مىللەت مۇجادىلىسىمۇ ياكى گۇرۇھ جېدىلىمۇ؟
مىللەت مۇجادىلىسىمۇ ياكى گۇرۇھ جېدىلىمۇ؟
(تەۋسىيەلىك ماقالە)
ھەر مىللەتنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز بىر پەيتتە ھايات ياكى مامات، قۇرتۇلۇش ياكى ئىنقىراز دەقىقىلىرى كېلىپ قالىدۇ. كۈنىمىزدە بۇنى «تارىخنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ ئاتىشىمىز مۇمكىن. بۇ خىل دەقىقىنى سېزەلىگەن مىللەتلەر چاقماق تېزلىكىدە ھەر ئىشنى چوڭ بىر كۈچ ھاسىل قىلىش ئاساسىدا تەرتىپكە سېلىپ ماڭىدۇ. (بۇ بىلەن مەۋجۇتلۇقى ساقلىنىپ) ھايات قالىدۇ، قۇرتۇلىدۇ. ئەمما بۇ خىل دەقىقىلەرنى ئۆتمۈش تارىخىدەك غەپلەتتە ۋە سەفالەتتە، تۇيماستىن ۋە سەزمەستىن ئۆتكۈزگەن مىللەتلەر يا شۇ ھامان ياكى بولمىسا مەلۇم مەزگىل ئۆتۈپ مۇنقەرزلىككە يۈز تۇتىدۇ. دېمەك، بۇ خىل دەقىقىلەر مىللەت تارىخىدىكى بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا ھۆر ۋە مۇستەقىل ياشاۋاتقان بىر قىسىم مىللەتلەر مەزكۇر قىسقا مەزگىلنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىپ، ھەر ساھەدە چوڭ بىر تەنزىمات (سىستېمىلىشىش) ۋە ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ئامان قالغان بولسا، خورلۇق ۋە ئەسىرلىكتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم مىللەتلەر ھەر دەۋرىنى ۋە ھەر دەقىقىسىنى غەپلەتتە ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋە ئاقىۋەت مۇنقەرزلىك بويۇنتۇرۇقىغا تۇتۇلغاندۇر.
(شەرقىي) تۈركىستان نۆۋەتتە دەل مۇشۇ خىل باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمەكتە. يا قۇرتۇلۇپ ياشايمىز، يا يۇتۇلۇپ تۈگەيمىز. بۇنى تارىخ بەلگىلىگۈسى. بىز بۇنى بۈگۈن بەلگىلىيەلمەيمىز. چۈنكى ئىستىقبالىمىز زېھنىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىزدە نەقەدەر قاراڭغۇ بولغان بولسا، ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش ياسايدىغان بۈگۈنكى تارىخىي پۇرسەتلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا قاراڭغۇلۇقتا، ئېغىر دەرىجىدە غەپلەتتە ۋە ئىھمالكارلىق (پەرۋاسىزلىق) تا ئۆتمەكتە.
قانمۇ تۆكتۇق، ئىنقىلابمۇ قىلدۇق. بىر ئەمەس، بىر نەچچە قېتىم قىلدۇق. لېكىن زۇلۇمغا، ئاسارەتكە قارشى مىللىي تىرەنىشلەرنىڭ ھەر قېتىم بىزگە قالدۇرۇپ كەتكىنى پەقەتلا ئاچچىق ۋە بەكلا ئاچچىق ساۋاقلاردىن ئىبارەت بولدى.
بىلىمىزكى، بۇ قانلىق ساۋاقلار بىزگە قوراللىق ۋە قانلىق ئىسيان كۆتۈرۈش بىلەنلا ھېچ غايىگە ئېرىشىپ بولالمايدىغانلىقىمىزنى ئۆگەتتى. ئىشىنەيلىكى، مىللىتىمىزنى ھەر تەرەپتىن باغلاپ، قىمىرلاشقىمۇ ماجالىنى قويمىغان ماددىي ئاسارەتتىن تاشقىرى روھىمىزنى ئۇخلىتىۋاتقان مەنىۋى ئاسارەت ئورتادا تۇرۇپتۇ. مىللەتنى بۇ مەنىۋى قۇللۇقتىن ئازاد قىلماي تۇرۇپ قىلغان ھەربىر ھەرىكىتىمىز ھېچ نەتىجە بەرمىدى ۋە بەرمىگۈسى. دەرۋەقە، بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىمىزغا نىسبەتەن مىللەتنىڭ مەنىۋى قۇرتۇلۇشىغا خىزمەت قىلمايدىغان ھەرقانداق بىر جەريان ھېچبىر ماھىيەتكە ئىگە بولالمايدۇ. ماھىيەتكە ئىگە بولالمىغان ئىكەن، بىرەر پايدىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
چۈشىنىپ يېتىلدىكى، بۈگۈنكى ئەڭ چوڭ ۋەزىپە مىللەتنى مەنىۋى ئاسارەتتىن قۇتۇلدۇرۇشتۇر. تارىخىمىزدا بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغان بۈگۈنكى بۇ دەۋر بىزگە ئۇشبۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرغان ئىكەن، كېلەچەك ئەۋلاد ئەلۋەتتە بۈگۈنكى بۇ ۋەزىپىنىڭ مىۋىسىنى كۈتىدۇ.
دېمەك، بۇنداق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ، ھەرىكەت ۋە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىر شەخسنىڭ بىر ۋەزىپىسى، تېخىمۇ توغرا قىلىپ ئېيتساق، بىر مىللىي بۇرچى بار. ئىش ئادەملىرى يۇرتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىنىڭ كويىغا كىرىشى، ئىلىم ئەھلىلىرى بولسا، كۆپچىلىكنى ئاقارتىش، بىلىم تارقىتىش يولىدا قولىدىن كەلگەنچە ئىش قىلىشى لازىم. مەتبۇئات ۋە مەتبۇئاتچىلارمۇ ئومۇمنىڭ دەرد – ئەھۋالىغا، پىكرى ۋە چۈشەنچىسىگە تەرجىمان بولۇشى كېرەك. ھەر كىم ئۆز ساھەسىدىلا، ئۆز غېمى ۋە ئۆز غايىسى ئۈچۈنلا ئىشلەپ، سۆزلەپ كېتىۋەرگەن تەقدىردە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە مىللىي مۇجادىلىنى ئۇنتۇپ، گۇرۇھ جېدىلى تۇغدۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ.
مىللەت ۋە يۇرت – ۋەتەن داۋاسىنى ھەل قىلىش ئورنىغا ئۆز ئارا بوغۇشۇشلار، پارتىيە ياكى گۇرۇھ پىروپاگاندالىرىنى بازارغا سېلىشلارمۇ بىزچە بولغاندا، مەنىۋى ئاسارەتتۇر. ئەجەبا بىز كىم ئۈچۈن مىللەتنى ۋە خەلقنى قۇربان قىلىپ بېرىۋاتىمىز؟ كىملەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇنبەردە ۋەز ئوقۇۋاتىمىز ۋە كىملەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈن مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز؟ ئالدى بىلەن بۇلارنى ئويلاش لازىم.
بۈگۈن يۇرتقا ۋە خەلققە خىزمەت قىلىمەن، يۇرتنىڭ ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى كۆزلەيمەن، دەپ ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق ئىنسان بۇ ئۇلۇغ يولدا ھېچ نەرسىنىڭ يۈز – خاتىرىسىنى قىلماسلىقى، ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە پىداكارلىق كۆرسىتىشى لازىم. مەيلى ئېغىزىدا، مەيلى كۆڭلىدە بولسۇن، «خەلق»، «يۇرت – ۋەتەن» دەۋاتقان ھەرقانداق بىر شەخس بۇ ئۇلۇغ يولدا بىرەر گۇرۇھنىڭ، ياكى بىرەر ئېقىمنىڭ دائىرىسىدە سولىنىپ قالسا، مىللەتنىڭ ئارزۇسى ۋە چۈشەنچىسىنى نۇقتىمۇنۇقتا ھالىتىدە بىلمىسە، ئۇ چاغدا خەلق باشقا بىر يەردە قالغان بولىدۇ. خەلق دېگىنىمىز سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە ھوقۇقىي جەھەتلەردىن بىرەر پەرق كۈتمىگەن، تۈرلۈك كەسىپ، تۈرلۈك جىنس ۋە تۈرلۈك مەسلەك – ئېقىمدىكى توپلۇقلاردۇر. خەلقپەرۋەر بولۇشنى خالىغان ھەربىر كىشى ئالدى بىلەن پۈتكۈل مەنىۋىياتى ھەمدە بىر پۈتۈن مەۋجۇدىيىتى بىلەن ئۇشبۇ ئىنسانلار توپىنىڭ (خەلق) نىڭ چۈشەنچىسىنى ئۆزىدە مۇھاپىزەت قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى (مىللەنىڭ مەنىۋى خاسلىقلىرى) غىمۇ ئىگە بولۇشى لازىم. بۈگۈنكى مىللىي مۇجادەلە مانا بۇ ئاساستا بولغاندىلا، ئۆز ئىستىقامىتىنى (توغرا يولىنى) تاپقان بولىدۇ. بىر گۇرۇھقا مەنسۇپ بولۇپ، ئەمما چۈشەنچىسى تار بولغان ۋە ھەرقانداق مەسىلىگە بىرەر گۇرۇھنىڭ ھۆكمى بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان بىر «خەلقچى» ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ گۇرۇھۋاز ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىپ قويغان بولىدۇ. بۇنداق گۇرۇھۋازلارنىڭ قىلغان ئىش – ھەرىكىتى مىللەت ۋە ۋەتەن دەۋاسىنى ئەمەس، شەخسىيەت ۋە گۇرۇھ غوۋغاسىنى تۇغدۇرغۇسىدۇر.
خوش، بۇ توغرىدا بىزنىڭ تۇتماقچى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىمىز مىللەت مۇجادىلىسىمۇ ياكى گۇرۇھ جېدىلىمۇ؟
بۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، (شەرقىي) تۈركىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا، چۈشەنچىسىگە ۋە پىكىر – ئىدىيەسىگە ھېچ قانداق بىر گۇرۇھ ۋە ھېچ قانداق بىر تەرەپ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. خەلق ئۈچۈن ئىشلىمەكچى بولغان ھەربىر خەلقچى ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل بولغان ۋە مەھدۇد بولمىغان (مەلۇم بىر تەرەپ ياكى ئېقىمنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىپ قالمىغان) ئۇشبۇ مەنىۋى مەنبەنىڭ بىر مەھسۇلى ۋەيا بىر تامچىسى بولالىغاندا، ئاندىن ئۇنىڭ جىمى ھەرىكىتى مىللىي ۋە ئومۇمىي بىر ماھىيەتكە ئىگە بولالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بىرەر گۇرۇھ، بىرەر سىنىپ ياكى بىرەر ئېقىم – مەسلەك غوۋغالىرىنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۆرۈشكىمۇ ئىمكانىيەت قالمايدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا شۇ مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزىنى ئوتتۇرىغا تاشلايمىزكى، بىزنىڭ تۇتۇپ ماڭماقچى بولغىنىمىز مىللەت مۇجادىلىسىدۇر، گۇرۇھ جېدىلى ئەمەس. ھېچبىر گۇرۇھ خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى خەلقنىڭ پىكرى ۋە چۈشەنچىسى مەھدۇد ئەمەس، بەلكى مۇستەقىلدۇر.
مەنبە: «ئەرك گېزىتى»، 252 - سان، 1949 - يىل، 16 - مارت.
ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: بۇرھان مۇھەممەد