مىللەت زۇلۇم ئاستىدا ئەمەس، قىرغىنچىلىقتا...
مىللەت زۇلۇم ئاستىدا ئەمەس، قىرغىنچىلىقتا...
بۈگۈنكى سىياسىي دەۋانىڭ تەرەققىيات ۋە باسقۇچلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، يىللاردىن بىرى «دەۋانى ئاڭلىتىش» ماركىسى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ۋە بۇ ماركىنى تىكلەش ئۈچۈن خاھ سىياسىي پىرىنسىپنى قۇربان قىلىش، خاھ دەۋا غايىسىدىن چەتنەپ كېتىشكە ئوخشاش تۈرلۈك يۇمىلاق تاۋۇزلۇقلار يۈز بېرىپ تۇردى. ھەر تۈرلۈك يۇمىلاق تاۋۇزلۇق، ئىككى يۈزلىمىلىكنىڭ دومىلىشى ۋە زامان - زامان پاش بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانى بارمىقىدا ئوينىتىۋاتقان كۈچلۈكلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قازىنىش، ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋراڭلىرى مىللىي دەۋانىڭ ئۇتۇق - نەتىجىسىنىڭ دەۋا پىرىنسىپلىرىنى چەيلەتكۈزمەسلىكتە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا چىن پۈتكەن، مىللىي غايىنىڭ بەدەل ۋە ساباتلىقتا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ يولىغا تىكەن بولۇشتىن باشقا ئۈنۈم قازىنالماي كەلدى. غايە - پىرىنسىپىنى چەيلەپ تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشۇرغان شاخچە ئۇتۇق ياكى ۋاقىتلىق ئۈنۈملەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە مىللىي مەپكۇرىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دىققەت تارتقان مەزكۇر ھەقىقەتپەرۋەرلەرنىڭ، بۇنداق قولاي ۋاز كېچىپ بېرىش ۋە كۆز يۇمۇپ بېرىشلەرنىڭ مىللەتكە ئىگە چىقىش نىيىتى بار سىياسىي كۈچلەرنىڭ دادىللىقىنى سۇسلىتىپ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ پايتىمىسىغا ئايلىنىش، ئويۇنچۇقى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىغا ئۇچراشتەك بىر خورلۇقنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى نېمىشقىدۇر كۆرۈنمەس تەشۋىقات ۋە غايىبانە ئىقتىسادىي دەستەكلىرى ئۈزۈلمەي كەلگەن، جاھان ئىقتىسادى كىرىزىسقا پېتىپ ئورنىدىن قوپقۇسىز بوھران ياشىسىمۇ، يىللاپ بىرەر قېتىم بوھران دېگۈدەك ئارقا سەپ تەمىنات كىرىزىسى ياشىغانلىقى كۆرۈلمىگەن بۇ داۋراڭپەرەس «دەۋا»چىلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنماي كەلدى. ئەكسىچە قاتمال ئاڭلىرى ئۇيۇلتاشتەك قېتىپ كەتكەن بۇ داۋراڭچىلارنىڭ «زۇلۇمنى ئاڭلىتىش» ئارقىلىق دۇنيانى ئويغىتىپ ئۇلارنىڭ نەزىرىنى ۋەتەنگە جەلپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت «بۈيۈك ئارزۇسى» مىللىي دەۋانىڭ نەچچە ئون يىلىنى ئېلىش بەدىلىگە داۋاملىشىپ تۇردى. سىياسىي پىرىنسىپ ۋە غايىنىڭ پايخان بولۇشىغا كۆز يۇمۇش بەدىلىگە «زۇلۇمنى جاھانغا ئاڭلىتىش» نامىدىكى ئېلان، رېكلاملىرىنى بازار تاپقۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىغا مەپتۇن بولغان بۇ داۋراڭچى توپ دەرۋەقە ھەر تۈرلۈك قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر تۈرلۈك غەلدىغەشلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈشتىن، ھەتتا ئۆيدە بىر خىل، تالادا بىر خىل، يىغىندا بىر خىل، ئىشخانىدا بىر خىل پوزىتسىيە تۇتۇشتەك ئادەمدىن مايمۇنغا ئايلانغىلى بولىدىغان نېمە خاراكتېر بولسا، ئۇنى قىلىشتا تەۋرىمەي كەلدى. «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈمى ئاشكارا» دېگەندەك مەسىلىنىڭ نېگىزى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن، پۈتكۈل بالا - قازالارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان تۈپ كېسەلنى داۋالاشقا تۇتۇنماستىن، ھەر ۋاقىت شاخچە تېمىلار، كېسەلنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئالامەتلىرىنى تۈپكى مەسىلە قىلىپ بازارغا ئېلىپ چىقىشقا تۆرەلگەن بۇ داۋراڭپەرەس دەۋاچىلىق نەتىجىدە ۋەتەننىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىك كۈنلىرىدە ھېچبىر ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان، مىللەتنىڭ ئۆلۈم كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىدە دۈشمەن تەرىپىدىن ھېسابقا ئېلىنىپ تۇرۇپ قەدەم ئېلىنىدىغان ھەقىقىي مەنىدىكى نوپۇزنى ھېچ تىكلىيەلمەي بۈگۈنگە ئۇلاشتى. ئەڭ بىمەنە تەرىپى مىللەت دەل قەتلىئام قىلىنىش ۋەزىيىتىگە ئۇدۇل كەلگەن زامانلاردا شۇنچە يىللاپ تىكلىگەن سۈنئىي ئوبرازنىڭمۇ بىر تىيىنلىقىنى يوققا چىقىرىدىغان بۆلۈنۈش دىرامىسىنى ئويناش ئارقىلىق يوقنىڭ ئورنىدىكى ئوبرازىنى ئوۋلاپ يۈرۈپمۇ مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان كارغا كەلمەس بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتى. قەتلىئام ئوپېراتسىيەسى باشلانغاندا بولسا، داۋراڭپەرەسلەر توپىنىڭ قىلىدىغان ئىشى مەسىلىگە شەرتسىز ھالدا قىرغىنچىلىق، قەتلىئام دىياگنوزى بېكىتىش ئارقىلىق بىر پىكىر يارىتىش، قوزغىلىش شەكىللەندۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاغزىنىڭ ھورىدىن خەۋەر يارىتىشتىن باشقىغا كارغا كەلمەيدىغان كىشىلىك ھوقۇقچىلىق ئىشخانىلىرىدىن كۆرۈشۈش ئۆچرىتى ئېلىش بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمە دەيدىغانلىقىنى كۈندىلىك خەۋەر بىلەن ۋاقىپلاندۇرۇش، يىللاردىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەۋسۇم ۋە مۇناسىۋەتلەردىكى نامايىش ئەنئەنىسىنى ئۈزۈپ قويماسلىق بىلەن كۆزگە چېلىقىپ كەلدى. نە ۋەتەننىڭ يارارىغا ئەسقاتىدىغان تەشكىللىك خىزمەت، نە مىللەتنى قوزغايدىغان بىرەر قوزغىلىش ئىدىيەسى بارلىققا كەلتۈرگىنى كۆرۈلمىدى. ئەكسىچە زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتلەردە ئاۋانگارت ياشلار، يېڭى - يېڭى ئاكتىۋىستلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇلارنى ھودۇقتۇردى. ئوتتۇرىغا تۆكۈلگەن ئىدىيە ئىسلاھاتى ۋە دەۋانى يېڭىچە سىياسىي سىستېمىغا كۆچۈرۈپ يېڭىلاش ( update قىلىش) چاقىرىقلىرى تاشقى كۆرۈنۈشتە پەرۋاسىز، ئىچكى جەھەتتىن ئۇر - ئۇرغا چىقىرىش ئويۇنلىرىغا بارماق بېسىشلار بىلەن كۆزگە چېلىقىپ تۇردى. ئاكتىۋست ئاۋانگارتلار ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىش نەتىجىسىدە ھەشتەك پائالىيىتى قانات يايدۇرغاندا، ھەشتەكچىلەر بولۇۋېلىش، گۇۋاھلىق باش كۆتۈرگەندە بىرەر يىل كۆزىتىپ بېقىپ تەدرىجىي مېدىيا ۋاسىتىلىرىدە قاملىشىپ قېلىۋاتقانلىقى بىلىنىشىگە ئۈلگۈرۈپ گۇۋاھچىلارغا قوشۇلۇش، ئائىلە نۆۋىتى كۆتۈرۈلگەندە بولسا، پۈتكۈل سىياسىي خىزمەتلەردە ئىش قالمىغاندەك ئائىلە نۆۋىتى تۇتقۇچىلار بولۇۋېلىش ئۇلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىرىنىڭ بىر ئىپادىسى بولۇپ كەلدى. ئەنە شۇ ئاكتىۋىست ۋە زۇلۇمغا قارشى يېڭى - يېڭى يوللارنى ئىزدەنگەن، پىرىنسىپ، غايىلىرىدا ساباتلىق تۇرغانلىقى بىلىنگەن توپلارنىڭ زۇلۇمنى ئاڭلىتىشتىكى ھەر تۈرلۈك ئىجادىي ۋە ئىجابىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇرۇنۇشلىرىغا ئارىلاشقان سەمىمىيەت ۋە خالىسلىق ھەمدە ئىزچىللىقىنى يوقىتىپ قويماسلىقى بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ خىتاينىڭ كۈشەندە ئوبرازىنى تونۇپ يېتىشى ھەمدە سىياسىي كۈچلەر توقۇنۇشىدا خىتاينىڭ نىشان ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى بىلەن بىرلىشىپ يىللار داۋامىدا خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈشكە ئۇنىمىغان دۆلەت كاتتىباشلىرىدىن بىر - بىرلەپ سادا چىقىشقا باشلىدى. ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، ئۆز ئىچىمىزدىن، ھەم بىزگە ۋاكالىتەن سۆزلەۋاتقانلىقى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن بۇ داۋراڭچىلار توپىنىڭ، شۇنداقلا زۇلۇمنى ئاڭلىتىشنىڭ تىپىك يولى قىلىپ كەلگەن «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» يادرولۇقىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ ئەكسىچە، ۋەتەندىكى زۇلۇمنىڭ ماھىيىتىگە دىياگنوز قويغۇچى دۆلەت كاتتىباشلىرى قەبىھلىكلەرنىڭ مەجھۇل ئاتىقى بولغان «زۇلۇم» ئىپادىسىنى بۈگۈنكى خەلقئارا سىستېمىدا ئەڭ ئېغىر جىنايەت بولمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن مەئەييەنلەشتۈرمەي، دىياگنوز قۇيماي تۇرالمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ دىياگنوزى مەيلى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي مەنپەئەت تەقەززاسى سەۋەبلىك بولسۇن ياكى مۇئەييەن ئىستراتېگىيەنىڭ بىر پارچىسى بولغانلىقى سەۋەبلىك بولسۇن، مەزكۇر دىياگنوز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن بىر رېئاللىقنىڭ توغرا مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، بىر ھەقىقەتنىڭ ھەقىقىتى بىلەن جاكارلىنىشى ھېسابلانغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خەلقئاراغا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشتا پۈتكۈل تەشكىلات ۋە ئاكتىۋىستلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان تەشۋىقات تەڭپۇڭسىزلىقىنى، پىكىر ئىختىلاپىنى ئۈزۈل - كېسىل قىلىپ دەۋا تىلىنى ۋە شوئارىنى بىرلەشتۈرىدىغان دىياگنوز ھېسابلىناتتى. شۇنداقلا بۇ دىياگنوز بۈگۈنكى دۇنيانىڭ خوجايىنلىقىغا بويسۇنۇپ ياشاۋاتقان يەر يۈزى ئىنسانلىرىنى تەۋرىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا، ئېڭىغا خىتايپەرەسلەر تىلىدا «گومىڭ» قىلالايدىغان، ۋىجدان ھۈجەيرىلىرىنى قىمىرلىتىشقا سەۋەب بولىدىغان بىر دىياگنوز ئىدى. يەنى بىزنىڭ كونكرېت قانداقلىقىنى ئىپادىلەشتە لاتا چايناپ يۈرۈشىمىزگە سەۋەب بولۇۋاتقان بارلىق توسالغۇلارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئورتاق تىلدا دەردىمىزنى ئۇقتۇرۇشتا بىرلىككە كېلەلەيدىغان ئاتالغۇ ئىدى. ئەپسۇسكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»تىن ئىبارەت دەۋا پىرىنسىپىغا ئىگە چىقىشتا بەدەل تۆلەپ كەلگەنلەرمۇ، يېڭى سىستېمىغا كۆچۈش تەرەپدارلىقىدىكىلەرمۇ، ئاكتىۋىست ۋە پارتىزان ئاۋاملارمۇ ئورتاق ھالدا ئۇرغۇلاشنى باشلىۋەتكەن بۈگۈنكى ۋەزىيەتتىمۇ يەنىلا يۇقىرىدا زىكرى ئۆتكەن داۋراڭچىلار توپى مىللەتنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش نامىدا ئۇلارغا بۈگۈننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ھېچبىر يارارى بولمايدىغان «زۇلۇم قىلىنىۋاتقانلىق» ئىپادىسىنى ئۇرغۇلاشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
مەلۇم بولغىنىدەك بۈگۈنكى دۇنيا تەرتىپى شىددەت بىلەن كۆچۈش ھازىرلىقى قىلىۋاتقاندا، سىياسىي كۈن تەرتىپنىڭمۇ شىددەت بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى دەپ ئولتۇرۇشقا ھاجەتسىز بىر رېئاللىق. بۈگۈنكى پۇرسەت ئەتە يوقىتىشقا ئايلانسا، ئۆگۈنى زىيانغا ئايلىنىپ قالغۇدەك دەرىجىدە يۆتكىلىشچانلىققا ئىگە. ئىنگلىزلاردىن مەشھۇر يازغۇچى چارلېز كالىب (Charles Caleb Colton) ئېيتقاندەك، چوڭ ئويلايدىغان كىشىلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇۋېلىشقا ئەمەس، پۇرسەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن يارىتىشقا تەييار تۇرىدۇ. ھالبۇكى، مىللەتكە ۋەكىل ئاتىلىپ تونۇلغان، ھەر تۈرلۈك سىياسىي سۆھبەت ۋە ئالاقىلەردە مىللەتنىڭ ئاۋازى، ئۇلارنىڭ تىلى بولۇۋاتقانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ تۇرۇۋاتقان، شۇنداقلا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ نامى چوڭ كۆرسىتىلىپ تەرىپلىنىۋاتقان بىر توپنىڭ بۈگۈنكى خەلقئارا سەھنىدە نېمە دېيىش كېرەكلىكى، مىللىي دەۋانىڭ يېڭى كۈنتەرتىپىدە تىلغا ئېلىش كېرەك بولغان شوئارنىڭ كونكرېتلىقى مەجھۇل بولغان «زۇلۇم» ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى ئېنىق ۋە رېئال دىياگنوز بولغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكى شاتۇتىقا گەپ ئۆگەتكەندىنمۇ ئېنىق ۋە كونكرېتلىققا ئىگە تۇرۇپتۇ. ئېغىزىغا چايناپ يىگۈزۈپ قويسىمۇ يەنە شۇ كونا سەنەم بويىچە پايتىمىلارچە تۇتۇملىرى بىلەن كۆزگە پۇتلىشىپ يۈرۈشلىرى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. چۈنكى بۇنداق پاسسىپ تۇتۇمنىڭ بۇ قەدەر دۆتلۈكنى كۆتۈرەلمەيدىغان سىياسەت سەھنىسىدە ھېلىھەم سازايى بولۇۋاتقانلىقى، تەنقىدلەر يىغىپ تۇرسىمۇ پەرۋاسىزچە مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە چۈشمەيدىغان تۇتۇملارنى نامايىش قىلىۋاتقانلىقى كىشىنى بىئىختىيار ھالدا بۇلارنىڭ مىللىي دەۋا سېپىدىكى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە قايتىدىن قاراپ چىقىش كېرەكلىكىگە ئۈندەيدۇ. چۈنكى، بۈگۈننىڭ بىخۇدلۇقى ئەتىنىڭ ھالاكىتىگە، بۈگۈننىڭ سەزگۈرلۈكى ئەتىنىڭ ئۇتۇقىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ئەگەر مەسىلىگە بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە توغرا كەلسە، «دۈشمەنگە ئىشلەش ئۈچۈن سېپىگە قوشۇلۇش كېرەك ئەمەس، دۆت بولۇش يېتەرلىك» نۇقتىئىنەزەرى بويىچە مەزكۇر داۋراڭچى توپقا ئۇچىغا چىققان شەكىلۋاز، دىتسىز كىشىلەرنىڭ باش بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەي بولمايدۇ. ئەگەر بۇ توپنىڭ ئىچىدە ئاتالمىش ئىستراتېگىست، ئاتالمىش موللا - ئۆلىما ۋە باشقا ئاتالمىش زىيالىيلار تۈركۈمى بارلىقىنى نەزەرگە ئالساق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاپىتانلىرىغا يول خەرىتىسىدە قانداق ئازغىشىۋاتقانلىقتىن گەپ قىلالىغۇدەك ئاڭدىكىلەرنىڭ چىقمايۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن چۆچۈشكە تېگىشلىك بىر مۇئەمما. بۇنداق بولۇشىنىڭ ئىككى تۈرلۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى بار بولۇپ، بىر بولسا بۇ توپنىڭ مەركىزى كۈچىنىڭ يىپى ئۆز قولىدا ئەمەس. يەنە بىر بولسا، سۇنىڭ بېشى لاي، ئارقىسىغا ئەگىشىۋاتقانلار بولسا، ئاڭقاۋلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ يەردە ھەر ئىككى نۇقتىدىن سەن مۇشۇنداق، ياكى بۇ توپ مۇنداق دەپ كونكرېتلاشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، رېئاللىق بۇ ۋەزىيەتنىڭ جىددىي تەرزدە ئۆزلۈك تەنقىدى ئېلىپ بېرىشقا موھتاجلىقىمىزنى، سەپ بىرلىككە كەلمىگەن مۇددەتچە بۇ يىرىقلىق ئۈستىدە ئىزچىل مۇلاھىزە قىلىشقا، كۆرۈلۈۋاتقان سەۋىيە پەسلىكى، تۇتۇم زەئىپلىكى ۋە دىتسىزلىقلار خۇسۇسىدا پىكىر يۈرگۈزۈش زۆرۈرلۈكى، سىياسىي ھەرىكەتتىكى پاسسىپلىق ۋە سەلبىي ئۆرنەكلىكنىڭ ۋەزىيىتىمىزگە قارىتا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەرەرلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلىپ تۇرۇپتۇ.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا سازاۋەر دۇنياۋى ئەدىبلەردىن مەشھۇر يازغۇچى نەجىب مەھپۇز: ئالىم - ئۆلىمالاردا چېرىكلىك كۆرۈلۈشى غەپلەت بېسىشتىن، يوقسۇللارنىڭ ۋە يولباشچىلارنىڭ چىرىكلىشىشى مۇناپىقلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ يازغان. ئەگەر سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە قەتلىئامغا قارشى ئورتاق ئاۋاز بىرلىكى، ئىشغالىيەتكە قارىتا سىياسىي مەۋقە بىرلىكى شەكىللەنمىسە، ئۆلىما ۋە زىيالىي تۈركۈملىرىدىن بۇ خۇسۇسقا قارىتا ھەققانىي تۇتۇم، پوزىتسىيە ۋە مەيدان ئىپادىلەنمىسە، ئەكسىچە داستىخان ئىتتىپاقچىلىقىنى، شەكلىي بىرلىشىش كېلىشىملىرىنى سۈردۈرۈش بەدىلىگە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسلىرىغا زىيانلىق رول ئوينايدىغان تەرەپلەردىمۇ كۆز يۇمۇۋېلىپ سۈكۈتنى تاللاپ ياشاۋېرىشتەك جاھانسازلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، بۇنىڭ قاباھىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ھەم ۋىجدان تەرىپىدىن، ھەم تارىخ تەرىپىدىن ھەمدە مىللەت تەرىپىدىن چوقۇم سوراقلانماي، تارىخقا يېزىلماي قالمايدۇ. شۇنداقلا ھەر بىر پۇرسەت ۋە نېمەتنى قانداق چىڭ تۇتقانلىق ياكى مەسئۇلىيەتسىزلەرچە سۈكۈت قىلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىك ياكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتماي بوشاڭلارچە مۇئامىلە قىلغانلىق قاتارلىق خۇسۇسلاردىن ھېساب سورىغۇچى تەڭرى ئالدىدا مۇقەررەر ھالدا جاۋابكارلىقى، سۈرۈشتىسى قىلىنماي قالمايدۇ . «ھەر بىر نېمەتتىن جەزمەن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر» (سۈرە تەكاسۇر، 8 - ئايەت)
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى