Jump to content

مىللىي بۇتلىرىمىزنى ياد ئەيلەپ...

ئورنى Wikipedia

مىللىي بۇتلىرىمىزنى ياد ئەيلەپ...

مەدەنىيەت جەھەتتىكى چۈرۈكلۈك سىياسىي مەھكۇملۇقنىڭ روھىي زېمىنى. ئەگەر بىر ئەلنىڭ سەركىلىرىدە ئۇ ئەلنىڭ كۈلتۈرىنىڭ سېمالىرىنى تاپقىلى بولمىسا، ئۇنىڭ ھەرىكەت ۋە يۈرۈش تۇرۇشلىرىدا، كىيىنىش ۋە ئوي - تەپەككۇرىدا ئۇ ئەلنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزلىرى بىلەن بولغان تۇتاشلىقى مەجھۇللاشقان، كېسىكلىك، مەنىۋى ئۈزۈكلۈك پەيدا بولغان بولسا، دېمەك بۇ مەزكۇر ئەلنىڭ سىياسىي كىرىزىستىن بۇرۇنلا مەدەنىيەت كىرىزىسىغا دۇچ كېلىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.

  نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلماسلىقنى، نېمىنىڭ ئۆزۈڭگە ئائىتلىقىنى، نېمىنىڭ ئۆزۈڭگە ئائىت ئەمەسلىكىنى، نېمىنى قانداق ئۆزلەشتۈرۈشنى بىلمىگەن ۋە قانداق ئۆزلەشتۈرۈشنى دىتلىيالمايدىغان، گاڭگىرايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغىنىڭدا، سېنىڭ ئۆزلۈكىڭنى قۇرۇپ چىققان جىمى ھەقىقەتلىرىڭ ساڭا ئاللىبۇرۇن يات نەرسىگە ئايلىنىۋاتقان بولىدۇ. قانداق قىلىشىڭلا ئەمەس، يەنە قەيەردە ۋە قانداق تۇرۇشۇڭ كېرەكلىكىدىمۇ سابىت قەدەملىك بولالمايسەن. كۈچلۈكلەر ئالدىدىكى جاسارىتىڭ ھەر ئۆتكەلدە بىر سۇسلاپ بارىدۇ. ئېھتىياتكارلىق، سالاپەرەسلىك سېنى چىرماشقا باشلايدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتىكى ياتلىشىشىڭغا بېقىپ، ھەقىقەتلىرىڭ توغرىسىدىكى مەۋقەيىڭمۇ سۇسلاپ بارىدۇ. سىياسىي مەيداندىمۇ يۇمشايسەن، بوشايسەن ۋە ئاخىرىغا بېرىپ مەغلۇپ بولىسەن ياكى بۇدساتۋالىرىڭ قولىدا ھالاك قىلىنىسەن. چۈنكى، بەزىدە ئۇلار ئۈچۈن تىرىك تۇرۇقىڭ قىممەتلىك بولسا، يەنە بەزىدە ئەرۋاھىڭ بەكرەك قىممەتلىك بولۇپ قالىدۇ. ھالاكىتىڭدىن كېيىن نېمە بولغانلىقىغا قىزىقىۋاتامسەن؟ ئۇنداقتا ساڭا ئېيتىپ بىرەي، قۇلاق سال! سېنى مەغلۇپ قىلغانلار سېنىڭ مەغلۇبىيىتىڭنى كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قىلىپ سېنى نەمۇنىلىك قەھرىمان قىلىپ تىكلەپ بېرىدۇ. كېيىنكى ئەۋلادقا سېنى ئاچچىق يۇتۇپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مىللىي قەھرىمانى قىلىپ تونۇتىدۇ. سېنىڭ مەغلۇبىيىتىڭنىڭ ئۇۋالىغا كەتكەن تالايلىغان مەردان يىگىتلەر، ياۋغا بوي ئەگمەسلىككە قەسەمياد قىلغان ۋە بوي ئەگمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان سان - ساناقسىز نامدار ۋە نامسىز قەھرىمانلار، شەھىدلەر سېنىڭ «قەھرىمانلىق» ھەيكىلىڭنىڭ يوپۇقلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش - ئىزلىرى سېنىڭ «قەھرىمانلىق» ھېكايىلىرىڭ ئارىسىغا دەپنە قىلىنىپ بىر پۈتۈن مەغلۇبىيەتچىلىك تارىخ داستانى پۈتۈلىدۇ. شۇ ئېنىقكى، ئەۋلادلار ئېڭىدا قالىدىغىنى پەقەتلا سېنىڭ قەھرىمانلىقىڭ ئەمەس، يەنە سېنىڭ ئاتالمىش قەھرىمانلىقىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەغلۇبىيەتچىلىكىڭ ۋە  مەغلۇبىيەتچىلىك تەقدىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد پېشانىگە پۈتۈلگەنلىكى بولىدۇ. بۇ تاكى شالغۇت ئاڭلار ساپلاشقان، دۇغلىرى ساقىتىلىپ پاكىزلانغان ۋە ساڭا قارىتىپ: «سەن ھەقىقەتەن قەھرىمانىمىزسەن، ئەمما سېنىڭ قەھرىمانلىقىڭ بىزگە ئىبرەت - ساۋاق بولسا بولىدۇكى، ئۈلگە بولالمايدۇ. بىزگە ئۈلگىلەر سېنىڭدىن ئەمەس، سېنىڭ قەھرىمانلىق ھەيكىلىڭ يوپۇقىغا يۆگۈۋېتىلگەن ئاشۇ سان - ساناقسىز نامدار ۋە نامسىز شەھىد - غازىلىرىمىزدىن كېلىدۇ. بىز ھەقىقەتنى ئۆز ئېتىكى بىلەن ياپماقچى بولغانلارنىڭ ئەپسۇنلىرىنى پاچاقلاپ ھەقىقەت داۋاسى بىلەن يولغا چىققان ۋە بۇ يولدا سالاچىلىق يولى بىلەن يۇمشاشنى ئەمەس، مۇستەھكەم قەدەملىرى بىلەن سابىت تۇرۇپ ھەقىقىي قەھرىمانلىق داستانىنى شەرەپلىك قان - تەرى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان، مۇستەھكەم مەيدان ۋە مەۋقەسىنىڭ بەدىلىنى مەردلەرچە تۆلەش ئارقىلىق جاسارەت ئابىدىسى ياراتقان ئاشۇ نامسىز ۋە نامدار نامايەندىلەر بىز ئۈچۈن ئۈلگە، بىز ئۈچۈن قەھرىمان، بىز ئۈچۈن شان - شەرەپتۇر» دەيدىغان سەركە ئەۋلاد بارلىققا كەلگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ. چوقۇنىلىدىغان بۇتقا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن «قەھرىمانلار» بىلەن رېئال قەھرىمانلار پەرق ئېتىلمەي تۇرۇپ، ئىبرەت ئېلىنىدىغانلار بىلەن ئۈلگە قىلىنىدىغان تارىخىي شەخسىيەتلەر مىللەت نەزەرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەسلىي ئورنىنى تاپماي تۇرۇپ زېھىنلارغا مىخ بولۇپ قېقىلىپ كەتكەن «روھىي قۇللۇق»نى چۆرۈپ تاشلاش مەڭگۈ ۋە مەڭگۈ ئەمرى مۇھال.

− بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى