Jump to content

مۇختار سوپى: غەزەللەر

ئورنى Wikipedia

غەزەللەر

مۇختار سوپى


دىلبەر


كۆڭۈل مۈلكۈڭگە ئاخشامدا ئىشىك ئاچتىم قىيا، دىلبەر،

قاراڭغۇ دىلغا نۇر تولدى چېچىپ باغرىڭ زىيا، دىلبەر.

گۈزەل جىلۋەڭدە يۇلتۇزلار قۇچاق ئاچتى خىيالىمغا،

تەبەسسۇم ئىلكىدە باقتىڭ چىرايىمغا گويا، دىلبەر.

سېنىڭ ئىللىق نىگاھىڭدىن ۋۇجۇدۇم ئېرىدى قاردەك،

ئۇلۇغ كەلكۈن بولۇپ ئاقتىم زىمىندا بىر ساڭا، دىلبەر.

قۇرۇپ كەتكەن ئىدى باغرىم مۇھەببەتسىز كۆڭۈللەردىن،

ئۈنۈپ چىقتى بېغىمنىڭ قات ـ قېتىدىن گۈل-گىياھ، دىلبەر.

بەخش ئەتكەن ئاسايىشتىن جاھان تولدى گۈزەل ھېسقا،

يورۇپ كەتتى جېمى ئالەم كۆڭۈل بەرسەڭ ماڭا، دىلبەر.

سەھەر چىققان قۇياش كەچتە بولۇپ كەتكەن كەبى غايىپ،

يىتىپ كەتتىڭ، يەنە بولدى پۈتۈن ئالەم قارا، دىلبەر.

ھايات بەلكىم ئاشۇنداق قىسسىدىن پۈتكەن ئۈزۈن كەچمىش،

كۆڭۈلدە قالدى ئۇنتۇلماس گۈزەللىكتىن يارا، دىلبەر.


ئالتۇن زەنجىر


بىر نىگاھىڭ شولىسىلا بولدى بەس تەقدىر ماڭا،

مىسلى بوينۇمغا سېلىنغان  ئاجرىماس زەنجىر ماڭا.

شان قازاندىم  سۆيگۈدىن زەنجىر تۈپەيلى  باشقىچە،

قىلدى بوينۇمنى غىدىقلاپ  بەزىدە  تەسىر ماڭا.

بەرگىنىڭدە ۋەسلىزارىڭدىن ئورۇن بولدۇم  بىھۇش،

بورىدا پۈتكەن ئۆيۈڭمۇ  تۇيۇلۇپ قەسىر  ماڭا.

ئۇنتۇلۇپ قالغان چېغىمدا تۆردىكى دۇتار كەبى،

ئاشمىدى ئاۋاتلىقىڭدىن بىر مىنۇت كەسىر ماڭا.

مېنى مەھبۇستەك سولاپ  قەلبىڭ ئۆيىدە ساقلىدىڭ،

مەن  ساڭا بولدۇم، لىكىن  سەن بولمىدىڭ ئەسىر ماڭا.

سەن چىداپ كەلدىڭ ئاجايىپ، غەيرىتىڭگە ئاپىرىن،

قسمىتىڭگە سەبرى قىلدىڭ، قىلمىدىڭ تەخىر ماڭا.

قۇتۇلۇپ كەلدىم تالايلاپ مۈشكۇلات ئىسكەنجىدىن،

ئۈزۈشۈمگە  زەنجىرىڭنى  بولمىدى تەدبىر ماڭا.

نەچچە مىڭ خىل ھۆنىرىڭنىڭ ھەممىنى قىلدىڭ سىناق،

بار يەنە قانداق ئامالىڭ بولغۇچە كەمپىر ماڭا.

چىگىلىپ قالغان  تۈگۈنلەر يېشىلىپ تۇردى يەنە،

سۆيگۈنىڭ سوئاللىرىدىن قالمىدى  تەبىر  ماڭا.


ئېھتىمال


جۈملە جانىم سەن ئۈچۈن بولدى پەرىشان  ئېھتىمال،

بولمىساڭ مەۋجۇتلۇقۇمدا ، مەنمۇ نىمجان   ئېھتىمال.

دەرتلىرىمنى بىلمىدىڭ ھەم  يۈرىكىمنى تىلمىدىڭ،

تىلغىنىڭدا  يۈرىكىمنى سەنمۇ يەكسان ئېھتىمال.

سۆزلىرىڭگە ئىشىنەيمۇ،كۆزلىرىڭگە بىلمىدىم،

قىلدى ئىنكار بىر- بىرىنى، دىلدا ئەفغان  ئېھتىمال.

ئوت ئوتاپ،يەر يۇمشىتىپ،سۇ قۇيغىنىمنى ئۇنتۇدۇڭ،

سەن تۈگۈنمەيسەن ماڭا ئۈنگەندە رەيھان ئېھتىمال.

ئەسلىرىمدىن قاچتى نىكەم    سۆيگۈنىڭ كەچمىشلىرى،

سەندە قالدى چۈشلىرىمنىڭ رەڭگى  پىنھان ئېھتىمال.


جانئالغۇ


ئۇزاقتىن بىخلىتىپ كەلدىڭ يۈرەكىمدە گۈزەل تۇيغۇ،

ئۇنىڭغا ياندىشىپ تىكتىڭ تىكەننىڭ ئۇچىدەك  قايغۇ.

مېڭىپ ئۆتتۈڭ  نېپىز كۆڭلەك  بىلەن زەڭگەر خىيالىمدىن،

قېچىپ كەتتى بىساتىمدىن كۆڭۈلنى بەزلىگەن  ئۇيقۇ.

ئىشىك ئالدىغا  ئون چىقتىم سېنىڭدىن بارمۇ دەپ  شەپە،

بوسۇغامدا تۇرار لەپشىپ  چۈشۈمدەك رەڭمۇ ـ رەڭ چاچقۇ.

ئويۇمدىن چىقمىدىڭ زىنھار، قېشىمغا كەلمىدىڭ ئەمما،

كۆرەلمەي سېنى يۈرسەممۇ،  دىمىدىم باشقىسى بارغۇ؟

مېنى ئۆلتۈرمىكىڭ   مەخسەت،ساڭا ئەل بولمىقىم  تەقدىر،

ئۇدارىڭنى بىلەلمىگەچ  گېلىمدىن ئۆتمىدى نان - سۇ.

ئۆلۈككە جان ئاتا قىلدىڭ، تىرىكنى ئۆلتۈرۈپ تەكرار

ئۆزۈڭنىڭ خوشلۇقىنى دەپ جېنىمنى قىينىدىڭ ئاھۇ.

ئېتىڭنى بىلمىدىم ئەمما، تاقالدى جانغا تىغ  جانىڭ،

ھاياتىمدا بولۇپ قالدىڭ شۇڭا سەن بىرلا جان ئالغۇ.


مۈشكى خوتەن


كۆزۈمنى ئاچمىسام دەيمەن پىراقىڭدا بولۇپ مەستخۇش،

چۆكۈپ قۇرغاق خىيالىڭغا دىلىڭنى ئەيلىسەم نەمخۇش.

ۋىسالىڭ ئۆركىشىدە مەن بېلىقتەك ئەركىلەپ يۈرسەم،

تۇتالماي قاسرىقىمدىن يار دىمىگىن زېرىكىپ ئوھۇش.

ئويۇڭ خىلۋەتلىرى بويلاپ شىېكەر باغرىڭدا لەرزىنسەم،

بولۇپ يۈرمەس ئىدىم بۇنچە نېسى ۋەسلىڭ ئۈچۈن خامۇش.

نازۇك بارماقلىرىڭدا قىسمىتىم ئايلاندى ئەرمەككە،

ساڭا شادلىق بېغىشلايمىش جېنىمنى قۇم كەبى سورۇش.

قويارسەن ئېھتىمال ئەسلەپ مېنىڭ ئىسمىمنى بىر چاغدا،

يۈرەكىڭنى چوقۇپ ئۆتسەم سەھەرىڭدە بولۇپ بىر قۇش.

كۆڭۈل دەشتىگە ئات سالدىم خوتەن ئاھۇسىنى ئىزدەپ،

كۆزۈڭدە تۈنىسەم مەڭگۈ قارالىڭدا بولۇپ بىھۇش.

پېقىردا قالمىغاي ئارمان، خىيالىڭدا ياشاپ لەھزە،

ماڭا قالسا ئىدى ئوڭچە سېنى كۆرگەن ئاشۇ دوقمۇش.


2023-يىلى 8-، 9- ئايلار، قەشقەر


مەنبە: جاسارەت تاش ئەدەبىيات سالونى