاھلارنىڭ بىرى. يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ ئاتلىنىش ئىبادەت سانالغان ئۈچ مۇقەددەس قەدەمگاھنىڭ بىرى بولغان قۇدۇسنىڭ ئىشغال بولۇشى ئۇشبۇ ئىبادەتنى ئورۇنداشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. ھالبۇكى، قۇدۇسقا بېرىش مەۋجۇت مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن ئەرەبلەرگە چەكلەنگەن جاي ئەمەس. ئىسرائىلنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان، ئۇنىڭ ۋىزىسىنى پاسپورتىغا قويدۇرۇپ كىرىشنى، يەنى مۇستەملىكىچىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ كىرىشنى ھېچبىر مەسىلە سۈپىتىدە قارىمىغان ئەرەبلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن. ئەمما مۇقەددەسلىكى ۋەھيى بىلەن تارتۇقلانغان قۇدۇس ۋە ئۇنى زىيارەتگاھ قىلىشتىكى دىنىي تەلەپ ئىشغالدىن ئىبارەت چوڭ سېپىل تۈپەيلى ئۇنىڭ ھۆرلۈكىنى ئىستىگۈچى ئەرەبلەر ئۈچۈن، ئۇنى ئىشغال ئاستىدىكى ئىسلام زېمىنى دەپ بىلگەن ۋەتەنپەرۋەر مۇسۇلمانلار توپى ئۈچۈن زىيارەت قىلىش، بېرىپ كېلىش ھارام بولۇپ كەلدى. مەسىلە ئۇلارنىڭ ۋەتەن سۆيمەسلىكىمۇ، رادىكاللىقىمۇ؟، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. بەلكى مەسىلە ئۆز ئۆيىگە رۇخسەت ئېلىپ كىرىش مىسالى بىراۋنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا كىرىش ئارىسىدا پەرق بارلىقىدا. ئۆزى ۋە ئابا - ئەجدادى بىنا قىلغان ئۆيى مىسالى ھۆر ئىرادىسى بىلەن زىيارەت قىلىش بىلەن ئىشغالچىلارنىڭ سىياسىي ھاكىمىيىتىنى تەن ئېلىپ ئۇنىڭ ئىجازىتى ۋە ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا زىيارەت قىلىشنىڭ پەرقى بارلىقىدا. ئەركىن زىيارەت قىلىش بىلەن مۇستەملىكىچى بېكىتكەن شەرتلەرنى قوبۇل قىلىپ ياكى رىئايە قىلىپ زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشتەك نومۇسسىزلىقنى سادىر قىلىش ئارىسىدا پەرق بارلىقىدا. بۇ خۇسۇستا بىز «بىر مۇسۇلماننىڭ ئىشغال ئاستىدىكى قۇدۇسنى تاكى ھۆر قىلماي تۇرۇپ، ئىشغالىيەتچىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىن قۇتۇلدۇرماي تۇرۇپ زىيارەت قىلىشى جائىز ئەمەس، ھارامدۇر، ئىشغالچىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش خىيانەتتۇر. ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قۇدۇسنى ھۆر قىلىش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەنلەرنى مەزمۇن قىلغان باياناتلارنى، شەرئىي ھۆكۈم - پەتىۋالارنى، سىياسىي خىتابلارنى كەڭ ئۇچرىتىمىز. بۇ خىتابلاردا ھاكىمىيەتپەرەس موللا - زىيالىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چىڭ يول تۇتقۇچى پىرقىلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇراھال يول تۇتقۇچى پىرقىلىرىغىچە ھەممىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە ۋە مەۋقەدە بولغانلىقلىرىنى، قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاساسىدا ئىشغالچىغا قارشى تۇتۇم بەلگىلەشنى ھەرقانداق شەخىسي مەنپەئەت ۋە ھەۋەستىن ئۈستۈن كۆرۈش ئىدىيەسىدە ئۆرنەك بولغانلىقلىرىنى ئۇچرىتىمىز. مانا بۇ دۈشمەن سېپىگە ئۆتۈشنى، ئۇنى كۈرەڭلىتىدىغان، ئۇنى ئېتىراپقا ئېرىشتۈرىدىغان، ۋە ئۆز قەۋمىنى يەرگە قارىتىدىغان قىلمىشلارنى جاھىلىيەت دەۋرىدىن بىرى ھار ئالىدىغان، ئىسلامىيەتتىن كېيىنمۇ تەۋەللا - تەبەررا ئىدىيەسىدە مۇھەببەت - نەپرەتنى ئېنىق قىلىپ كەسكىن تۇرالايدىغان ئويغاق ئەرەبلەرنىڭ تۇتۇمى. شۇنداقلا بىزنىڭ ئاتالمىش قەلەمكەش ۋە ئاتالمىش ئاخباراتچى، ئاتالمىش زىيالىي قەلەملىرىدە ئىككىدە بىر پەس كۆرۈش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان، قەدەمدە بىر بىر ئۆچمەنلىك بىلدۈرمىسە تۇرالمايدىغان ئاشۇ «بەدەۋىي» ئەرەبلەردە بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن مىللىي روھ.

بىز گەرچە قىرغىنچىلىق پەيتىدە ۋەتەنگە بېرىش - كېلىش مەسىلىسىدە ئويغاق سىياسەتچىلىرىمىزنىڭ، قىسمەن تەشكىلاتلار ۋە سەگەك ئىلىم ئەربابلىرىمىزنىڭ كەسكىن تۇتۇم ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي كونسۇلدىن خەت ئېلىپ ۋەتەنگە چۈشۈشنىڭ خىيانىتىنى ئەيىبلەۋاتقانلىق ھالىتىنى كۆرۈۋاتقان بولساقمۇ، ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىكى، ئارىمىزدا كۆپ سانلىق تەشكىلات تائىپىلىرىدە، نوپۇزى بار ئاخبارات ئورگانلارنىڭ تۇتۇملىرىدا بۇ ئىشقا قارىتا كەسكىن ئىنكاس، قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتلىرى ھېلىھەم يوقنىڭ ئورنىدا. سىياسىي دەۋا پايخان بولۇۋاتقان، يىللاپ تارتقان رىيازەتلەرنى مازلاشتۇرۇپ، مۇستەقىللىق داۋاسىنى سىياسىي سەھنىدە ئوڭايسىزلاندۇرۇشقا ياتىدىغان، يەنى دۈشمەننىڭ گۈلقەقەسىنى ئاچتۇرىدىغان، ئېچىنىشلىقى ئۆز گۆشىمىزدە ئۆزىمىزنى قورۇيدىغان ئىشلارنىڭ شەپىلىرى بولۇۋاتقاندا، يېتەرلىك ئاۋاز، كۈچلۈك شەكىلدە ئورتاق بايانات ۋە كەسكىن پوزىتسىيەلەر يەنىلا يېتەرسىز. ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كۆپتۈرمە قىلىش، خىتاي پىروپاگاندىلىرىغا قارشى سىياسىيلىققا چېتىلىدىغان ئىشلارنى مۇمكىنقەدەر كۈن تەرتىپتىن يىراقلاشتۇرۇش ھاۋاسى ئەكس ئەتكەن. تېخى بۇلا ئەمەس، ئەرەبلەرنى ئەڭ سەلبىي ئوبرازلاشتۇرۇشقا مايىل بولۇپ كەتكەن، بىر توپلۇمدا كۆرۈلىدىغان ئىللەتنى بىر مىللەتكە بىر پۈتۈن ئارتىپ تۇرۇپ ئەرەب ئۆچمەنلىكى زېھنىيىتى بويىچە ۋالاقلايدىغان تىپلارمۇ مەزكۇر خىيانەتلىك زىيارەتنى ئاقلاشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كويىدا. ئەجەبا بىزدىكى كوللېكتىپ ۋىجدان جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئاشۇ بەدەۋىيلىرىدە تېپىلىدىغان دوست - دۈشمەن چېگراسىنى ئېنىق قىلىشقا ياتىدىغان تۇتۇمدىنمۇ يوقسۇزلاشقان بىر ھالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟

شۇ ئېنىق بولغايكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق نەچچە يىلدىن بۇيانقى شىددىتىدىن يەنىمۇ كۈچىيشكە قاراپ كېتىۋاتقان، مۇستەملىكىچى كۈچ بۇنى سەزدۈرمەسلىك ئۈچۈن جان - جەھلى بىلەن يۇمشاق كۈچ تاكتىكىلىرىنى ئىشقا سېلىپ زېھىنلەرنى مەشغۇل قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ئويۇنغا كەلمەسلىك، لەنەتلىك تۇتۇملارنى لەنەتلەشتە دادىل بولۇش، خىيانەتلىك قىلمىشلارغا سەپنى ئېنىق قىلىپ دوست - دۈشمەن چېگراسىنى ئايرىش ھەربىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەمدە ئادىمىيلىك تۇتۇم مەسىلىسىدۇر. شۇنداقلا قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقنى ئېتىراپ قىلىش كۆلىمى يىلدىن يىلغا كۈچىيىۋاتقان  ۋەزىيەتتە مىليونلىغان ئازاب ئوقۇبەتتىكى خەلقنىڭ زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ بېرىشكە ياتىدىغان، زۇلۇمغا قارشى بېرىلگەن گۇۋاھلىقلارنى چۈرۈتۈشكە يارايدىغان خىيانەتلىك زىيارەتكە تەرەددۇتلىنىشلەر ئەمەلىيەتتە سېپى ئۆزىدىن ساتقۇنلۇقتۇر. بەدەلسىز ۋە مىللەتكە قارشى بىرەر مەنپەئەتنى سۇغارماي تۇرۇپ چېشىنىڭ ئېقىنى كۆرسەتمەيدىغان، بەدەلسىز يېشىل چىراغ ياقمايدىغان مۇستەملىكىچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىستەكلىرىگە ماقۇلغا كېلىشنى تاللاشتا مەلۇم مەنىدە ئۆزىنى تەييار قىلىشتۇر. مەزكۇر قىلمىشلارنى ئەيىبلىمەسلىك، ئۇنىڭغا كۈچلۈك نەپرىتىنى بىلدۈرمەسلىك، شۇنداقلا خىيانەتلىك زىيارەت، بېرىش - قايتىش قىلغۇچىلاردىن ئادا - جۇدالىق جاكارلىماسلىق، ئەكسىچە قوغداش، توغرا چۈشىنىپ باردى – كەلدىنى ئۈزۈش تەرىپىدە بولماسلىق قاتارلىقلار بولسا، سېپى ئۆزىدىن ماڭقۇرتلۇق، دۆتلۈك ۋە شەرەپسىزلىكتۇر.

-بۇرھان مۇھەممەد

2023-07-25

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى