مىللىتىمىز نېمىگە ئېھتىياجلىق

ئورنى Wikipedia

نۇرانىيە قەشقىرى

مەن ۋەتەننىڭ بىر زىيالىيلار توپىدا، مىللىتىمىز نېمىگە ئېھتىياجلىق دېگەن مەسىلىگە قارىتا بىر مۇنازىرىگە قاتنىشىپ قالدىم. بۇ توپتىكى %98 كىشى يۇقىرى مەلۇماتلىق زىيالى سانىلىدىغانلار، كۆپ قىسمى ئوقۇتقۇچى. بېرىلگەن جاۋابلار مېنى ناھايىتى ئېچىندۇردى. بىر ئايالنىڭ «مىللىتىمىزدە پۇل يوق، مىللىتىمىز پۇلغا ئېھتىياجلىق» دېگەن گېپى مىڭەمنى چاراسلىتىۋەتتى. قېنى، قېرىنداشلىرىم. ھەر قايسىڭلار چەت ئەللەردە ياشاۋاتىسىلەر، سىلەر نېمىنى ھېس قىلدىڭلار، مىللىتىمىز زادى نېمىگە ئېھتىياجلىق ؟

مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم، بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ روھىيىتى قۇرۇپ كەتتى، روھىي ئوزۇققا ئېھتىياجلىق. مەنىۋىي بايلىققا ئېھتىياجلىق. كۆزىڭىزنى ماددى ئېھتىياج قاماشتۇرۇپ توسۇۋالغىنى بىلەن، زەن سېلىپ قارىسىڭىز چوڭقۇر ھېس قىلىسىزكى، مىللىتىمىز مەنىۋىيەتكە ئېھتىياجلىق. ئىنسان مەنىۋىيىتى تويۇنمىغاندا، ئېھتىياجنى ماددىي بايلىقتىن ئىزدەيدۇ. بىراق ماددىي بايلىق، تېگى يوق ھاڭدەك تولدۇرغانچە قانماي، نەپسىنىڭ كەينىدىن سوكۇلدىتىپ ۋەيران قىلىدۇ.

بىز مىللەت تارىختا شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان، خىتتايلارغا ئەشۇ سەددىچىن سېپىلدەك مۇستەھكەم سېپىلنى سېلىپ مۇداپىئە قىلىشقا مەجبۇر قىلغان، باتۇر قەۋمنىڭ ئەۋلادى بىز شۇ ئەمەسمۇ؟ بىزنى مۇشۇ كۈنگە سۆرەپ كەلگىنى زادى نېمە؟ بىز نېمىشقا موڭغۇل كەتسە مانجۇغا، مانجۇ كەتسە خىتتايغا قۇل بولدۇق؟ بىزنى ساتقان خائىن ئاپئاق خوجا بىزنى موڭغۇلغا بىر ساتقان بىلەن، شانلىق تارىخلىرىمىزنى سۈپۈرۈپ، خەلقىمىزنى نادانلىق پاتقىقىغا پاتقۇزدى. ئويغانغان كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، نادان قالغانلارنىڭ جان ساقلىشى بىلەن ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ئۇلىشىپ ئۈچ يۈز يىلنى ئۆتكۈزدۇق. «جاللات خېنىم» ناملىق روماننى، بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىنىڭ «شۇنداق بىر رەھىمسىز ئايال 3000 ئادەمنىڭ قېنىدا تۈگمەن چۆگىلەتكەن» دەپ تەسۋىرلەپ بەرگىنى ئېنىق ئېسىمدە. ئۇ رەھىمسىز ئايال ئەمەستى. ئۇ بىر دىن، مىللەتنى دەپسەندە قىلىۋاتقان رەھىمسىز قاتىللارنى قەتلى قىلغان ئىلىملىك ئايال ئىدى. تارىخىمىزنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىنمۇ سوراپ كۆرۈڭ، ئۇلار قانچىلىك چۈشىنەركىن، نەتىجە ئادەمنى ئېچىندۈردۇ. ئۆز تارىخىمىزنى چۈشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز. شۇڭا، خەلقىمىز «دۈشمەن كىم» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە، ھەرخىل جاۋاب بېرىدۇ. بىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق دەل مۇشۇ يەردىن باشلانغان. تۈركلەر ئۆز تارىخىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار باشلانغۇچنىڭ بىرىنچى سىنىپىدىن باشلاپ ئۆز تارىخىنى ئۈگىنىشكە باشلايدۇ، ياپۇنلار، خىتتايلار تىللاۋاتقان «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جاھانگىرلىرى» دېيىلگەن ئەجداتلىرىنى، قەھرىمان دەپ تونۇيدۇ. گېتلىرنى فاشىست دەيمىز. گېرمانىيەلىكتىن سوراپ بېقىڭ، شۇ تارىختىن گېرمانىيەلىكلەر نۇمۇس قىلامدىكىن؟…

ئەمدى خىتتاينىڭ تارىخىنى كۆرۈپ باقايلى، مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان جۇ يۈەنجاڭ دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلغان بارلىق سەپداشلىرىنى پاك – پاكىز ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىدۇ. سەۋەبى، ھوقۇقىنى مۇستەھكەم قىلىپ ئەۋلادلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن. سەبداشلىرىنى ئۆلتۈرگەندە «ئۆزىنىلا ئەمەس، يەتمىش ئىككى پۇشتىغىچە يوقىتىش» دېگەن بۇيرۇق بويىچە قىرىپ پاكىزلايدۇ. خەن سۇلالىسىنى خەن ۋۇدى قولغا ئالغاندىمۇ، ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ. يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ماۋ زېدۇڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنى قوزغاپ، پېڭ دېخۈەيدەك قوماندانلىرىنى يوقاتمىدىمۇ؟ جۇ ئىنلەي قوغداپ قالمىغان بولسا، دىڭ شاۋپىڭمۇ شۇ زامانلاردا تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلەتتى. خىتتاينىڭ نەقەدەر زەھەرخەندە ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ تارىخىدىن قالغان قانخورلۇق، چېتىپ جازالاش، جەددى جەمەتىنى قىرىپ تاشلاش، ئۇلارغا ئاتا بوۋىسىدىن قالغان مىراس. ”مىڭى خاتا ئۆلتۈرۈلسە مەيلى، بىرى توردىن چۈشۈپ قالمىسۇن ”دېگەن بۇيرۇقنى ھەتتا، فىرانسىيەدە ئوقىغان، ياۋروپانىڭ ئىلغار تەپەككۈرىنى ئۆزلەشتۈرگەن دىڭ شاۋپىڭمۇ ئىشلەتتىغۇ؟ ھازىر قوللىنىۋاتقان سىياسىتى قايسى تارىختا قوللىنىپ باقمىغان، قايسىڭلار ئېيتىپ بېرەلەيسىلەر؟ ھەممىسى ئۇلار تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇل، سىياسەتلەر. خاتا ئۆلتۈرۈلسىڭىز مەيلى، بىراق توردىن چۈشۈپ قالسىڭىز بولمايدۇ. خەلقىمىزنى نېمىشقا شۇنچە باسىدۇ؟ نېمىشقا بىزنى روسلار خىتتايغا بۆلۈپ بېرىدۇ؟ ئەخمەتجان قاسىملارنى روسلار خىتتايلارغا ئۆلتۈرۈپ بېرىپ، بىزنى خىتتايغا بۆلۈپ بەرگەن. خەرىتىگە قارىسىڭىزلا، ھەممە نەرسە ئېنىق. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ….قاتارلىق 17مىللەتنى ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇشقا ئىجازەت بېرىپ مۇستەقىل قىلدى. قازاقىستاندا قازاقتىن ئۇيغۇر جىق. قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان …شۇ دۆلەتلەرنىڭ قايسى بىرىدە ئۇيغۇر ئاز؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرغا يوق؟ بۇمۇ كۈچلۈكلەرنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى پىچكا ئويۇنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خىتتاي بىلەن روسلار ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم بار. بىزگە مۇستەقىل يەر كېسىپ بېرىلسە خىتتايغا دەز كېتىدۇ. تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىپ چىقتى. بىز ئاجىز بولغاچقا، دۈمبىمىزگە يېزىلغان تارىخىمىزنى كۆتۈرۈپ يۈردۇق. ئۆزىمىزمۇ بىلمەيمىز نېمە يېزىلغىنىنى، بىراق خەق كەينىمىزگە ئۆتسىلا ئوقىيالايدۇ. بىز ئېلان تاختىسى بولدۇق خالاس.

ئۆز تارىخىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش مىللەت ئېڭى، ۋەتەن ئېڭىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. خىتتاي بىزنىڭ ئۆزىمىزنى مەڭگۈ تونىماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ. مېنى مىللەتچى دېمەڭ، مەن ۋەتىنىمنىڭ بىر پارچىسى. ئۆز تارىخىنى، نەسەبىنى بىلگەندە ئۆزىنىڭ نەدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى كىشى تەبىئي بىلەلەيدۇ. تانكىنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتقان تۈرك سىزنىڭچە قېنى قىززىقمىدۇ؟ قىززىققانلىق قىلىپ شۇنداق قىلغانمىدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، يۈز يىل بۇرۇن بۇ تۇپراقنى شۇنداق قىپ قىزىل قېنى بىلەن ئالغان خەلقنىڭ ئەۋلادى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاتا بوۋىسىنىڭ ئىزىنى باستى. بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ، شۇنداق باسىدىغان ئىزنى بىز قالدۇرمىساق، ئۇلار نەگە دەسسىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ ياشايدۇ.

بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىز ئۇزۇن يىللىق ئېچىرقاشتىن بۈگۈنگە كەلدى. مەنىۋىيىتى تويۇنغان ئادەم ئاددى كەپىدىمۇ بەختلىك ياشىيالايدۇ، مەنىۋىيىتى تويۇنغان ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلەيدۇ، مەنىۋىيىتى تويۇنغان ئادەم سەبىر قىلالايدۇ، قورقۇمسىز، باتۇر بولالايدۇ، ئۆز ئىمانى، ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن دەس تۇرۇپ كۈرەش قىلالايدۇ.

مېنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم، بىز بىر مۇسۇلمان ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دىنىمىزنى ياخشى ئۈگىنەيلى، بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخىمىزنى ئۈگىنەيلى، شۇندىلا ئۆزىمىزگە تېگىشلىك ھەققىمىزنى تەلەپ قىلىشتا توغرا يولنى تاپالايمىز. ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىر ئاتىنىڭ خاتالىقى ئۈچ ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر ئاتىنىڭ توغرا قارارى پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسىنى باشقىچە ئۆزگەرتىدۇ.

دۆلەتسىزلىك، نادانلىق بىز بىلەن تۈگىسۇن. ئەۋلادلىرىمىز بولسىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىگىنى ئېنىق تونىسۇن. ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمەي، ئۆزىمىز ئۈگەنمەي تۇرۇپ، ئەۋلادلارنى بىلمىدى دېيىشكە بىزنىڭ ھەققىمىز يوق.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى