مۇرتەد
مۇرتەد سۆزى لۇغەتتە يېنىۋالغۇچى دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ، كاپىرلىققا قايتقۇچى دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. مۇرتەد بولغۇچىلارنىڭ بۇرۇن قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كتىدۇ ۋە بارىدىغان جايى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازاپقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەردىن كىمكى ئۆز دىنىدىن يېنىپ كېتىپ، كاپىر بولغان پېتى ئۆلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ئادەملەر ئەھلى دوزاختۇر، ئۇلار دۇزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾.
كىشىنى مۇرتەدلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىلەر:
1. گەپ - سۆز. مەسىلەن: ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقتىن يېنىۋالغانلىقىنى ئوچۇق سۆزلەش، ئاللاھنى ياكى پەيغەمبەرلەردىن بىرەرسىنى ياكى قۇرئان كەرىمنى سۆكۈش، ئۆلۈكلەردىن مەدەت تىلەش، ئىسلام قانۇنلىرىنى ھازىرقى ئەسىرگە يارىمايدۇ، دەپ ئوچۇق سۆزلەش ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى كەمسىتكەنگە ئوخشاش.
2. ئىش – ھەرىكەت. مەسىلەن: سېھىرگەرلىك قىلىش، بۇتلارغا ۋە ھەرقانداق بىر مەخلۇقاتقا چوقۇنغانغا ئوخشاش.
3. ئېتىقاد. مەسىلەن: ئاللاھنى ياكى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى، قۇرئان كەرىمنى ۋە ياكى دىنىمىزدا ئىمان كەلتۈرۈش زۆپىرۈر بولغان مەسىلىلەردىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلىش.
4. شەك. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە شەك قىلغانغا ئوخشاش.