موللا مۇسا سايرامى

ئورنى Wikipedia

موللا مۇسا سايرامى (1936-08-23 سايرام، باي ― 1917-03 سايرام، باي) مەشھۇرتارىخشۇناس، ئالىم، شائىر، ‹‹تارىخىي ئەمىنىيە›› ،‹‹تارىخىي ھەمىدى›› قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەرنىڭ يازغۇچىسى.

ئۇ، 1836 - يىلى باي ناھىيەسىنىڭ سايرام رايونىغا قاراشلىق توقسۇن ئانىقىز كەنتى توغايلا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان، دادىسى موللا ئەيسا بىننى موللا ئەزىزخان خوجا ئەينى زاماننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆلىمالىرىدىن بولۇپ، ئوغلىنى يەتتە يېشىدىلا ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلىۋاتقان سايرام مەدرىسىدە ئوقۇتۇپ دەسلەپكى ساۋادىنى چىقارغان. 1847 - يىلى9 - ئايدا كۇچا ساقساق مەدرىسىگە ئۇقۇشقا بەرگەن.ئۇ تىرىشچانلىقى ۋە ئۇستازىنىڭ غەمخورلۇقىدا تېزلا تونۇلغان. 1854 - يىلى كۇچا مەدرىسىدىكى يەتتە يىللىق ئوقۇشىنى تاماملاپ ئانا مەكتىپى سايرام مەدرىسىدە مۇددەرىسلىك قىلغان.

1877 – يىلىدىن كېيىن موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى يېزىقچىلىق ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان، بۇ جەرياندا ئۇ بىرمۇنچە تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازغان.

1917 – يىلى 3 – ئايدا 81 ياشقا كىرگەن موللا مۇسا سايرامى ئاقسۇدىن يۇرتى سايرامغا قايتىپ كېلىپ شۇ يىلى 4 – ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلغان.

قەبرىسى[تەھرىرلەش]

1917- يىلى 6 - ئايدا ئۇرۇق - تۇغقانلىرى قەشقەردىن ئۇستا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى ياساتقان. قەبرىنىڭ ئۈستىگە چاسا شەكىللىك چوڭ گۈمبەز ياسىتىلغان. بۇ قەبرىستانلىق 1958 - يىلى ئۆلكە تاشيولى 307 - لىنىيەسىنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئىككىگە بۆلۈنۈپ، گۈمبەز بۇزۇۋېتىلگەن. ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››دا يەنە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

1984 - يىلى توقسۇن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆمەر ئىسمائىل جامائەتنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ھازىرقى قەبرىسىنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسنى ياساپ تۇرغۇزغان.

ھازىر بۇ قەبرىگاھقا ھۆكۈمەت ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قايتا رېمونت قىلدۇردى. ئېگىزلىكى 2.50 مېتىر، كۆلىمى 15 كىۋادرات مېتىرلىق قەبرە گەۋدىسىگە ئاق رەڭلىك چاقچۇق چاپلىنىپ، قەبرە تېمىغا موللا مۇسا سايرامىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان، قەبرە سىرتىدىن 40 كۋادرات مېتىرلىق دائىرىگە داتلاشماس پولاتتىن مۇھاپىزەت رېشاتكىسى ئورنىتىلغان.

2009 - يىلى 9 - ئايدا باي ناھىيە سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئەخمەت مەمەت، توختى گايىت قاتارلىق يۇرت ئوغلانلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا موللا مۇسا سايرامىنىڭ مىس ھەيكىلى تۇرغۇزۇلۇپ، ھەر ساھە ئاممىسنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بۇ ئۇيغۇر تارىخچىسى، ئالىمى ، شائىرىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتى، سېغىنىش ھېسسياتى ئىپادىلەندى.

ھازىر موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسى ۋە ھەيكىلى ھەر يىلى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن يازغۇچى – شائىرلار، تەتقىقاتچىلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرى، ياش - ئۆسمۈرلەر زىيارەتكە كېلىپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ۋەتەنپەرلىك تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى.[1]

ئەسەرلىرى[تەھرىرلەش]

تارىخى ئەمىنىيە

تارىخى ھەمىدى

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

  1. تەڭرىتاغ تورى، 27- دېكابىر 2016 ئۇلانمىسى