Jump to content

موغۇل ئىمپېرىيەسى

ئورنى Wikipedia

موغۇل ئىمپېرىيەسى ھىندىستاندا قۇرۇلغان بۈيۈك ئىسلام دۆلىتى. 1526 - يىلى، تېمۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بابۇر دېھلىنى ئىشغال قىلىپ، دېھلى سۇلتانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن قۇرغان دۆلەت.

ئەمىر تىمۇر ئوغلى مىرانشاھ ئوغلى مۇھەممەد مىرزا ئوغلى ئەبۇ سەئىد مىرزا ئوغلى ئۆمەر شەيخ ئوغلى بابۇر مىرزانىڭ ئانىسى چىڭگىزخاننىڭ چاغاتاي پۇتىقىدىن تارىغان 13 - ئەۋلادى يۇنۇسخاننىڭ قىزى قۇتلۇق نىگار خېنىم بولۇپ، سۇلتان سەئ‍ىدخان ئاتىسى ئەھمەدخان بىلەن قېرىنداشتۇر. شۇ جەھەتتىن بابۇر ئۆزىنى موڭغۇل\موغۇل خانلىرىغا باغلايدۇكى، ئۇ ئاگرادا قۇرغان سەلتەنەت تارىختا سەلتەنەتى موغۇلىيە ياكى موغۇل ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان.

موغۇل ئىمپېرىيەسى ئەكبەرشاھ دەۋردە (1556—1605)، زېمىنى تازا كېڭەيگەن. جەنۇبتىن باشقا، پۈتكۈل جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ئىچكى جەھەتتە بىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىسىدا، دۆلەت كۈندىن-كۈنگە قۇدرەت تاپقان. ⅩⅦ ئەسىردە روناق تېپىپ، ئىقتىسادىي گۈللەنگەن، مەدەنىيەت-سەنئىتى تەرەققىي تاپقان.

ئەۋرەڭزېب ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇم كۈچەيگەن، ئىچكى قىسىمدا ماراتلار ۋە سىكلەرنىڭ قوزغىلىڭى، تاشقىرىدا ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى ئارقىسىدا خارابلىشىشقا باشلىغان. 1857 - يىلدىكى مىللىي قوزغىلاڭدىن كېيىن، باھادۇر شاھ Ⅱ ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن موغۇل ئىمپېرىيىسى ھالاك بولغان.