مىسىر

ئورنى Wikipedia
مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى

جمهورية مصر العربية

بايراق گېرب
مىسىرنىڭ دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئورنى
شۇئارى: ''ھەممىنىڭ باشلانغۇچى''(رەسمىي)

() Where it all begins

() ()
تولۇق ئاتى

قىسقىچە

مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى

مىسىر

قۇرۇلىشى

مىسىر قراللىقى

مىسىر جۇمھۇرىيىتى

1922 - يىلى

1953 - يىلى

پايتەخت

- ئەڭ چوڭ شەھرى

قاھىرە

قاھىرە

رەسمى تىللەر

- ئېتىراپ قىلىنغان تىللار

ئەرەبچە
ئېتنىك بۇدۇنلار 81.9% مىسىر ئەرەبلىرى، %18 قىبتىلەر، %0.1 گرىكلەر
ھۆكۈمەت
خاراكتېرى جۇمھۇرىيەت
دۆلەت رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ سىسى
باش مېنىستېر (باش ۋەزىر) ئىبراھىم مەھلاب
پارلامېنت مىسىر خەلق مەجلىسى
كېڭەش
مۇئاۋىن
قانۇن تۇرغۇزۇش ئورنى مىسىر خەلق مەجلىسى
ئارمىيە (1نچى)
باشقا ئۇچۇرلار
يەر مەيدانى

- سۇ ساھەسى(%)

1,010,408 كلومتر²

390,121 ئىنگلىز مىل² (29.نچى)

نۇڧۇس(2020 تەخمىنەن)

- 2017 رەسمى ساناق

- زىچلىقى

100,075,480 جان(13.نچى)

94,798,827 جان (1نچى)br /> /100كلومتر²(83.نچى)

ئ.ئ.ۇ.ق(2019)

- كىشى باشى

1.391 تىرىلىيون دوللار (19نچى)

14,023 US$ (دوللار)(94.نچى)

پۇل بىرلىكى مىسىر جۈنەيى
كالىندار yyyy\mmmm\dddd

يىل\ئاي\كۈن

قاتناش يۆنلىشى ئوڭ
ۋاقىت رايۇنى +2 (UTC+)
ئىنتېرنېت eg.
خەلقئارالىق تېلېفۇن كود نۇمۇرى 20+

مىسىر (ئەرەبچە: مصر) ياكى رەسمىي نامى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى (ئەرەبچە: جمهورية مصر العربية) شىمالىي ئافرىقاغا جايلاشقان بىر دۆلەتتۇر.

مىسىر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىدۇر. ئاھالىنىڭ كۆپچىلىكى مۇسۇلمان ئەرەبلەردۇر. پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھەرى قاھىرەدۇر. ھازىرقى پرېزدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى ئېرۇر. باش مىنىستىر، ئىبراھىم مەھلاب ئېرۇر. مىسىرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولسا مىسىر خەلق مەجلىسى ئېرۇر.

مسىر شىمالىي ئافرىقىنىڭ نۇپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلىتىدۇر. شىمالدا ئاق دېڭىز ۋە شەرقتە قىزىل دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئىگە مىسىرنىڭ، غەربىدە لىۋىيە، جەنۇبىدا سۇدان يەر ئالماقتا. مىسىرنىڭ ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان قىسمى سىنا يېرىم ئارىلى ئۈستىدە پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن قوشنىدۇر. مىسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم دەرياسى بولغان نىل دەرياسى ئا دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.

مىسىر تۆرت چوڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتنىڭ بىرىدۇر. يەر ئۆلچىمى 1 مىليون 10 مىڭ كم2 بولۇپ، 2020 - يىلى تەخمىنەن 100 مىليون نۇپۇسلۇق بىر دۆلەتتۇر.

مىسىرنىڭ 7000 يىلغا يېقىن ئۆتمۈشى بار بولۇپ، تۇنجى مەدەنىيەتتىن بۇيان نۇرغۇن ھاكىمىيەت، دۆلەت ۋە قەۋملەر ئۆتكەن. تارىختا مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭ مەملىكىتى، ئىسلام دۆلىتىنىڭ توپرىقى، ئەمەۋىيلەر، ئابباسىيلەر، فاتىمىيلەر، مەملۇكىيلەر ۋە ئوسمانىيلەرنىڭ ھۆكۈمدارلىقىدا بولغان مىسىر، 1922 - يىلى بۈيۈك برىتانىيەدىن مۇستەقىل بولغان ۋە 1952 - يىلى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان.

ئاخىرىقى قېتىم 2011 - يىلىدىكى مىسىر ئىنقىلابى بىلەن 32 يىل مىسىرنى باشقۇرغا ھۈسنۈ مۇبارەك غولاپ چۈشكەن ۋە مسىر دېموكراتىيەگە ئۆتۈش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ باسقۇچ 2013 - يىلى 3 ئىيۇل كۈنى سايلانغان تۇنجى دۆلەت رەئىسى مۇھەممەد مۇرسىينىڭ بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن دەخىل كۆرگەن.

مىسىر كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ، ب د ت، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش بىلەن بىرگە ھەم غەرب، ھەم شەرق ئەللىرى بىلەن مۇۋازىنەتلىك ئالاقە قۇرۇپ كەلمەكتە.