مۇزىكا

ئورنى Wikipedia

ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى ئۇسسۇل سەنىتى بىلەن قوشماق ياكى بىر گەۋدە دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىككىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ ھالدا بىر - بىرىنى ئۆز ئارا شەرت قىلىشقان. ئۇسسۇل ئۇيغۇرلارنىڭ شوخ، تېتىك، مەردانە، غەيۇر، شادىيانە - خۇشپىچىم، قەيسەر مىجەز - خۇلقىنى نەپىس، نازۇك، ئەۋرىشىملىك ھەرىكەت تىلى بىلەن ئوبرازلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇرۇپ كەلگەن بولسا، ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتى بەدىئىيلىكىنىڭ ئۈستۈنلۈكى، ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، رېتىمنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەزىنىنىڭ ئېنىق - ئۆلچەملىكلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇل ھەرىكىتىگە جان كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرغان.

ئۇيغۇر مۇزىكا تىلىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىپ چالغۇلىرىنىڭمۇ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇرەككەپلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ خورىماس مەنبەسى بولغان ئون ئىككى مۇقام ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن مۇزىكا دەستۇرى بولۇپ، مەيلى ئەنئەنىۋى نەغمىلەر ياكى ھازىرقى يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەدىئىي مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى بولسۇن ھەممىسى ئون ئىككى مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. مەسىلەن، قەشقەر، يەكەن، كۇچا، كورلا، قۇمۇل، ئىلى سەنەم - مەشرەپلىرى قاتارلىقلاردا ئېيتىلىدىغان ناخشا، ئوينىلىدىغان ئۇسسۇللارنىڭ مۇزىكىسى ۋە <غېرىب - سەنەم>، <تاھىر - زۆھرا> قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكىسىنى، <تاشۋاي>، <شادىيانە>، <نىم پەدە>، <سوۋار>، <سېپىل ناخشىسى>، <جۇنۇن>، <زېمىن>، <ئالمىخان>، <لىۋەن يارلا>، <ئانارگۈل بالا>، <ھەيرانەي>، <ئىلاخۇن كۆك كۆز>، <سادىر پالۋان>، <ھەي دادەي>، <بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار>، <شەرىخۇمارى>، <ئۆستەڭ ناخشىسى> قاتارلىق مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇللارنىڭ ھەممىسى ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭىنىڭ دائىرىسى ۋە تەسىرىدىن مۇستەسنا ئەمەس، بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىلىق ناخشا - ئۇسۇللىرىنىڭ تىپىك نەمۇنىلىرىدىن بولۇپ، ئۇزۇن دەۋرلەردىن بۇيان خەلقىمىز بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتىدە مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر مەۋجۇت بولغىنىدەك، ئۇيغۇر مۇزىكىسىمۇ شۇنداق مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، مۇنداق مەھەللىۋى ئالاھىدىلىكلەر جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ (ئاساسەن ئىلى رايونى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا - ناخشىلىرىدا ئۇچرايدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر جەنۇبىي شىنجاڭ مۇزىكا ئاھاڭىدا مۇرەككەپ ئەگىتمە كۈي - ئاۋازلارنىڭ ئازلىقى، شەرقىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكا - ناخشا كۈي - ئاۋازىنىڭ ئاددىيلىقى (كورلا، تۇرپان، قۇمۇل سەنەملىرىنىڭ كۈي - ئاۋازلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش)، ئىلى مۇزىكا - ناخشىلىرىنىڭ ئەگىتمە، سىيرىلما، بۆلۈنمە ئاۋازلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر ئون ئىككى مۇقام كۈي - ئاۋازلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يەنىلا ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ ئورتاق سىستېمىسىغا مەنسۇپ.