مۇرات ناسىروف

ئورنى Wikipedia

روسسىيىنىڭ پايتەختى دۇنياغا داڭلىق موسكۋادىن ئىبارەت بىر چوڭ شەھەردە سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى — مۇرات ئىسمايىل ئوغلى ناسىروف 1969- يىلى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى (بۇرۇنقى پايتەختى) ئالمۇتا شەھىرىدە بىر سەنئەتكار ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە دادىسىنىڭ تەسىرى زور بولغان. دادىسى ئىسمايىل ناسىروف ئەسلى كەسپىي سەنئەتكار ئىدى. ئىسمايىل ئاكا قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن، 1940-يىللاردىن باشلاپ قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا سەنئەت گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىگەن. 1945- يىلى 8- ئايلاردا پودپولكوۋنىك سوپاخون باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر گۇرۇپپىسى ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالغاندا، ئىسمايىل ئاكا مىللىي ئارمىيىگە پىدائىي بولۇپ كىردى. 1945- يىلى 10- ئايدا مىللىي ئارمىيە بىلەن غۇلجىغا قايتىپ، ئارمىيىنىڭ سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ، سەنئىتىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ”ئۈچ ۋىلايەت“ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ”خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىست“ دېگەن پەخىرلىك ناملارنى قازانغان! ئىسمايىل ناسىروۋ 1958-يىلى ئائىلىسى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ئالمۇتا شەھىرىگە ماكانلاشقان.

   مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىمۇ مانا مۇشۇ ئائىلىدىكى سەنئەت مۇھىتىنىڭ تەسىرىدە، يەسلى ۋە مەكتەپتىكى چاغلىرىدىن باشلاپ كۆرۈلۈشكە باشلىغان. 18 يېشىدا ئارمىيە سېپىگە قاتنىشىپ، بۇ جايدىمۇ تالانتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت كۇرژۇكى قۇردى. ھەربىي مەجبۇرىيىتى ئاياقلاشقاندا موسكۋالىق سەبداشلىرى مۇراتنىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ئۇنى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. مۇرات تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆيىگە قايتماستىن ئۇدۇل موسكۋاغا بېرىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن گنېسوۋ نامىدىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1996-يىلى پۈتتۈرگەن. موسكۋادىكى ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسانغا چۈشمىگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنى ئىقتىسادىي مەنبە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلگەن بۇ ئۇيغۇر يىگىتى بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىر-يېنىك جىسمانىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش راسخودىنى ئۆزى ھەل قىلغان. ئۇ، قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي، تىرىشىپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ تالانتى تېزدىنلا مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنى شۇنىڭدەك ئۇستازلىرىنى قايىل قىلغان.

مۇرات ناسىروفمۇرات ناسىروف


    مۇرات ناسىروف 1991- يىلى يالتا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ياشلار فېستىۋالىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولغان ھەمدە پوپ ناخشا تۈرلىرى بويىچە بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەپ، ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يالتادا قولغا كەلگەن مەزكۇر زور نەتىجىدە مۇراتنىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئىلھام بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ موسكۋا سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا تونۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا يول ئاچقان. مۇرات بىر ياقتىن ئوقۇپ يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنىڭ ”يېڭىپورت“ ناملىق ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىسىنى (توپىنى) قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە كونسېرتلار ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان. شۇنىڭدەك يەنە بەزى كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئاتاقلىق چولپانلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئىدى.
    موسكۋادەك ياتلارنىڭ شەھىرىدە ئۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن رۇس تىلىدا ناخشا ئېيتىپ تونۇلۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن، ئۇ تىنىمسىز ئىزدەندى. ئۇنىڭ ئارزۇلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى 1997- يىلىدىن كېيىن بىردىنلا ئەمەلگە ئاشتى. ئۇنىڭ نامى بىردىنلا پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا كەڭ تونۇلدى. ئۇ، «تامبوۋغا بارماقچى بولغان بالا» ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، داڭ چىقاردى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى رۇسىيە جۈملىدىن پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى ياشلارنىڭ ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ۋە ئاڭلايدىغان ناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەرىپىدىن كۈندىكىدەك نەچچە قېتىملاپ كۆرسىتىلىپ، ئۇنىڭ ئوبرازى ۋە ناخشىلىرى كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىراتلار قالدۇردى. مۇرات ناسىروف ئارقىدىنلا ئاتاقلىق رۇس ناخشىچىسى ئاپىنا بىلەن بىرگە «ئايدىڭ كېچە» ناملىق ناخشىسىنى ۋە «مەن دېمەك سەندۇر» ناملىق ناخشىسىنى ئېيتىپ، ناخشا ھەۋەسكارلىرىنى يەنە بىر قېتىم زىل-زىلىگە سالدى. ئۇنىڭ بۇ ناخشىسى مەخسۇس كۆرۈنۈشلەر بىلەن كىرىشتۈرىلىپ، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا كۆرسىتىلدى.
    مۇرات ناسىروف ئۆزىگە شان-شەۋكەت ئېلىپ كەلگەن مەزكۇر ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزى ئىشلىگەن، سۆز تېكىستىنى ئۆزى يازغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كۆپ تەرەپلىمىلىك تالانتى بىلەن رۇسىيە ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئەربابلارنى قايىل قىلدى. مۇرات ناسىروف ھازىرغىچە رۇسچە «مېنىڭ تارىخىم»، «ئويغاتقىن مېنى»، «كىمدۇ بىرى ئەپۇ قىلىدۇ»، «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن بولمىغان» ۋە ئۇيغۇرچە «قالدىم يالغۇز» قاتارلىق بەش پلاستىنكىنى چىقارغان بولۇپ، ئۇنىڭ پلاستىنكىلىرى كەڭ بازار تاپتى. مۇرات ناسىروف مەخسۇس كومپوزىتورلۇق ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ رۇس ناخشىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان مۇزىكىلىرىنىڭ قۇرۇلمىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆز ناخشىلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئۆزى ئىشلەش بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن سۆزىنى ۋە مۇزىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرالىغان. قانداقتۇر، باشقىلار ئىجاد قىلىپ بەرگەن ئاھاڭ بىلەن باشقىلار يېزىپ بەرگەن تېكىستقا ناخشا ئېيتىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانتلىق چولپانلار رۇسلار ئىچىدە ۋە دۇنيا يۈزىدە كەم ئۇچرايدۇ.

مۇرات ناسىروفمۇرات ناسىروف


    مۇرات ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي سەنئىتىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمىدى. ئاتا-ئانىدىن، ئەجدادتىن قالغان ئەسلى قان بىلەن مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي روھ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان قەھرىمان مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچىسى، بىرقولىدا راۋاب، بىر قولىدا مىلتىقىنى كۆتىرىپ، ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا قان كېچىپ جەڭ قىلغان، جەڭ تىنجىغاندا بولسا، مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفېتسىرلىرىگە روھ بېغىشلايدىغان، ئۇلارنى ئازادلىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا ئۈندەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ، مىللىي ئىنقىلابقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان ئىسمائىل ئاكىنىڭ مىللىي روھىي دۇنياسى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بەش بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان مۇراتنىڭ تومۇرلىرىدا ھامان خۇددى ئىلى دولقۇنلىرى كەبى مەۋج ئۇرۇشقا نېسىپ بولدى.
    مۇرات بارغانسېرى رۇس ناخشىچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولۇشقا قاراپ يۈزلەندى. مانا بۇ مەرھۇم ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئارزۇسى ئىدى، دېمىسىمۇ، ئۇ ماناس دەرياسىدا مىلتىقى بىلەن راۋابىنى مەھكەم تۇتۇپ، تۆت يىل ياتقان كۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە خۇددى باشقا سەپداشلىرىغا ئوخشاشلا ئازابلىناتتى، ئۆكىنەتتى، «دائىم ھەي-ئېسىت ئەشۇ چاغلار!» دەيتتى. مۇرات موسكۋاغا ماڭغاندا، ئىسمائىل ئاكا «قېنى بارغىن، يىگىت بولغاندىكىن ئۆز يولۇڭنى تاپ! لېكىن ئۇيغۇرلىقىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما! مۇمكىن بولسا ئەشۇ كۆك-كۆزلەرنى ياڭراق ناخشىلىرىڭ بىلەن بويسۇندۇر» دەپ جىكىلىگەن ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى ئىسمائىل ئاكا ھايات ۋاقتىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىگە سۆزلەپ بەرگەنىكەن ئۇلار ئۇچراشقاندا، مۇرات ئاخىرى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2004- يىلى دادىسىغا بېغىشلاپ «قالدىم يالغۇز» ناملىق ئۆزىنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە ناخشا ئالبۇمىنى تەييارلاپ موسكۋا شەھرىدە نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ رۇسىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئۈن پلاستىنكىسى بولۇپ، مەزكۇر پلاستىنكا موسكۋا ۋە رۇسىيە بازارلىرىدا تارقالدى. مانا ئەمدى، ئورۇسلار ئۇيغۇرچە ناخشا پىلاستىنكىسى سېتىۋېلىپ ئاڭلايدىغان مەنزىرە شەكىللەندى.
   بۇنىڭدىن 10 يىللار ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ئەمما تېخى ئۇيغۇرلۇققا تولۇق قايتمىغان مۇرات بۈگۈنكى كۈندە ھەممىلا يەردە «مەن ئۇيغۇر!» دەيدىغان، مەيلى چەتئەللەردە بولسۇن ۋە ياكى رۇسىيە ھەم باشقا جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە بولسۇن چوقۇم ئۇيغۇرچە بىر-ئىككى ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتماي قالمايدىغان، شۇنىڭدەك ئەشۇ ئۇيغۇرنى ئاڭلاپ باقمىغان تاماشىبىنلارغا «مەن ئۇيغۇر» دەپ ئۆزىنى ۋە ئۇيغۇرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان مۇراتقا ئايلانغان ئىدى. رۇسىيە گېزىتلىرىنىڭ مۇرات ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەممە ماقالىلىرىدا، ئۇنىڭ «مەن ئۇيغۇر»، «دادام ئىسمائىل سوپى قەشقەردىن» دەپ تونۇشتۇرىدىغان جۈملىلەر ئورۇن ئالغان. مۇرات بىر ئىنتېرنېت گېزىتىنىڭ مۇخبىرىگە مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن.

«مەن ئۇيغۇر، دادام رەھمەتلىك ئىسمائىل سوپى ناسىروف قەشقەردە تۇغۇلغان، ئانام خاتىرە غۇلجىدا تۇغۇلغان، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمدىن پەخىرلىنىمەن، مەن موسكۋا ۋە ئالمۇتىلاردا ياشايمەن، باشقا ئەنئەنىلەرنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز ئەنئەنەمنى سۆيۈش بىلەن ياشايمەن».

   مانا بۇ مۇراتنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەردۇر.
   مۇرات ناسىروفنىڭ بىر ئوغۇل، بىر قىزى بار ئىكەن. ئۇنىڭ لاتىش مىللىتىدىن بولغان ئايالى ئۇنىڭ ئەڭ سەمىمىي ۋە ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئۇ ئايالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندىن سىرت يەنە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنىمۇ ئۆگەتكەن. ئۇلار دائىم سەھنىلەردە ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى جۆر بولۇپ ئېيتىدىكەن. مۇرات ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تاماقلارنىمۇ تەييارلاشنى ئۆگىتىپ قويغان. مۇرات ئۆز خەلقىنى قانچە سۆيسە، ئۆز خەلقى مۇراتنى شۇنچە سۆيدى. 2005- يىلى ئالمۇتادىكى قازاقىستان ئۇيغۇر بايلىرى كۇلۇبى تەشكىللىگەن «ئىھلام مۇكاپاتى» بېرىش مۇراسىمىدا باھالىغۇچىلار بىردەك ھالدا ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا سەنئەت ۋە ناخشا-مۇزىكا ساھەسى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك «ئىھلام مۇكاپاتى» بەردى.


مۇرات ناسىروفمۇرات ناسىروف

    مۇرات، قەشقەر پەيزىۋات ۋە مارالبېشىدىكى يەر تەۋرەشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، موسكۋادىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە مەخسۇس خەيرىساخاۋەتلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ۋاپات بولغان ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ئىئانە توپلىدى.
   مەرھۇم مۇرات ناسىروپنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-ئىجادىيىتى، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى تېخى ئەمدى باشلىنىپ، مول مېۋە بېرىش ئالدىدا ئۆز خەلقىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ئەمما، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازلىرى ۋە تالانتى ئەبەدىي ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا قالدى.
    — مۇراد، بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنىڭىز نېمە؟
    — قەشقەرگە بېرىش، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا كونسېرت قويۇش، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش .
    — سىزنى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم.
    — كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۆگەتكەنىدى. موسكۋادا يۈرۈپ بۇرۇنقىدەك راۋان ئوقۇپ يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر ھالدا ساۋاتسىز ئەمەسمەن. ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئىمزا قويۇشتا ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە يازىمەن.
    رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيىنىڭ مەشھۇر ناخشا چولپىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مۇرات ناسىروپ 19- يانۋار كۈنى كەچ سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە موسكۋا شەھىرىدىكى 5- قەۋەتكە جايلاشقان ئۆيىنىڭ بالكونىدىن چۈشۈپ كېتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن.
    مۇراتنىڭ ناسىروف رۇسىيە ھازىرقى زامان زامانىۋى ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ نامى يالغۇز رۇسىيىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىگە تونۇلغان.
     رۇسىيىنىڭ ”كم.رۇ“ ئىنتېرنېت ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2007-يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشىچىسى مۇرات ناسىروفقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن.
     مۇرات ناسىروپنىڭ قازاقىستاندىكى يېقىنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ناخشا كېچىلىكىنى ئەسلىدە مۇرات ناسىروف ھايات ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، لېكىن ئۇ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇنى قىلىش مەسىلىسى تۇغۇلغان، نەتىجىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بىر يەرگە باش قوشۇپ، ئىقتىساد ئاجرىتىش ئارقىلىق بۇ كونسېرتنى مۇراتنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
     رۇسىيە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالمۇتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش كونسېرتىنىڭ كۆلىمى زور بولۇپ، بۇنىڭغا موسكۋادا ياشايدىغان ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق 50 مەشھۇر سەنئەتكار قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇلار مەخسۇس تۈردە مۇراتنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا ئورۇنلاشنى قارار قىلغان.

مۇرات ناسىروفنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمىنىڭ سىرى تېخىچە يېشىلمىگەن بولۇپ، موسكۋادىكى تېببىي دېلولارنى تەكشۈرۈش ئورنى مۇراتنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭدا زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ياكى ھاراق قالدۇقلىرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ «مۇرات ناسىروف زەھەرلىك چېكىملىك تەسىرىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دېگەن يەكۈننى ئىنكار قىلغان.

    مۇرات ناسىروف بىلەن سۆھبەت
    گۈلچېھرە ئېزىز
     شىنجاڭ سەنئىتى 2006- يىل 3- سانى
     ئوكرائىنانىڭ سەلتەنەتلىك سەھنىسى.
     فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىدە كۆزەينەك تاقىغان بىر يىگىت ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى ”گۈلئايىم“ نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ تاماشىبىنلار قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرۈۋەتتى.
    ئوكرائىنانىڭ سابىق پرېزىدېنتى لېئونىد كوچمانىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن كەلگەن ئۇيغۇر يېگىتى مۇراد ناسىروف بۇ ناخشىنى مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق بىلەن ئاخىرلاشتۇردى ۋە تاماشىبىنلارغا ”بۇ ناخشا سىلەرگە ياقتىمۇ؟ سىلەر مېنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىلەر؟ كىمدە كىم توغرا جاۋاب بېرەلىسە كاتتا مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايمەن“ دېگىنىچە مېرسىدىس ماركىلىق ئېسىل پىكاۋىنىڭ ئاچقۇچىنى پۇلاڭلاتتى.
     —‏-‏- قازاق . . . رۇس . . .

. . . . . .

     — ياق، مەن ئۇيغۇر يىگىتى، ھازىر ئېيتقىنىم ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى.
     سەھنىگە گۈل ئېلىپ چىققان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر پولكوۋنىك كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە، مۇرادنى باغرىغا باستى.
     مۇراد ناسىروف ناخشىلىرىنىڭ مۇخلىسى، پرېزىدېنت كوچما ئەپەندى بۇ مەنزىرىدىن تەسىرلەنگەنلىگىدىن ئاتايىن سەھنىگە چىقىپ، مۇرادقا يۇقىرى باھالارنى بەردى.

روسىيە ھەم قازاقىستان ئىسترادا يۇلتۇزى، يالتا گىران پىرى مۇكاپاتى ۋە قازاقىستان «ئىلھام» مۇكاپاتىنىڭ لاۋۇرىيانتى، رۇسىيىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئون ناخشىچىنىڭ بىرى مۇراد ناسىروف روسىيە فېدېراتسىيە ۋە مەركىزى ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار پەخىرلىنىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.

     قەشقەر دىيارىدا تۇغۇلۇپ، غۇلجا باغلىرىدا ئۆسكەن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەڭگىۋار جەڭچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسمايىل ناسىروف ئاكا 60-يىللاردا تەقدىر قىسمىتى بىلەن قازاقىستان ئالما-ئاتا شەھىرىگە كۆچۈپ چىققان ئىدى.

مۇرات ناسىروفمۇرات ناسىروف


     ئىسمايىل ئاكىدەك قابىل سازەندە ۋە سەنئەتكار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇراد 18 يېشىدىلا قازاقىستان سەھنىلىرىنى زىلزىلىگە سېلىپ روسىيە سەنئەت پېشۋاسى، ناخشا پىرى ئالال پۇگاچىۋانىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن رۇسىيىگە بېرىپ سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىلى يالتادا ئۆتكۈزۈلگەن cor بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپات ”granpri“ نى تالىشىش مۇسابىقىسىدا 120 چولپان ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ 1-دەرىجىگە ئېرىشىپ بىر كېچىدىلا چاقنىغان چولپان بولۇپ قالغان. مۇراد مول ھوسۇللۇق ناخشىچىلا ئەمەس، يەنە تالانتلىق كومپوزىتور. ئۇنىڭ 1990- يىللاردا يازغان «سىگان قىزى»، «بېرىش-كېلىش»، «مادىرا» قاتارلىق ناخشىلىرى بۈگۈنگىچە سېھرىنى يوقاتقىنى يوق. سەنئەتنىڭ قۇدرىتى نېمىدېگەن چەكسىز. يات بىر ئەلدە ياشاۋاتقان ناتونۇش بىر يىگىت سەنئەتنىڭ كۈچى بىلەن قەلبىمىزگە بۆسۈپ كىردى. ئۇنىڭ ئېيتقان ئۇيغۇرچە ناخشىلىرى يۈرەكلەرنى يۈرەكلەرگە تۇتاشتۇردى. ئۇنىڭ ھەممە سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى، چاڭقىغان روھىمىزغا سېغىنىش ھەم مۇھەببەت بەخىش ئەتتى. مېنىڭ مۇراد بىلەن تۇنجى ئۇچرىشىشىم بۇنىڭ بىر مىسالى. بىز گويا كونا قېرىنداشلاردەك شۇنچە قىزغىن ھەم دوستانە پاراڭلاشتۇق. مەن ئۇنىڭ توختىماي قەشقەر، ”12 مۇقام“، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ھەققىدىكى سۇئاللىرىدىن، كۆزلىرىنىڭ يېنىپ كېتىشلىرىدىن چاڭقىغان روھىي دۇنياسىدىكى بوشلۇقنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم ۋە سورىدىم:
    — مۇراد، بۇگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنىڭىز نېمە؟
    — قەشقەرگە بېرىش، ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرىغا كونسېرت قويۇش، ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش.
    — بۇ ئارمىنىڭىز چوقۇم سەۋەبسىز ئەمەسقۇ دەيمەن؟
    — شۇنداق، مەرھۇم دادام ھايات چېغىدا دائىم قەشقەر، غۇلجا ھەققىدە سۆزلەيتتى. ”12 مۇقام“ خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى ھەم بىزگە ئاڭلاتقۇزاتتى. دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بەك ئىچ ئاغرىقى تارتتىم. دادام ئۈچۈن ”يالغۇز قالدىم“ نامىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە پلاستىنكا چىقاردىم. بۇمۇ ماڭا تەسەللى بېرەلمىدى. ئەتىدىن-كەچكىچە دادام ئاڭلايدىغان ”12 مۇقام“ خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتتىم. بۇ جەرياندا مەن ئۇيغۇر مېلودىيىسىنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز سېھىرىي كۈچىنى ھېس قىلدىم. بۇ مۇزىكىلار مېنى دادام تىلىدىن چۈشۈرمەيدىغان مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرىدەك قەشقەر كوچىلىرىغا، جەننەتتەك گۈزەل ئىلى يايلاقلىرىغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇخلىساممۇ تەكلىماكان قۇملىرىنى چۈشەيمەن. ئىشقىلىپ بۇ ھېسياتىمنى ئېيتىپ بېرەلمەيمەن. بۇ جەرياندا ئايالىممۇ ئۇيغۇر ناخشىلىرىغا باشقىچە قىزىقىپ قالدى. ئۇمۇ تالانتلىق بىر ناخشىچى، ھازىر ئۇمۇ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئۆگىنىپ مەن بىلەن سەھنىلەردە ئورۇنداۋاتىدۇ. ھازىر مەن مەيلى قايسى دۆلەت سەھنىسى ۋە رادىئو-تېلېۋىزور پروگراممىرىدا بولسۇن، ئالدى بىلەن قەشقەر دوپپىسى ۋە راۋابى بىلەن بىرىنچى ناخشامنى ئۇيغۇرچە ئورۇندايمەن. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەردە يەر تەۋرىگەننى ئاڭلاپ يۈرىكىم شۇنداق ئېچىشتى. ئالما-ئاتادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىئانە ئۈچۈن ”سالما قەشقەر“ نامىدىكى كونسېرتقا ئالما-ئاتاغا باردىم. شۇ كۈنى سەھنىدىكى ھاياجېنىمنى بۈگۈنگىچە ئەسلەيمەن.
   مۇرادنىڭ تىترەۋاتقان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ھاياجانلىنىپ قالغىنىنى پەملەپ گەپنى باشقىغا يۆتكىدىم.
   — سىزنى ئۇيغۇر يېزىقىنى بىلىدۇ، دەپ ئاڭلىغانىدىم.
   — كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۆگەتكەنىدى. موسكۋادا يۈرۈپ بۇرۇنقىدەك راۋان ئوقۇپ يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر ھالدا ساۋاتسىز ئەمەسمەن. ئۇيغۇر تاماشىبىنلارغا ئىمزا قويۇشتا ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە يازىمەن.
    — مۇراد، سىز ”12 مۇقام“ دەك، خەلق ناخشىلىرىدەك ئەجدادلىرىمىز قالدۇرغان سەنئەت مىراسىلىرىدىن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپسىز. دادىڭىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن تارقىغان ئوتلار بىلەن سىزدە ۋەتەنگە تەلپۈنۈش، مىللەتنى سۆيۈش ھېسلىرى ئويغىنىپتۇ. بۇ ئوتلارنى روسىيە مەدەنيىتىدە ئۆسۈۋاتقان بالىلىرىڭىزغا كۆچۈرەلەيمەن دەپ ئېيتالامسىز؟ بۈگۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمنى ئاشۇنداق سېھىرلىيەلەيدۇ دەپ قارامىسز؟
    — بالىلىرىمنى ئەلۋەتتە ۋەتەنگە ئاپىرىمەن. ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تەربىيلەشكە تىرىشىمەن. بۈگۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتىگە كەلسەك، مەن ئاڭلىغان كۆپ ناخشىلار پۇراق جەھەتتە ئوخشاشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاككوردلاشتۇرۇش بىلەن مۇزىكىنىڭ يۆنىلىشى تازا بىردەك ئەمەس. بۇ جەھەتتە ياردەم قىلالايمەن دەپ ئېيتالايمەن. دۇنيادا بىزنىڭ مېلودىيىدەك گۈزەل ھەم باي مېلودىيە يوق. گەپ، ئۇنى قانداق چاقنىتىشتا.
    — مۇراد، سىز ھازىر قايسى نىشاننى كۆزلەپ كېتىۋاتىسىز؟
    — ”ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغىچە، خەلقىڭنىڭ ئوغلى بول“، ”ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەم، ئۆزگىلەرنى سۆيەلمەيدۇ“ بۇ مەرھۇم دادام دائىم يادلايدىغان سۆزلەر ئىدى. بۇنىڭ مەنىسىنى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشنىۋاتىمەن. كېچىكتىممۇ دېيەلمەيمەن. بۇندىن كېيىنكى سەنئەت يولۇم بۇ سۆزلەرنىڭ نۇرى بىلەن ماڭىدۇ.
    بىز چۈشىنىشكە ئىنتىلگەن مۇراد ئەنە شۇنداق ئارمانلار بىلەن ياشاۋاتقان يىگىت. ئۇ قۇچاق-قۇچاق گوللاندىيە ئەتىرگۈللىرى ئىچىدە، ۋەتەن تۇپرىقىدا ئۆسكەن شېرىنگۈللەرنى ئىزدەۋاتقان يىگىت، گىرىمسەن كېچىدىكى موسكۋا ئاخشىمىدا ئەللەي ناخشىسى بىلەن جىمجىت ئۇيقۇدىكى قەشقەر كوچىلىرىنى سېغىنىۋاتقان يىگىت. نىل، ئاموزون دەريا ساھىللىرىدا ئىلى، تارىم دەريالىرىنى ئەسلەۋاتقان يىگىت.
    سۇمۇرۇغ قانچە پەرۋاز قىلغانسېرى بوشلۇقنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلارمىش ۋە تۇخۇم باسقان ئۇۋىسىنى ئىزدەرمىش.
    ئەي سەنئەت كۆكىدىكى چىمەن دوپپىلىق يىگىت! كەلگىن، ئەزىز خەلقىڭ سېنى قۇچاق-قۇچاق گۈللەرگە پۈركەيدۇ.
    ئاق كۆڭۈل، كۆڭلى دەريا قېرىنداشلىرىڭ مېھرى-مۇھەببەت بىلەن سېنى باغرىغا باسىدۇ.

''يانتۇ خەت'توم خەت