مۇختەر سۈپۈرگى

ئورنى Wikipedia

شائېر مۇختار سۇپۇرگى 1963-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۇنى ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان .1980-يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ ، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.1984-يىلى 7- ئايدا ئوقۇشنى پۇتتۇرۇپ، ئۆزى ئوقۇغان فاكولتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.1991-يىلدىن1992-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىدا بىلىم ئاشۇرغان،2005-يىلى شاڭخەي شەرقى جۇڭگۇ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسېتىدا بىلىم ئاشۇرغان. ھازىر خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇمىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىدا دوتسېنتلىق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ . ئۇ،1981-يىلدىن ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى گىزىت-ژورناللاردا500 پارچىدىن ئارتۇق شېىر،داستان، ھېكايە، مەسەل ۋە ئىلمىي ماقالىلارنى ئېلان قىلغان. «كۈنلۈك ئاستىدا»، «گۇما ئابىدىلىرى»، «نۇرۇز لېرىكىسى» قاتارلىق شېرلىرى مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسسى ، شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى » ۋە خوتەن مەمۇرى مەھكىمە تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان.2003-يىلى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرىپىدىن «تۈن لىرىكىسى» ناملىق شېئرلار توپلىمى شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتى نەشىرياتى تەرىپىدىن «ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مېتودى» ناملىق دەرىسلىك كىتابى نەشېر قىلىنغان. «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ژورناللاردا ئجادىيەت ھاياتى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان . ئۇنىڭ ئىسمى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى «جۇڭگۇ بۇگۇنكى دەۋر ياش ئەدىپلىرى قامۇسى »، «جۇڭگۇ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى نۇپۇزلۇق شەخىسلەر قامۇسى »..... قاتارلىق 8 پارچە قامۇسقا كىرگۈزۇلگەن. ئۇ، ھازىر «جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى» ۋە «خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى».



مەنبە: مۇختەر سۈپۈرگىنىڭ «تۈن لىرىكىسى» ناملىق ئەسىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن ئېلىندى.