موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە
موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە
قىلالايدىغاننى قىلىپ مېڭىش مەسئۇلىيەت. ئەڭ پەسكەش ئادەملەرلا قىلىۋاتقانلىرىنى قىلغاندەك كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ قىلىۋاتقانلاردۇر. بۇنداق پەسكەش تىپلار قورقۇنچاق كېلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قورقىدىغىنى《قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىرى》 نىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئۈنۈمسىز بولۇشى ئەمەس، بەلكى قىلماقچى بولغانلىرىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدۇر.
بۇنداق پەسكەش تىپلار قۇۋ كېلىدۇ. بۇنداقلارنىڭ《قىلغاندەك كۆرۈنۈۋاتقان》لىرى قىلماقچى بولغانلىرى پاش بولغان چاغدا دەرھال قوغدىنىش ئۈچۈن تېۋىنىدىغان، چاققانلىق بىلەن چېكىنىشكە ھازىرلىۋالغان سۈنئىي قارارگاھىدۇر.
بۇنداق پەسكەش تىپلاردا يۈز بولمايدۇ. چۈنكى يۈز بۇنداقلار ئۈچۈن قىلماقچى بولغانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پەقەتلا نوپۇز تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى خالاس! ۋىجدان بىلەن ئەقىل ئارىسىدىكى بىردەكلىكنى تۇتاشتۇرغۇچى تۇتقا ئەمەس.
ھېسسىيات سۇيىئىستېمالچىلىقىمۇ ئاقىدىغان يېرىگىچە ئاقىدۇ. ھېسسىي تېۋىنىش بىلەن بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالساڭمۇ، لەۋەنلەرچە نازنى ئېتىۋەرسەڭمۇ ئەگەر بۇلار سېنىڭ خۇسۇسىيىتىڭدىن ئەمەس، مەككارلىقىڭدىن مەنبەلەنگەن بولسا چانغىنى چانغان. بالونغا پۈۋلەۋەرسە ھامان ئېتىلىدۇ. لېكىن بالوننىڭ ئېتىلىشى ھېچقاچان شاردەك يىنىك بولمايدۇ. 《يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام 》دەيدۇ خەلقىمىز. سېنىڭ بالونۇڭمۇ خەلقى ئالەم ئاڭلىغۇدەك، پاڭ قۇلاقلارنى يارغۇدەك سەمرىپ تاشقۇچە، كۈنى كېلىپ رەسۋاسى چىققۇچە، پاڭ قىلىپ ئېتىلغۇچە ئەسقاتىدۇ خالاس! پاڭ قۇلاقلار ئاڭلىقلاشقان، پەردىلەنگەن كۆزلەر ئىچىلغان چاغدا يالغان بىچارىلىكمۇ، نازىنىنچە تولغىنىپ بېقىشمۇ ئەسقاتمايدۇ. ئەي پەسكەش تىپ! ھەممىنىڭ ۋاقتى كېلىدۇ. بالدۇر قورقۇۋالما، قورققۇڭ كەلسە پەردىلەنگەن كۆزلەردىن ئۈمىدىڭ ئۈزۈلگەن، تېڭىق قۇلاقلار ئېچىلغان كۈندىكى شەرمەندەئى شەرمىسار بولىدىغان كۈنۈڭدىن قورق!
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى