مىركامىل قەشقەرىي

ئورنى Wikipedia

مىركامىل قەشقەرىي كىم؟

ئۇ 1970– يىلى قەشقەر شەھىرىدە بىر مىللىي تىبابەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇغان. 1984- يىلى رەھمەتلىك دادىسى مۇھەممەد نۇرۇللاھ ھاجىم 14 ياشلىق چوڭ ئوغلى مىركامىل قەشقەرىنى پاكىستانغا ئېلىپ چىققان. پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان تۇنجى قارار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ ئەھۋال ئېگىلىگەندىن كېيىن،  پاكىستاندا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ھەجگە كېتىش قارارىغا كەلگەن. شۇنداق قىلىپ مىركامىل قەشقەرى پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدىكى سەييىد ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى ئىنسىتېتۇتىدا تۇنجى قارار شەرقىي تۈركىستان ئوقۇغۇچىلىرى قاتارىدا ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. مىركامىل قەشقەرى ئىنسىتېتۇتنىڭ دەرسلىرىدىن سىرت، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپمۇ ئايرىم دەرس ئېلىشتەك تىرىشچانلىقى بىلەن تەييارلىق سىنىپ ۋە 1 – سىنىپتا 2 قېتىم سېنىپ ئاتلاپ، يېشىنىڭ كېچىكلىكىگە قارىماي ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 1987 – يىلى ئاتا-ئانا مىھرىگە تەلپۈنۈپ ۋەتەنگە كىرگەنچە قايتىپ چىقالمىغان.

مىركامىل قەشقەرى قەشقەرگە قايتقاندىن كېيىن مەرھۇم مۇھەممەد يۇسۇپ ئۇيغۇرى ۋە مەرھۇم ئابدۇلھەمىت داموللام تەرىپىدىن ئېچىلغان چەت ئەل تىلى مەكتەپلىرىدە 3 يىلغىچە ئوردۇ تىلى ئوقۇتقىچىلىق خىزمىتىنى قىلىپ، ئىگىلىگەن بىلىمىدىن خەلقنى بەھرىمەن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. بىر تەرەپتىن ئەدىبىيات ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەدىبىي خىزمەتلەرنى قىلغان. «قەشقەر ئەدىبىياتى» ۋە «دۇنيا ئەدىبىياتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا تەرجىمە ھېكايىلىرى شىئېر ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە يەككە تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ پاكىستانلىق شېرىكلىرى بىلەن قەشقەر – پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېپەك يىپ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كۆرىنەرلىك نەتىجە قازانغان. قوشۇمچە پاكىستانلىق ژۇرنالىستلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرغان.

1995 - ۋە 1996 – يىللىرى پاكىستان جامائەت ئىسلامىي تاشقى ئىشلار بۆلىمىدىن ئىلياس ئەنسارى ۋە مىئراجۇل ئىسلامنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ قارغىلىق، خوتەن قاتارلىق شەھەر، ناھىيەلەرنى زىيارەت قىلدۇرغاندىن كېيىن، خىتاي ئىستىخبارىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، «چەت ئەللىكلەرگە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەشتەك ئېغىر تەھدىتلەرىگە دۇچ كەلگەن. خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ غەيرىي رەسمىي ئاغزاكى تەھدىتلىرى ۋە نومۇسسىز تەكلىپلىرىدىن  قۇتۇلالمايدىغانلىقى ۋە چەتئەلگە قېچىپ كېتىشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ، پاكىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك يېقىنلىرى بىلەن ئەھۋالنى ئوچۇق مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، 1996 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پاكىستاندا روناق تېپىپ، شېرىكلىرى بىلەن يېپەك يىپ تىجارىتى، ئىككى پەرزەنتى، ئائىلىسى ۋە يۈرتىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىش قارارىغا كەلگەن. 1997 – يىلى پاكىستان ئارقىلىق سۈرىيەگە كېتىپ، دەمەشىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەرەپ تىلى كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، يەنە دەمەشىقتىكى جامىئە ئەبىننۇر دارۇل ئۇلۇمىدا ئۇقۇشنى باشلىغان.

ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا ئايالى ۋە 2 پەرزەنتىنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە كېرەكلىك ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئىش كۈتكىنىدەك بولماي، چارىسىز 1998 – يىلىدا باشقا بىر ياشانغان ئايالنىڭ پاسپورتى بىلەن ئايالىنى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ سۈرىيەگە ئېلىپ چىققان. لېكىن بىرسى بىر ئايلىق، يەنە بىرسى 3 ياشلىق تاشلاپ چىقىپ كەتكەن 2 پەرزەنتىگە چارە قىلالمىغان.

سۈرىيەدە ئوقۇش جەريانىدا بىر ياندىن ئىلمىي خىزمەرلەرنى باشلاپ، «ئىسلامنىڭ پارلاق ئىستىقبالى» ناملىق كىتابنى ئوردۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئايالىنى ئېلىپ چىققۇچە بولغان سۈرىيەدىكى 2 يىللىق جەرياندا تىجارىتى تامامەن توختىغان مىركامىل قەشقەرى 1998 – يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا كونا شېرىكى شۇنداقلا تاغىسى رەھمەتلىك ھەمىدۇللاھ ھاجىمنىڭ ۋە بىر نەۋرە ئىنىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ پاكىستانغا قايتىپ كېلىش تەكلىپىگە بىنائەن پاكىستانغا قايتقان. پاكىستاندا يەنە يېپەك يىپ تىجارىتىنى باشلىغان. يەنە بىر ياندىن ئىلمىي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پاكىستاندىكى ئوقۇغۇچىلارنى كىتاپ تەرجىمە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق 13 تىن ئارتۇق كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرغان، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھاجىلارغا ھەقسىز تارقىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.

2000 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىخەتەرلىك جەھەتتىن ناچارلىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر ساۋاقدىشى ئابدۇل غەنى قۇتۇبى ئەپەندىنىڭ تەپسىر تەرجىمە قىلىش تەكلىپىگە بىنائەن پاكىستاندا تۇغۇلغان 2 پەرزەنتى ۋە ئايالى بىلەن سۈرىيەگە قايتىپ بارغان، مەۋدۇدىنىڭ  «تەفھىمۇل قۇرئان» ناملىق 6 توملىق تەپسىرىنى تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىقتىسادىي قېيىنچىلىق يەنە باش كۆتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بوۋىسى مۇھەممەد رەھىم ھەسەن قەشقەرىنىڭ يېنىغا كېتىپ، ئىشلەش قارارىغا كەلگەن. قولىدىكى ساختا ئۇزارتىلغان پاسپورت بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىقامەت ئېلىپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا پاكسىتان نوپۇسى ئېلىشقا تىرىشىپ. پاكىستان بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ بالىسى قاتارىدا نوپۇس ۋە پاسپورت ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. بىراق قولىدىكى ساختا ئۇزارتىلغان خىتاي پاسپورتىنىڭمۇ ۋاراقلىرى تۈگەپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەم پاكىستانغا بېرىپ پاكىستان نوپۇسى ۋە پاسپورتىنى ئېلىش، پاكىستان ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ پاسپورت بازىرى بولغان تايلاندقا بېرىپ، خىتاي پاسپورتى سېتىۋېلىشتەك خەتەرلىك يولغا تەۋەككۈل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 2003 -يىلى ئالدى بىلەن پاكىستانغا بېرىپ پۈتۈشكەن ئائىلىنىڭ نوپۇز تېزىملىكى بويۇنچە پاكىستان نوپۇسى ۋە پاسپورتى ئالغان، بوۋىسى مۇھەممەد رەھىم ھەسەن قەشقەرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ئىقامەت تەكلىپى چىقىرىپ پاكىستانغا يوللاپ بېرىشىنى كۈتۈش جەريانىدىكى پۇرسەتتە، پاكىستان پاسپورتى بىلەن تايلاندقا ۋىزا ئېلىش قىيىن بولغانلىقتىن خىتاي پاسپورتى بىلەن بېرىشقا ۋە يېڭى خىتاي پاسپورتى سېتىۋېىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇ جەرياندا پاسپورتىنى خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۇزارتىش ياكى ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان مۇھاجىرەتتىكى 10 غا يېقىن ئوقۇغۇچىغىمۇ تايلاندتىن يېڭى پاسپورت سېتىۋېلىش ئۈچۈن تايلاندقا بارغاندىن كېيىن، ئىككى پاسپورت مافىيالىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ قۇربانى بولۇپ، ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالغان، يېنىدىكى يېڭى ئالغان پاكىستان گراژدانلىق كېنىشكىسى  سايىسىدا «پاكىستانلىق ساختا پاسپورت شايكىلىرى ئەزاسى»  سۈپىتىدە 4 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. تايلاندتا تۈرمىدىكى چاغدىلا  ب د ت  پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان مىركامىل قەشقەرى 4 ئايلىق تۈرمە جازاسىنى تاماملاپ چىقققاندىن كېيىن، ب د ت نىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق پاناھلانغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ رەسمىي تىزىملىكىگە ئۆتۈپ قوغدىلىشقا ئېرىشكەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئادۋوكات بەلگىلەپ بېرىلگەن. پاناھلانغۇچىلار تۇرۈشلۇق مەخسۇس ئائىلىلە قوروغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مىركامىل قەشقەرى تۈرمىدىن چىقىپ 4 ئايغىچە بانكوكتا بىر ئامالنى قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا قالغان ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بوۋىسىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلمەكچى بولغان. لېكىن پاسپورتنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ۋىزىسىنى ئۇزارتىشقا ئامال قىلالماي تۇتۇلۇش ئالدىدا قېچىپ قۇتۇلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن ئادۋوكات بېنجامىن يەنە 6 ئاي بانكوكتا ساقلىسا، ئەنگلىيەگە يولغا سالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن مىركامىل ئائىلىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى يالغۇز ئەنگلىيەگە كېتىشنى تازا توغرا تاپمىغان. ب د ت دىكى ئارخىپىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قايتىدىن بىر ئاماللار بىلەن ئۆمرە ۋىزىسى ئېلىپ، مىڭ بىر مۇشەققەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىۋالغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا 1 يىل تۇرغاندىن كېيىن، ئىقامەت ئېلىش مۇمكىن بولماي 2004 - يىلى  تۈركىيەگە كەتكەن.  

تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ساۋاقدىشى ئابدۇلغەنى قۇتۇبى تەرەپىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر تەرجىمە مەكىزىدە،  سەيىد ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ  «تەفھىمۇل قۇرئان» ناملىق تەپسىرىنى تەرجىمە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن سىرت، مەرىپەت ژۇرنىلىدا نۇرغۇن ماقالىلىرى، شىئېر ۋە نەسىرلىرىنى ئېلان قىلدۇرغان.

2006  - يىلى تۈركيە مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ قارارى بىلەن ئائىلىسى بويىچە  تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. 2008 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا بىر تەرەپتىن ئىلمىي خىزمەت قىلىپ 7-8 گە يېقىن تەرجىمە كىتابى نەشىر قىلىنغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەپتە ئاخىرلىرى يايمىچىلىق قىلىپ، تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامداشقا تېرىشقان،  ھاتتا سافا كۆيدە بىر 4 قەۋەتلىق سۇغۇرتا شىركىتىدە 6 ئايغىچە ھەر كۈنى كەچتە 21:00 دىن 24:00 گىچە بىنادىكى ئىشخانا، ھاجەتخانا، كارىدورلارنى تازىلاش خىزمىتىنى قىلغان.

2008 – يىلى تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمى قۇرماقچى بولغاندا، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ۋە يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئىمتېھانغا كېرىپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتكەن. تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى مىركامىل قەشقەرىنىڭ ئاۋازى بىلەن باشلانغان.

2009 - يىلى جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللا گۈلنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۇرۇمچىگە بارىدىغانلىقىنى بىلگەن قەشقەرى  ۋەتەندە قالغان ۋە ئۆزىگە چېتىشلىق ھالدا تۈركىيە پۇقراسى بولغان 2 پەرزىتىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئابدۇللا گۈلنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىپ ئىلتىماس سۇنغان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىقمۇ پەرزەتلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى باشلىغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە گەرچە ئابدۇللاھ گۈل ئۈرۈمچىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە – شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدىكى پارچىلانغان ئائىلىلەر مەسىلىسىنى مەخسۇس كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، نومۇسسىز خىتايلار قۇرۇق ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان. مىركامىل قەشقەرى تاكى 2013 - يىلىغىچە نۇرغۇنلىغان تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقى ۋە باش مىنىستىرلىق تەپتىش مەھكىمىسى مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزى بىۋاستە جانلىق پاكىتى بولغان خىتاي زۇلمىنى شۇنداقلا 2 پەرزەنتىنىڭ ئەھۋالىنى توختىماي ئاڭلاتقان. بىراق بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى نەتىجىسىز قالغان.  

2013 – يىلى مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە مۇسابىقىسىدا شىئېر دېكلىماتسىيە قىلىش قابىلىيىتى بىلەن ئۇتۇققا ئېرىشكەن كىچىك ئوغلى مۇجاھىت قەشقەرى چاناققەلئە ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مۇرسىمىغا چاناققەلئە ۋالىيسى تەرىپىدىن مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان ۋە 82 مىسرالىق چاناققەلئە داستانىنى دۆلەت مۇراسىمىدا يادقا دېكلىماتسىيە قىلىپ، ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئەردوغاننىڭ كىچىك مۇجاھىدقا بەرگەن ۋەدىسى سايىسىدا قەشقەرى ئائىلىسى باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن پارلامېنتتا كۆرۈشۈپ ئەھۋالنى ئېيتقان. ئەردوغان بۇ مەسىلىنى بىۋاستە ئۆزى تەقىپ قىلىدىغانلىقىنى ئيتقاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىمۇ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ  قەشقەرىنىڭ 18 ياشقا توشمىغان پەرزەتلىرىنى خىتاي نوپۇسىدىن يۇيۇپ تاشلاپ، تۈركىيە پاسپورتى بىلەن چىقىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن نۇپۇس يۇيۇلۇپ بېلەتمۇ ئېلىنىپ بالىلار يولغا چىقىدىغان چاغدا، مىركامىل قەشقەرىگە ئوخشاش چەت ئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ۋە 18 ياشتىن كىچىك بالىلىرى ۋەتەندە قالغان باشقا ئائىلىلەرگىمۇ يول ئېچىلىپ قىلىشتىن شۇنداقلا ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بالىلارنى توسۇپ قالغان. «خىتاي پاسپورتى بىلەن چېگرادىن چىقىشى لازىم، تۈركىيە پاسپورتى بىلەن ئەمەس» دېگەن باھانىلەرنى كۆرسىتىپ 3 ئايغىچە ئىشنى قەستەن ئارقىغا سوزغان. بۇ جەرياندا تۈركىيە ئەلچىخانىسى قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خىتاينىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىقلرىنى قىستاشقا باشلىغان. 3 ئايدىن كېيىن خىتايلار نوپۇسى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلۈپ بولغان بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت قانۇنىمۇ دەپسەندە قىلغان ھالدا خىتاي پاسپورتى بېرىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ، قەشقەرى ئائىلىسى 16 يىل كېيىن پەرزەنتلىرىنى كۆرۈشكە سازاۋەر بولغان.  

مىر كامىل قەشقەرى 2008-يىلدىن بۈگۈنگىچە تۈركىيە رادىيو تىلىۋىزىيەسى ت ر ت نىڭ ئۇيغۇرچە بۈلۈمىدە دىكتورلۇق ۋە ژورنالىستلىق خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.      

بۇ جەياندا ئىلمىي خىزمەتلىرىنىمۇ ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرغان مىركامىل قەشقەرىنىڭ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1 - «كېلىڭلار! ئاللاھنىڭ سۆيگۈ دېڭىزىغا شۇڭغۇپ باقايلى!» ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى نەشرىياتى

2. - «ئىسلامنىڭ پارلاق ئىستىقبالى» (سەييىد قۇتۇپ/ تەرجىمە ئەسەر) پاكىستاندا ئۆزى نەشر قىلدۇرغان

3 - «ھەرەم خۇتبىسى» (سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى/ تەرجىمە ئەسەر) تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تۈركىيە

4 - «ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟» (نەۋىد ئوسمانى/ تەرجىمە ئەسەر) ئۇيغۇر تەرجىمە مەكىزى تۈركىيە

5 - «قۇرئاننىڭ سايىسىدا /تەپسىر 1 -پارە» (سەييىد قۇتۇپ /تەرجىمە ئەسەر ) سۇتۇق بۇغرا نەشرىياتى تۈركىيە

6 - «قۇرئاندىكى تۆت تېرمىن» (سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى/ تەرجىمە ئەسەر) تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تۈركىيە

7 - «تەفھىمۇل قۇرئان/ تەپسىر» (سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى/ تەرجىمە ئەسەر) 5 توم جەمئىي 5000 بەت ئەتراپىدا تەرجىمە قىلدى، ھازىر ئەڭ ئاخىرقى 6- توم پۈتۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

8 - «ئىسلامدا جىھاد» (سەييىد ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى/ تەرجىمە ئەسەر) پاكىستاندا ئۆزى نەشىر قىلدۇرغان

9 - «99 ئىسىم ۋە 99 دۇئا» (دوكتور سەنائىي دەمىرجى/ تەرجىمە ئەسەر) نەشىر قىلىنىش باسقۇچىدا.

مىركامىل قەشقەرى تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىدە دېكتور ۋە تەرجىمان بولۇپ خىزمەت قىلىشتىن باشقا يەنە، يېقىنقى 4 يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق سىياسەت، ئىستىراتېگىيە ۋە كۈلتۈر ئانىلىزى ژۇرناللىرىدىن «خەبەر ئاجاندا» ژۇرنىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بابىدا مۇقىم ياغۇچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ تۈركچە مەزكۇر ژورنالدىن سىرت بەزى نوپۇزلۇق گېزىت ۋە تور گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان شىرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار يازمىلىرى 60 تىن ئاشىدۇ.

 پىكرىنىڭ ۋە قەلىمىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن تۈركىيە ئوقۇرمەرلىرى ئارىسىدا مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە. نۇرغۇنلىغان ئۇنۋېرسىتېت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ كونفرانسلىرىغىمۇ مەخسۇس تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر لېكسىيەلىرىنى سۇنۇپ كەلمەكتە.  

ئۇيغۇر تېلىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ژۇرنال ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر كەشغەرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى»، «ئاللامە مۇھەممەد ئىقبالنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قارىشى ۋە پاكىستان سىياسەتچىلىرىنىڭ خىيانىتى»، «ئىككىنچى بورالتان كۋرۈكى شەرمەندىچىلىكى قايتا يۈز بىرەمدۇ؟»، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى دۈچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر ۋە ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ.

تۈركىستان ۋاقتى

2020- يىلى 14- مارت

مەنبەلەر[تەھرىرلەش]

سىرتقى ئۇلانمىلار[تەھرىرلەش]

دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار
قىتئە ئۇيغۇرلار
ئاسىيا: تۈركىيەلىك ئۇيغۇرلار | قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار | قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇرلار | روسىيەلىك ئۇيغۇرلار|ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلار| پاكىستانلىق ئۇيغۇرلار|

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۇيغۇرلار|تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار| مالايسىيادىكى ئۇيغۇرلار

ياۋروپا: گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرلار | گوللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلار| فرانسىيەلىك ئۇيغۇرلار| بېلگىيەلىك ئۇيغۇرلار| نورۋېگىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسىيەلىك ئۇيغۇرلار|

فىنلاندىيەلىك ئۇيغۇرلار| شۋېتسارىيەلىك ئۇيغۇرلار| ئاۋسترىيەلىك ئۇيغۇرلار

شىمالىي ئامېرىكا: ئامېرىكىلىق ئۇيغۇرلار | كانادالىق ئۇيغۇرلار
ئوكيانىيە: ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇرلار | يېڭى زېللاندىيەلىك ئۇيغۇرلار
باشقىلار: ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى