مونارخىيە
Appearance
مونارخىيىلىك تۈزۈم (يۇنانچە: monárkhēs\μονάρχης) پادىشاھ دۆلەت باشلىقى بولىدىغان، ئۆمۈر بويى ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن تەختتىن چۈشكۈچە ھۆكۈمرانلىق قىلىش شەكلى. قۇللۇق تۈزۈمى ئاستىدا مەسىلەن، قەدىمكى مىسىر، بابىلون، پېرسىيە ۋە رىم ئىمپېرىيىسى (كېيىنكى مەزگىلى) دە پادىشاھلىق تۈزۈم ياكى پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ياۋروپادىكى فېئوداللىق تۈزۈم ئاستىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دەسلەپكى فېئودال پادىشاھلىق تۈزۈم، تەبىقىلىك پادىشاھلىق تۈزۈم ۋە پادىشاھلىق مۇستەبىتلىك تۈزۈم بارلىققا كەلگەن. كاپىتالىزم دەۋرىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈم ئومۇمەن پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدە ئىپادىلەنگەن.