مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنى تەھلىكىدە
مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنى تەھلىكىدە
(1)
ماقال - تەمسىللىرىمىزدە «شامالنىڭ سايىسى يوق، ئۈمىدسىزنىڭ غايىسى» دەيدىغان سۆز بار. دەرۋەقە، غايە ۋە ئۈمىد ھاياتىيلىقنىڭ، ھەرىكەت ۋە ئىزچىللىقنىڭ ئاساسى. ئىنسان روھىيىتىدە يىلتىز تارتقان، ۋۇجۇدىدا بار بولغان ھاياتىي كۈچلەرنى ھېس قىلدۇرغۇچى، مۇھەببەت ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنى ئەلەڭلەتكۈچى ئامىللار قاتارىدا تىلغا ئېلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىرىمۇ ئۈمىد ۋە غايەدۇر. كۈنىمىز ئىنسانلىرىدا كەم بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ ئاسارەتنىڭ بۇ قەدەر پالاكەتلىك زەربىلىرىمۇ سىلكىتىپ ئويغىتىپ بولالمايۋاتقان بىزلەردە كەم بولۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىرىمۇ دەل غايە تۇتۇقلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا روھ ئاتا قىلغۇچى ئۈمىدنىڭ كەملىكى، دېسەك ئارتۇق بولمايدۇ. تەبىئىكى، نۇرغۇنلىرىمىز بۇنى رەت قىلىشى، ئەكسىچە ئېغىزىدا توۋلاپ ياد بولۇپ كەتكەن شوئارلارنى شىپى كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۆزلىرىدە تولۇپ تاشقان ئۈمىد بارلىقىنى، شۇ ئۈمىد سايىسىدە مىدىرلاپ، قىمىرلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، غايە ئۈچۈن ئۈمىد بىلەن مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق ئىنكاس بولغان تەقدىردە، بىز شۇنىمۇ ئەسكەرتىشىمىز مۇمكىنكى، بۇ يەردە بىزنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز قانداقتۇر كۆڭۈلگە بەند قىلىۋېتىلگەن، ئارزۇلاش بىلەن كۇپايىلەنگىنىمىزدە بىزنى قانائەت تاپقۇزىدىغان، ھەرىكىتىمىز، ياشاش يولىمىز ۋە ئەمەلىيەتلىرىمىز بىلەن ئۇيۇشمىسىمۇ بولىۋېرىدىغان تىرناق ئىچى «ئۈمىد» ۋە «غايە» ئەمەس، بەلكى بىزنى تۇتقاقلىق دەرىجىسىدە ئارام بەرمەيدىغان، ئوي - خىيالىمىزنى ئىگىلىۋالىدىغان، ئەقلىي تەپەككۇرغا، تەدبىر ۋە تەئەممۇلغا قىستايدىغان، ئىلىمگە، ئەمەلگە ئۈندەيدىغان، پىكىرگە ۋە ھەرىكەتكە تۈرتۈپ تۇرىدىغان، يېگەن - ئىچكەن ۋە ھەتتا تاماشا قىلىۋاتقان، زامان - زامان خۇدىمىزنى يوقىتىپ گۈلقەقەلىرىمىز ئېچىلىپ كېتىدىغان دەملەردىمۇ بىزنى نوقۇپ قويالايدىغان، كەيپىمىز چاغ بولۇپ كېتىدىغان ئايرىم ۋاقىتلاردىمۇ ئەس - خاتىرىمىزدىن لاپ قىلىپ كېچىپ ئۆتىدىغان، تۇرمۇش ۋە پائالىيەتلىرىمىزدە بىزگە مەنە، لەززەت بېرىپ تۇرىدىغان، ھەتتا مۇشەققەت ۋە ئازابلىرىمىزغا قەدەر ئارىلىشىپ تۇرۇپ بىزنى تەنبىھلەيدىغان، كەچمىشتىن ئىبرەت - ساۋاققا يۈزلەندۈرگۈچى، كېلەچەككە بولسا، تەييارلىق ۋە ھەرىكەتكە ھەيدەك بولغۇچى، شۇنداقلا ئالدى ۋە ئارقىسى قاراڭغۇ ھالدا كېتىۋاتقان سەرسانلىق ياشام شەكلىمىزنى ئايدىڭلىق ۋە ئېنىقلىققا كۆتۈرۈشكە تۈرتۈپ تۇرىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۈمىد ۋە غايىنى كۆزدە تۇتماقتىمىز. ئەگەر بۇ خىل ئۆتكۈر خۇسۇسىيەتلەرگە سازاۋەر بولغان ئۈمىد ۋە غايە ھەققىدە گەپ ئېچىپ قالساق، ئېنىقكى، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ سەمىمىيىتى بۇ ھەقتە ئۆز - ئۆزىگە سوئال قويۇشى، ئۆزىدە يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلىك ئۈمىدتىن قانچىلىك ئەسەر قېلىپ قالغانلىقى خۇسۇسىدا ئويغا چۆكۈشى، شۇنداقلا ئەمەلىيىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلەرگە قانچىلىك ئۇيغۇنلىشىپ ياشاۋاتقانلىقى ئۈستىدە چوڭقۇر بىر نەپەسكە، ئۇزۇن بىر سۈكۈناتقا چۈشۈشىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇمۇ ئاشۇ نۇرغۇنلىرىمىز ئىچىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئۆلمىگەن ئايرىملارغا بەكرەك نېسىپ بولىدىغان بىر ئەھۋال.
(2)
بۈگۈنكىدەك مىللىي مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنىڭ جىددىيىتى ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقان، مۇداپىئە قىلىشقا تېگىشلىك ھەر ساھە ئىستىھكاملىرى قاتتىق ۋە شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە سەپلەر بۇزۇلۇشقا، چۈرۈكلىشىشكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندەك، ئىستىھكامنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى تونۇپ بولالماي سەرسانلىقتا تېڭىرقاۋاتقاندەك، ھەر ئىستىھكامنىڭ قوشۇنلىرى ئۆزلىرىگە تۇتقۇزۇلغان ياكى پوستتا تۇرۇشى كېرەك بولغان سېپىلىنى تاشلاپ باشقا سېپىللار ئارا سەيلە قىلىپ توختىيالمايۋاتقاندەك بىر كەيپىيات مەۋجۇت. رەتسىز ۋە باشلامچىسىز بىر شەكىلدە قالايمىقان ھۇرراچىلىقنىڭ تۇرۇپلا ئۆرلەپ پەسىيىپ تۇرۇشى، ياۋ قەيەرگە شەپە چىقارسا، شەپە چىققان جاينىڭ مەسئۇل قوشۇنلىرى بىر ياقتا قېلىپ باشقا ئىستىھكامنىڭ قوشۇنلىرى ئۆز مۇداپىئەسىنى تاشلاپ دۈپۈرلەپ يۈگۈرۈپ چىقىۋېلىشتەك باشباشتاقلىق، مەسئۇل قوشۇنلارنىڭ بولسا، ھۇجۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان ياكى مەسئۇللىقىدىكى ئىستىھكامنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ باشقا قورغاننىڭ خېرىدارلىقى بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقاندەك ئۆز بېشىمچىلىق ئەۋج ئالدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەر قورغاننىڭ قوشۇنلىرى ئۆز سېپىلىغا ئىگە چىقىشنى ئۇنتۇپ باشقا سېپىللارغا مەپتۇنلۇق باش كۆتۈردى. ھەتتا بۇنى تاۋارلاشقان دەۋاچىلىقنىڭ يېڭى مودىسى قىلىش ھارپىسىدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. بۇنىڭدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىك بولغىنى بىر قورغاننىڭ مۇھاپىزەتكارلىرى ئارىسىدا ئۆزۈمچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقى، بەزى ئىستىھكامنىڭ مۇھاپىزەتكارلىرى يەنە بەزىلىرىنى ئۆز كونترولىغا ئېلىۋېلىش كويىغا چۈشۈۋاتقانلىقى، ھەتتا ئۆز ئىستىھكامى ئۈچۈن ھەممىنىڭ توپلىشىپ كېلىشىنى، بىرلا سېپىلنىڭ قوغدىنىشىنى ھەممە ئىستىھكامنى قوغدىغانلىققا باراۋەر كۆرۈدىغان خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈۋاتقانلىقى، قارىماققا كۈچ توپلاشقا ئۇرۇنۇشتەك كۆرۈنىدىغان، ماھىيەتتە زېھىننى ۋە كۈچنى خورىتىدىغان تۈردىكى بىمەنە ئىشلارنى ئۆز ۋەزىپىلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىۋاتقانلىقى، بىر جۈملە سۆزگە يىغقىنىمىزدا، ھەركىمنىڭ ئۆز دوقمۇشىنى مەركەزگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدۇر. ھالبۇكى، مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنى بىرلا سېپىلغا، بىرلا قوۋۇققا ئىگە ئەمەس. شۇنداقلا دۈشمەن تەرىپىدىن يىمىرىلىش ئوبيېكتى بولۇۋاتقىنىمۇ نوقۇل ماددىي قورغانلا بولماستىن، يەنە مەنىۋى قورغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ۋەجىدىن قورغانىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بارلىق سېپىل - قوۋۇقلىرى ئۆز ۋەزىيىتىگە ۋە خاراكتېرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە مۇھاپىزەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان، بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان ياكى باسسا بولمايدىغان مۇنتىزىم قوشۇنغا ئېھتىياجى بار.
مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنى تالاي ئەسىرلىك بىرىكمىلەرنىڭ مەھسۇلى ۋە جۇغلانمىسى بولۇش سۈپىتىدە ئۇ قەدەر كۆپ بارگاھلارغا، زەنجىرسىمان قوۋۇقلارغا، مۇرەككەپ سېپىللارغا ئىگە ئىكەنكى، بۇ قورغاننىڭ ئىنچىكە سىزىلغان خەرىتىسىگە ئەتراپلىق ۋاقىپ بولماي تۇرۇپ، تېگىشلىك ئىستىھكاملارنىڭ خاس قوشۇنلىرى بەرپا بولماي تۇرۇپ ساغلام مۇداپىئەدىن سۆز ئېچىش، نەتىجىلىك بىرەر غەلىبىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس. قانۇنىيەت ۋە شارائىتقا قاراپ تەدبىر قوللىنىشنى بىلمىگەننى ئاز دەپ ھۇرراچى سىياسەتنىڭ ھاياجانچى شوئارلىرىغا كۆمۈلۈپ تەسەللى ئىزدەش، ياكى بولمىسا ھەممىنىڭ بىرلا قوۋۇققا دۆۋىلىشىۋېلىشىغا تەرەپدارلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتە ياۋ بىلەن تۇتۇشمايلا تەسلىم بولۇشنىڭ قازىنىنى ئاسقانلىقنىڭ بېشارىتى. ماددىي ۋە مەنىۋى جەڭ قىزىشىۋاتقان ۋاقىتتا ماددىي قورغاننىڭ سېپىللىرىنىڭ مەنىۋى قوشۇننىڭ ھىمايسىغا تاپشۇرۇۋېتىلىشى ۋە ياكى بولمىسا مەنىۋى قورغانلارنىڭ سېپىل ئىستىھكاملىرىنىڭ ماددىي قورغاننىڭ قوشۇنلىرىغا تاپشۇرۇۋېتىلىشى ۋە ياكى بولمىسا قايسى قورغان بولمىسۇن، مۇقىم ھالدا بىرنى مۇداپىئە قىلغانلىقنى ھەممىنى تەڭ مۇھاپىزەت قىلغانلىققا تەڭ قىلىۋېلىش خاھىشىنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىز دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولىدىغان خەتەرلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ خەتەرلەردىندۇر. مۇبادا تاشقى ۋە ئىچكى سېپىللارنىڭ، ماددىي ۋە مەنىۋى قوۋۇقلارنىڭ قوشۇنلىرى ئۆز بارگاھلىرىنى چىڭ تۇتۇش ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ مۇداپىئە ئوبيېكتى بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئىشلىرىغا چات كىرىۋالسا ياكى بولمىسا پۈتكۈل قوشۇننىڭ كۈچ ۋە ئېنېرگىيەسى بىرلا شەپە نۇقتىسىغا سەرپ قىلىنىشقا يۈز تۇتسا، بۇنداق بىر ۋەزىيەت مىللىي مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىنى خالتا كوچىغا ئاپىرىپ قويۇشتىن، كۈرەش يولىنى تۇيۇقلۇققا باشلاپ قويۇشتىن، ئىچكى ماجىراچىلىققا بۇرۇن قۇلاققىچە پاتۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ. يەنە كېلىپ ھەر ئىستىھكام جەڭچىلىرىنىڭ ئۆز تۇرالغۇسىغا ئىگە چىقماستىن دۈشمەننىڭ ئاسترىتتىن پىلانلاۋاتقان «سېپىلدىن سېپىلغا يۈگۈرتۈش» ھىيلىسىگە ئالدىنىپ يۈرۈشى، ياكى بولمىسا «بىرلا بارگاھقا يېغىپ قورشاش ۋە كونتروللۇقتا تۇتۇش» ئىستراتېگىيەسىگە تېيىلىپ يۈرۈشى، قىسقىسى، مەۋجۇتلۇق قورغىنىنىڭ مۇئەييەن قىسمىغىلا مەركەزلىشىپ ئۇنىڭ باشقا ماددىي ۋە مەنىۋى بارگاھلىرىنى ئىگە چاقىسىز قالدۇرۇشى ئەمەلىيەتتە دۈشمەننىڭ كونترول كۈچىنى قولايلىقلاشتۇرۇشقا، ئەجەللىك ھۇجۇم ۋە قاقشاتقۇچ زەربە تەييارلىقىنى بەخىرامان پۈتكۈزۈۋېلىشىغا، ھەمدە كۈچىمەيلا سېپىل قوۋۇقلارنى قوغۇنلۇقنىڭ يولىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا، ئۇياقتىن شەپە بېرىپ بۇياقتىن زەربە بېرىشتەك ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا يول ئاچىدۇ. نەتىجىدە بۇ دۈشمەننىڭ مىللەتنى ھېچقاچان ئالغا باستۇرماسلىق نىشانىنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشتىن باشقىغا خىزمەت قىلمايدۇ.
(3)
مۇداپىئە كاپالەتلەنمىگەندە، ياۋغا قارشى ھۇجۇم قىلىشتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدۇ. تەلەيگە ۋە زاماننىڭ چەرخىگە توغرا كېلىپ قېلىۋاتقان بەزى ئامەت قۇشلىرىنىڭ بېشىمىزغا پەرۋانە بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ بۇنى گويا ئۆزىمىزنىڭ مۇداپىئەدىن ھالقىغان ھۇجۇمىمىزنىڭ نەتىجىسىدەك كۆرۈۋېلىشىمىز بىخۇتلۇقتۇر. شۇنىمۇ دىققەتكە ئېلىش كېرەككى، تەلەي قۇشى بېشىمىزدا ئايلىنىپ تۇرۇۋاتقاندا ئەگەر بىز ئۇنى مۈرىمىزگە قوندۇرۇشنى بىلمىسەك، ئېنىقكى دۈشمەن ئۇنى باشقا ياقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىشنىڭ يولىنى قىلماي قالمايدۇ. بەلكى دۈشمەننىڭ بىر كۆزى ھەر ۋاقىت مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بەتلەپ قويۇلغان.
سىياسىيلىق تۇرمۇشىمىزنىڭ پارچىسى ھالىتىگە كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىيلىقتىن ئۆزىنى تارتالمايدىغانلىقى بىر رېئاللىق. بۇ جەھەتتە سىياسىي تەقدىرىمىز ئۈستىدە باش قاتۇرۇش، قولدىن كەلگەن ئىمكانىيەتنى ئايىماسلىق ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر بۇرچ ئىكەنلىكىدە شەك يوق. لېكىن مەسىلىگە مىللىي مەۋجۇتلۇق كىرىزىسلىرى نۇقتىسىدىن قارىغان ۋاقتىمىزدا سىياسىي مەسىلىمىز بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسلىرىمىز ئىچىدە پەقەت گەۋدىلىكلىرىدىن بىرى. يەنى، سىياسىي مەسىلىمىز مەۋجۇتلۇق كىرىزسىمىزنىڭ مۇھىم قىسمىدۇركى، ھەممىسى ئەمەس. شۇنداقلا مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىمىز نۆۋەتتىكى سىياسىي تەشۋىقاتچىلىقتا باش كۆتۈرۈۋاتقىنىدەك نوقۇل سىياسىي ھەرىكەتلەرگىلا قاراشلىق ئەمەس. مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قورشايدىغان بارلىق مەسىلىمىزنىڭ ئورتاق مەركىزى بولۇپ، مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشىمىزنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بارلىق تەرەپ ۋە ساھەلەرگە قەدەر كېڭەيگەن. قارايدىغان بولساق، دۈشمەننىڭ بىزگە قارشى ئېلان قىلغان جەڭلىرى بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنىنىڭ تۈگەل ماددىي ياكى سىياسىي قىسمىغىلا چېتىلغان ئەمەس. بۇ قورغاننىڭ تىل، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ئىلىم - پەن، ھۈنەر - سەنئەت قاتارلىق بىر تالاي ئىستىھكاملىرى، قەلئە، بالىقلىرىمۇ دۈشمەن تەرىپىدىن يىمىرىپ تاشلاش نىشانى قىلىنغان، ئوت ئاچقان قىسىملاردۇر.
شۇنداق ئىكەن، بىزنىڭ مىللەت سۈپىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان جەڭ قاناللىرىمىزمۇ نوقۇل ماددىي ياكى سىياسىي قاناللار بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. شۇنداقلا تۈگەل مەنىۋىياتقىلا ئېسىلىپ قالسىمۇ بولمايدۇ. بىزنى زەربە ئىس - تۈتەكلىرى بىلەن بىھوش قىلىپ قويۇپ خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان دۈشمەننى توغرا تونىغىنىمىزدا، مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىزنىڭ باشقا ئىستىھكاملىرىنىڭ ئىنشاچىلىقىغا ۋە مۇھاپىزەتكارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقىمۇ باش قاتۇرىدىغان ئاۋانگارتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىرىپىرەن ھالغا كېلىپ قالغان ھەر ساھە مەنسۇپلىرىنىڭ قايتىدىن ئۆزىنى سىلكىشى، سېپىنى رۇسلاشقا كىرىشىشى، سىياسەت قانىلىدىن باشقا مىللىي مەۋجۇتلۇق قاناللىرىنى دۈشمەننىڭ «سىڭىپ كىرىش» ۋە «شالغۇتلاشتۇرۇپ ئاجىزلىتىش» ئىستراتېگىيەلىرى ئۈچۈن يوچۇققا ئايلىنىپ قېلىش خەتىرىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلمىقى لازىم.
ئەپسۇسلۇق بىلەن ئېيتىمىزكى، تەلەپكە لايىق تەقدىمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان بۇ ۋەزىيىتىمىزدە، يۇقىرىقى تەقەززالار خۇسۇسىدا ھالىمىز چاغلىق بولماقتا. شۇڭا كۈتۈلۈۋاتقان بۇ تەلەپ ۋە تەقەززالار تەشكىللىشىش شەكلىدىن بەكرەك ئۆز ۋەزىيىتى ۋە شارائىتى ئۇدۇل كەلگەنچە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىرقىسىم ئاۋانگارتلار ئارقىلىق پارتىزانچە تۈستە داۋام قىلىپ تۇرۇپتۇ. «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ماقالغا تەتۈر تاناسىپ ھالدا، مەيلى تەشۋىقات ساھەلىرى بولسۇن، مەيلى مەدەنىي ياكى ئىجتىمائىي ساھەلەردە بولسۇن ئۆملۈكلەشكەن خىزمەت يۆنىلىشى تېخى بارلىققا كېلىپ بولالمىدى. دېمىسىمۇ، سىياسەتتەك جاننى ئالىقانغا ئېلىپ تۇرۇپ ماڭىدىغان بىر يولنىڭ نېنىنى يەۋاتقانلارنىڭ «قولىدىكى ناننى تارتقۇزۇپ قويماسلىق» تەشۋىشىدىن ئىبارەت ئەڭ پۈچەك قايغۇلارغا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئويۇن - نەيرەڭلەرگە قول ئۇرۇشتىن يانمايدىغانلىقى ئاشكارا بولۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنىنىڭ ماددىي سېپىللىرىنىڭ روھىي تۈۋرۈكى بولغان مەنىۋى سېپىللارنىڭ مۇھاپىزىتى ئۈستىدە سۆز ئېچىش ئارتۇقلۇق بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ قىلىنمىسا، بېسىلمىسا بولمايدىغان قەدەملەر ھامان ئېلىنىشى، قىلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان، لېكىن زەربە تەسىرىدە ئۆزىگە كېلەلمەي تاشلىنىپ قالغان ياكى ۋەزىيەتنىڭ ئوڭشىلىشىغا ھاۋالە قىلىپ تاشلاپ قويۇلغان ئىشلار قايتىدىن ئەسكە ئېلىنمىقى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەسلىتىش ۋە سەمىگە سېلىش ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەسلىتىش ۋە سەمىگە سېلىپ تۇرۇش ئۈمىدى ۋە غايىسىگە دەز كەتمىگەن، دەز كەتسىمۇ ئۆزىنى «بىغەملەر شەھىرى»نىڭ ئالىي راۋاقلىرىدا ئولتۇرۇپ جاھاننى كۆزىتىۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كىرىۋالماستىن، رېئال دۇنيانىڭ رېئال ۋەزىيەتلىرىدە نەزەر سالىدىغان، ئۆزىنى مىللىي قاناللىرىمىزنىڭ مۇئەييەن بىر ساھەسىگە ھەسسە قوشالايدىغانلىقىغا چامى يەتكەن، ئىشقىلىپ ئۆزىنى ئەل - ۋەتەن ئۈچۈن ماددىي ياكى مەنىۋى نۇقتىدىن كارغا يارايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدىغانكى ھەر بىر ئىرادە ئىگىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
(4)
ئىنگلىزلاردا «ھەممىنىڭ ئىشى ھېچكىمنىڭ ئىشى» ئەمەس، دەيدىغان سۆز بار. بۇ سۆزدە ھەر ئىش شۇ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدىغان تەرەپنىڭ قولىدا ئېلىپ بېرىلمىغان، لاياقەت ئىگىلىرى تەرىپىدىن بېجىرىلمىگەن، سالاھىيەتلىكلىرىنىڭ قولىدىن چىقمىغان ۋاقىتتا ئۇ ئىشنىڭ راۋاجىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقى، «ئوپچىلاشتۇرۇۋېتىلگەن» ئىشنىڭ ئۈنۈمسىز بولۇشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچ ئىشنىڭ بىر ياقلىق بولماسلىقى ئۈچۈن ئالدىنئالا قازان ئېسىش ھېسابلىنىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. دەرۋەقە ھەممىنىڭ ئىشىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خالتا كوچا مىسالى ئايىغى چىقمايدىغانلىقى، «قىردىن ئاشالمىغان يولۇچى» مىسالى ئۈنۈمسىزلىكتىن باشقا ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقى بىر رېئاللىق. بۇ بىزگە يەنە قۇرئان خىتابىدىكى «ئامانەتنى ئۆز ئەھلىگە تۇتقۇزۇش» تەلىمىنى، پەيغەمبەر تەشەببۇسىدىكى «ھەر ئىش ئۆز ئەھلىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشى كېرەكلىكى» ھەققىدىكى ئۈگۈتلەرنى ئەسكە سالىدۇ. دېمەك، ھەر ئىشنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئەھلى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەر تۆكۈشنى، ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىنى مەنىگە ئىگە قىلىشنى يول قىلىپ تاللىغان، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە غەلىبىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان، مۆرىتى كەلسە پىداكارلىقى ۋە مەردانىلىقى بىلەن ئۆزىنى ئاتايدىغان، جان - جەھلى بىلەن كۆڭۈل قويىدىغان قوشۇنى بولىدۇ. ئۇنداق بولماستىن، ئەكسىچە ھەممىنىڭ ئارىلىشىشىغا چاقىرىق قىلىنىدىغان، ھەممىنى ئۆزى ئاسقان داشقازاننىڭ خېرىدارلىرى بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغان، ئەمما ئىشنىڭ ئۈنۈمى، پايدا - زىىيىنى ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى خۇسۇسىدا ھېچكىمنىڭ جاۋابكارلىقى بەلگىلەنمەيدىغان «ئوپچى ئىش» تۈسىدە چاقىرىلىۋاتقان ئىشلار بولسا، ماھىيەتتە «ھېچكىمنىڭ ئىشىغا ئايلانمىغان»، ھەممىنىڭ زېھنىنى مەشغۇل قىلىپ تۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئىشلاردۇر. نۆۋەتتىكى سىياسىي ھەرىكەت قالپىقى ئاستىدىكى «دەۋا»چىلىقنىڭ تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلىرىدىكى ئۇسلۇب ۋە مېتودلىرىغا قارىغىنىمىزدا، بۇ خىل ئالامەتلەرنىڭ زور دەرىجىدە كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمى ئاشكارا» دېگەندەك، ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە بىمار ئېتىراپ قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئۇ چوقۇم داۋالىنىشقا، ئىسلاھ قىلىنىشقا موھتاج. ئۆز ئىختىيارىچە تەن بېرىپ ئىسلاھ قىلىشقا ماقۇل كەلگەن بىمار بىلەن داۋالىنىشنى رەت قىلىپ كارىۋىتىدا سېسىپ ئۆلۈشنى تاللىغان بىمار ئارىسىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار. ئىمام غەززالىي ئېيتقاندەك، «كېسەل (ئىللەت)نىڭ داۋاسى پەقەت داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغانلار ئۈچۈن مۇمكىندۇر».
مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنىنى «سىياسىي ھەرىكەت» جەھەتتىن ئىپتىدائىي سەۋىيەسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان رادىكالچىلىقنىڭ قۇربانى قىلىشقا بولمىغىنىدەك، ئەزا يىغىش ۋە رىقابەتچىلىرى ئارا سېلىشتۇرما قىلىپ كۆز - كۆز قىلىۋېلىشنى خىزمەت ھېسابلايدىغان، ئۆزىنى خەلققە ئىسپاتلاشقا زورۇقۇشتەك روھىي كېسەل تىپىدىكى سىياسەتچىلىككە مۇپتىلا بولغان بىمار سىياسەتۋازلارنىڭ قولىغا تاشلاپ قويۇشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، ھەمدە ھېچكىمنىڭ بۇ خىل روھىي كېسەللىكنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى ھەممە ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەك. شۇنداقلا ئومۇم جەمئىيەت قاتلاملىرىنىڭمۇ قارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان بىنورمال تەشۋىقات ئېقىنلىرىغا مەستخۇش بولۇپ كەتمەسلىكى، سىياسەت نەزىر -چىراغلىرىنىڭ داستىخان - پەتىلىرىگە دۈم چۈشۈۋاتقان تىرناق ئىچى «موللا - زىيالىي» تىپلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقى، ھەر تۈرلۈك پروپاگانداچى ۋەز - تەشۋىقاتچىلارنىڭ ھۇررالىرىغا مەست بولۇپ يۈرمەسلىكى لازىم. قىسقىسى، ھېچبىر ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكىدەك ئەسلىدىكى نىشانىغا باب كەلمەيدىغان يۆنىلىشتە كېتىۋاتقان، سىياسىي قانالنىڭ مۇئەييەن يۆنىلىشىنى ئاساس قىلىپ ئۇنى كۈچەيتىش، ھەمدە بار كۈچنى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىش ۋە قىلغۇدەك نەيرەڭۋازلىقلارنى دۈشمەننىڭ نەيرەڭلىرىنى بىتچىت قىلىشقا قارىتىش ئورنىغا، قولىدىن كەلگەنكى سىياسەتۋازلىقنى، رەڭۋازلىقنى ئۆز قەۋمداشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە ئادەت قىلىۋاتقان «تەشكىلاتچىلىق»نى مۇھاپىزەت قىلىش، قول قولچە يۆلەش بۇرچى يوق. شۇنداقلا ھېچبىر ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ھەممىنى ئۆزىنىڭ دېگەن يېرىگە ئېلىپ كېلىش كويىغا چۈشكەن تەلۋىسىمان ئىپتىدائىي سىياسەتۋازلىقنىڭ قۇيرۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇش قەستىدە يۈرۈۋاتقان سىياسەتمەنلەرنى ئالقىشلاش مەسئۇلىيىتى يوق.
شۇنى ئەسلىتىش ھاجەتكى، سىياسەت ئاتموسفېراسىنىڭ ئۆز ئەھلىلىرى تەرىپىدىن ساپلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى زۆرۈرىيەتكە ئايلىنىۋاتقان بۇنداق پەيتلەردە، قانداقتۇر مۇقەددەسات تۈسىنى ئالغىلىۋاتقان ئاتالمىش «تەشكىلاتلارغا ئىگە چىقىش» پروپاگاندالىرىغا ئالدىنىپ ئۆتۈشنى بەس قىلىش كېرەك. ئەگەر «تەشكىلات» دېيىلىۋاتقان بۇ قۇرۇلما قانداقتۇر ئاۋامنىڭ قوللىشى نامىدىكى «گۇپپاڭچىلىق»قا موھتاج قالغان، كولدۇرلىتىشقا يارايدىغان بار ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ رىقابەتچىلىرىنى ئۆكتىچىدىنمۇ ئاشۇرۇپ «دۈشمەننىڭ سۇيىقەستچىلىرى» قاتارىدا كۆرسىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن بولسا، بۇ يەردە ھەقىقەتەن خەلق سەپەرۋەرلىكى ئاساسىدا ئىگە چىقىشقا ئەرزىگۈدەك بىرەر سىياسىي قۇرۇلمىنىڭ، ياكى سىياسىي «تەشكىلات»نىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر مۇئەييەن تەشكىلات ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن چىرىكلەشكەن بولۇپ، بۇنى ئىسلاھ قىلىشقا سەمىمىيەت كۆرسىتىش ئورنىغا تەرەپ - تەرەپتىن ئاقلاش كامپانىيەلىرى ئېچىشقا، ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن غەۋغاغا، قارىسىغا ماختاش ۋە ئاتالمىش «تەشكىلاتقا ئىگە چىقىش» تۈسىدىكى پروپاگاندالارغا قول ئۇرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان بولسا، بۇنداق بىر تەشكىلاتقا ئىگە چىقىش چاقىرىقى ماھىيەتتە گويا يامغۇردا قېلىپ يېمىرىلىۋاتقان سېغىز تامغا توپا توشۇشۇپ بېرىش چاقىرىقى قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنداق زەەيپانە تامنىڭ ئەسلىي خېمىرتۇرۇچلىرى يەڭگۈشلەنمىگەن، ئىسلاھ قىلىنمىغان مۇددەتچە توپا توشۇغۇچىلارنىڭ بىھۇدە ئاۋارە بولغىنى بولغان، شۇنداقلا بۇنداق تام ئۇزۇنغا بارماي ئۆرۈلۈشكە مەھكۇم.
(5)
مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغانىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى سېپىل قوۋۇقلىرى گەرچە ئاسارەت دەۋرىمىزدىن تارتىپ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىزدە بۇ ھۇجۇمنىڭ شىددىتى قاتتىق، زەربىسى ئېغىر. بىز بۇ زەربىدىن باشنى سىلكىپ يارىلىرىمىزغا قاراپ ئۈلگۈرۈشمۇ بىر نەچچە يىلىمىزنى ئېلىپ بولدى. ئەمدىلىكتە بولسىمۇ كۆزنى ئاچىدىغان، نېمىلەرنى يوقاتقانلىقىمىزغا قاراپ چىقىدىغان، ماددىي ۋە مەنىۋى قورغانلىرىمىزغا ساھىبلىق قىلىشقا نېمىمىز كەملىك قىلغان ۋە كەملىك قىلىۋاتقانلىقىغا كۆز يۈگۈرتىدىغان، ھېساب - كىتاب دەپتىرىمىزنى ئېچىپ قولىمىزغا يېتىپ كەلگىنى بىلەن تارتقۇزۇپ قويغانلىرىمىزنى رەتكە تېزىدىغان، بولغان ۋە بولۇۋاتقاننىڭ پايدا - زىيانلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرىدىغان ۋاقتىمىز بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلا بولىدىكەن سىياسەت مەيدانى بوش قالمايدۇ. بۇ مەيداننىڭ بوش قېلىشى قانچە خەتەرلىك بولسا، بۇ مەيداننىڭ «ئوپچىلاشتۇرۇلۇشى»مۇ شۇنچە خەتەرلىك. ھەتتا بەزىدە بۇ خەتەر تارازىدا ئاۋۋالقىسىدىن ئېغىرراق ئولتۇرۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، سىياسەت سەھنىسى روبىرو تۇرۇپ ئېلىشىدىغان، مەردچە تۇتىشىدىغان جەڭ مەيدانىغا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر مەجازىي جەڭگاھلىقتىن ھەقىقىي جەڭگاھلىققا يۆتكىلىشكە توغرا كەلسە ئىدى، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ ئۇششاق ھەممىسىنىڭ قوزغىلىشى تەلەپ قىلىنسا، بىردەك قوللىشى ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىنسا ئۇنىڭ يولى باشقا ئىدى. ئەمما بۈگۈننىڭ جەڭگاھلىرى كۆپ قىرلىق، نەيرەڭلىرى كۆپ ۋە ھەر تەرەپكە ساق تۇرۇشنى، سەگەكلىكنى ئاشۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ. ماددىي جەڭنىڭ شەپىسى بولماي تۇرۇپ مات بولۇشقا كۆنۈكۈپ كېتىۋاتقان مەنىۋىيەت جەڭگاھلىرىمىزنىڭمۇ قايتىدىن سەپراسقا كېلىشى، ئۇل - ئاساسى پۇختىلانغان ساماۋى قوشۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىشى زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ.
سىياسەت سەھنىسىدىكى ئىچكى رىقابەتلەرگە كەلسەك، بۇنىڭغا ئاۋامنى قىسىلدۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر رەڭۋازلىق. سەپەرۋەرلىك بىلەن قىسىلدۇرۇش ئوتتۇرىسىدا پەرق بولغىنىدەك، ئاۋامنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئۇلارنى گۇپپاڭچىغا ئايلاندۇرۇشنىڭ قازىنىنى ئېسىش ئوتتۇرىسىدا ئاسمان زېمىن پەرق بار. رىقابەتچىلىك، بولۇپمۇ سىياسىي نىشان ئورتاقلىقى ئىچىدە تۇرۇپ ئوتتۇرىغا چىققان مېتود، سىستېما ۋە ئىستراتېگىيە جەھەتلەردىكى رىقابەتچىلىك بىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت زۆرۈر ۋە پايدىلىق. رىقابەتچى ئوتتۇرىغا چىققان ۋاقىتتا كىشىلىك ئىستەكلىرىدىن ھالقىپ تۇرۇپ يۇقىرىقى نۇقتىلار ئاساسىدا رىقابەتلىشەلمىگەن سىياسەتچى ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ بۇ ساھەنىڭ ئەھلى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ بولغان بولىدۇ. رىقابەتچىلىكنى قاملاشتۇرالماي ئۇنى تەخت تالىشىش كۈرىشى قىلىۋېلىش بولسا، مۇستەبىت زېھنىيەتنىڭ چىقىرىندىلىرىغا تېيىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
سىياسەتكە مۇئەييەن ھەمدەملىكنى ئۈزمىگەن ھالدا ئۆز - ئۆزىمىزنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بەرپا قىلىش، ئاڭ - تەپەككۇرىمىزنى ئۆستۈرىدىغان ۋە بۈگۈنكى رىقابەتچىلەرنىڭ تاۋلانغان ئىزباسارلىرى بولغان كەلگۈسى رىقابەتچىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە زېمىن ھازىرلاش، ئالدىنقىلارنىڭ يولىنى مەزمۇتلاشتۇرغۇچى، يېڭىلىغۇچى، ئىلگىرىلىگۈچى ۋە مەنزىلگە يېتەكلىگۈچى قوشۇنلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىز بىزگە ھېس قىلدۇرۇپ بولالمايۋاتقان، چۈشەندۈرۈپ ئاڭلىتىپ بولالالمايۋاتقان مەسىلىلەردىندۇر. زېھىننى يېغىپ ھوشىمىزنى تېپىشىمىز كېرەكلىكىنى، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىدىكى ۋەزىيەتكىلا قاراپ قالماستىن كەلگۈسى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى قورغانلىرىمىزنى بەرقارارلاشتۇرۇشقا كېتەرلىك چارە - ئاماللارغا قول ئۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى، چوڭقۇرلاپ چىقىش يولى ئىزدەشكە، ئالدى ۋە ئارقا سەپلەرنىڭ، ماددىي ۋە مەنىۋى قوشۇنلارنىڭ بەرپاچىلىقىغا سەل قاراپ كېتىۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. شۇنداقلا سىياسىي ھەرىكەت ۋە رىقابەت سەھنىسىدە ساھەنىڭ ئەھلى بولمىغانلارنىڭ ئېڭەك يۆلىگەنچە كۈندە خەۋەر ۋە ماجىرا ئارىلايدىغان ئادەتنى يىغىشتۇرۇپ زېھىن ۋە ۋاقىتنى بىلىمگە، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە ئىلىم - مەرىپەت قاتارلىق مەۋجۇتلۇق قورغانىمىزنىڭ تەرك قىلىنىۋاتقان ساھەلىرىگە بۇراشقا قارىتىشى، «قۇرۇق ئۆستەڭگە مىراب بولۇش» ھەققىدىكى تەمسىلدەك «مىراب» بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۈشلەرگە خاتىمە بېرىشى لازىم. ئەگەر بۈگۈنكى ئىجتىمائىي ۋاسىتىلەردىكى زېھىن بۇراش، غوۋغا كۆپەيتىش ئارقىلىق زېھىننى خورىتىش ۋە تۈكى يوق ئىشلارغا باش قاتۇرغۇزۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش شەكلىدىكى غەلىتىلىكلەر ئىسلاھ بولىدىغان، بىنورماللىقلار يوقاپ نورماللىق باش كۆتۈرىدىغانلا بولسا، ئېنىقكى سىياسەتنىڭ نۆۋەتتىكى داشقازانلىق ۋەزىيىتىمۇ ئوڭشىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ساغلام يولىنى تېپىشقا باشلايدۇ، سىياسىي رىقابەتچىلىكنىڭ يولى يەنىمۇ داغداملىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا، ياغلىق قاپاققا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان «ئەل ۋەتەن ئۈچۈن»، «مىللىتىمىز ئۈچۈن» دەيدىغان شوئارلارنىڭ شوئارۋازلار تەرىپىدىن قۇرغاقلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ۋە سۇيىئىستېمال سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىمۇ تەبىئىي ھالدا ئېلىنىشقا باشلايدۇ. سەرخىللىشىش مۇھىتى شەكىللىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇقۇملار ئۆز ئورنى بويىچە قوللىنىلغان، شوئارلار تەتبىقلايدىغان ماكانىنى تاپالىغان ۋاقىتتا، بۈگۈنكى بىر تۈركۈم سىياسەت كوچىسىدىكىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىدەك سىياسەتۋازلىقنى ھە دېگەندە ئۆزىمىزگە قارىتىپ ئوينايدىغان ئەمەس، بىۋاسىتە دۈشمەنگە قارىتىپ ئوينايدىغان ئاتموسفېرانىڭ يارىتىلىشىغىمۇ پۇرسەتلەر پىشىپ يېتىلگۈسى!
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى