Jump to content

موخاچ ئۇرۇشى (1526)

ئورنى Wikipedia

موخاچ ئۇرۇشى (تۈركچە: Mohaç Muharebesi) ئوسمانلى - ۋېنگىرىيەگە ئۇرۇشى. 1526 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى دوناي دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى موخاچ شەھىرى (Mohacs، بۈگۈنكى ۋېنگىرىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) يېنىدا سۇلتان سۇلايمان Ⅰ ئوسمانلىنىڭ تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى باشلاپ ۋېنگىرىيە قرالى، قوشۇمچە چېخىيە قرالى لۇئى Ⅱ (LouisⅡ، 1516 — 1526 - يىللىرى تەختتە بولغان) باشچىلىقىدىكى تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ۋېنگرىيە چېخ بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلغان. نەتىجىدە ئوسمانلى قوشۇنى غەلىبە قىلغان. لۇئى Ⅱ جەڭدە ئۆلگەن، ۋېنگىرىيە مۇنقەرز بولغان، زېمىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنۈپ: تۈركىيە ئۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىنى بېسىۋالغان. شەرقىي قىسمى (ترانسىلۋانىيە) ئوسمانلىغا بويسۇنغان، غەربىي قىسمى ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا ئايرىپ بېرىلگەن.