مۇساجان يۇنۇس

ئورنى Wikipedia

مۇساجان يۇنۇس، ئەر، ئۇيغۇر، 1960- يىلى مەكىت ناھىيسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1967- يىلىدىن 1977- يىلغىچە مەكىت ناھىيسىدە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1978-يىلى 3-ئايدىن 1983- يىلى 3-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقىغان.1983- يىلى 3- ئايدىن 1996- يىلى 3- ئايغىچە مەكىت ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1996- يىلى 3- ئايدىن 1998- يىلى 11- ئايغىچە مەكىت ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدا ئىشلىگەن. 1998- يىلى 11- ئايدىن 2003- يىلى 6- ئايغىچە مەكىت ناھىيلىك خەلق ھۆكىمىتى ئىشخانىسدا ئىشلىگەن.2003- يىلى 6- ئايدىن ھازىرغىچە مەكىت ناھىيلىك مەمۇرى تەپتىش ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. مۇساجان يۇنۇس تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبى ئىجادىيەتكە قىزىقىپ مەشىق ئەسەرلىرىنى يېزىشقا باشلىغان.ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرى 1980- يىلى "قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا چىقىدىغان "شىنجاڭ گېزىتى"، "قەشقەر گېزىتى"، "ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى"، "شىنجاڭ نېفىت گېزىتى"، "تارىم"، جۇڭگۇ مىللەتلىرى"، "شىنجاڭ ياشلىرى"، "شىنجاڭ ئاياللىرى"، "تەڭرىتاغ"، "قەشقەر ئەدەبىياتى"، "كېرورەن" قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 600پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبى ئەسەرلىرى (كۆپ قىسمى شېئر) ئىلان قىلىنغان.بىر بۆلۈك شېئىرلىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان"جانان بىلەن ئېيتقان ناخشىلار" ناملىق كوللىكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. "ھاياتمۇ بىر سىمفونىيە" ناملىق پوۋسىتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان"كارۋان" مەجمۇئەسىدە ئېلان قىلىنغان. "سەرسان" ناملىق پوۋسىتى"قەشقەر ئەدەبىياتى" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. مۇساجان يۇنۇسنىڭ "تاپالمىدىم ئۆزۈمنى تىنتىپ"ناملىق شېئىرى 1993- يىلى "تەڭرىتاغ" ژورنىلى ئويۇشتۇرغان ئەدەبى ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. "قەلبىمدىكى چېقىنلار" ناملىق داستانى 1993- يىلى "ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى" ئويۇشتۇرغان "كارۋان يولى" بەدئى ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. "قىزلار" ناملىق شېئىرى 1996- يىلى "قەشقەر گېزىتى" تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئەدەبى ئەسەر بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. "دادام كۈتكەن تىلەكلەر" ناملىق شېئىرى 2000- يىلى "قەشقەرگېزىتى" ئويۇشتۇرغان "غايە، ئىتقاد، ئەخلاق" تېمىسىدىكى ئەدەبى ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مۇساجان يۇنۇسنىڭ "مەن ئىنسانمۇ، ئەمەسمۇ؟"، "ئۆلۈپ كەتمەي بىزنى بېقىڭە"، "قېنى مېنىڭ سۇمبۇل چاچ ئانام"، "ئوتتۇز يېشىم"، "جېنىم ئانا خوش بولايلى كەتمىگىن"، "لېكىن قورقۇمەن"، "ئادەملەر"، "ئوغلۇمغا"، "كۆكلەيسەن"، "يول تاپتىم"، "نادانلىق"، "ئىنسان" قاتارلىق شېئىرلىرى جامائەت ئارىسىدا ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى "ئوتتۇز يېشىم" قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرىگە مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى ئوبزورلار يېزىلغان. "ئادەملەر" ناملىق شېئىرى خەلق تەرىپىدىن كۆپەيتىلىپ، تارقىتىلغان. ئۇنىڭ "ئادەملەر"، "ئاداش"، "خار بولمايدۇ"، "تاۋلىنار" قاتارلىق بىر بۆلۈك شېئرىلىرى ئاھاڭغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. مۇساجان يۇنۇس 2002-2003-2004-2005- يىللىرى "جۇڭگۇ مىللەتلىرى" ژورنىلىنىڭ مۇنەۋۋەر ئاپتۇرى بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان. مۇساجان يۇنۇسنىڭ تەرجىمەھالى "دۇنيادىكى جۇڭگۇلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر"، "جۇڭگۇ مەدەنىيەت سىپىدىكى داڭلىق شەخسلەر"، "جۇڭگۇدىكى داڭلىق يازغۇچىلار" قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن. مۇساجان يۇنۇسا ئۆز ئەسەرلىرىدە بىرىنچىدىن: ئۆزىنى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن ئىزدەپ، مەن كىم؟ مەن قېنى؟ مەن نەدە؟ دەپ چوقان سالىدۇ ۋە چوقانلىرى ئارقىلىق ئىنسان بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلدى؟ ئىنسان ھاياتى زادى قانچىلىك؟ ئىنسان قانداق ياشىسا مەنىلىك ياشىغان بولىدۇ؟ ھاياتنىڭ قىممىتى زادى قەيەردە؟ ئىنسان ئۆز-ئۆزىنى قانداق قەدىرلىشى كىرەك؟ دىگەن سۇئاللارغا ئوبرازلىق جاۋاپ بەردى. ئىككىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە گۈزەل ئىنسان تەبىئىتىنى، ئىسىل ئىنسان پەزىلەتلىرىنى، بىباھا ئادىمىلىك خىسلەتلەرنى زوق-شوق بىلەن مەدھىلەپ، ئادەملەرنى ئەمگەكچان، ئىشچان، راستچىل، سەمىمى، ۋاپادار، ئادالەتپەرۋەر، ئىنساپلىق، كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس نىيەتلىك، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولۇشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى ناچار ھادىسلەرنى غەزەپ بىلەن قامچىلاش ئارقىلىق ئادەملەرنى ئىككى يۈزلىمىلىك، ساختىپەزلىك، ۋاپاسىزلىق، يالغانچىلىق، كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، نەپسانىيەتچىلىك، قارا كۆڭۈللۈك، مۇناپىقلىق، تۇزكورلۇق، غاپىللىق، ھورۇنلۇق، تەييار تاپلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، ئىشرەتخورلۇق، مەيخورلۇق قاتارلىق رەزىللىكلەردىن ئاگاھلاندۇردى. ئۈچىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ھاياتقا، گۈزەل تەبىئەتكە بولغان ئوتلۇق ئىشقىنى سەبىلىك ۋە سەمىمىلىك بىلەن ئىزھار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان ئىشتىياقىنى، تەبىئەتكە بولغان موشتاقلىقىنى نامايەن قىلدى. تۆتىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئانىلارغا، ئاياللارغا بولغان مۇقەددەس ھۆرمەت، مىھرى-مۇھەببەت، تەشەككۈر، رەھمىتىنى تەبئى، تەسىرلىك ئىپادىلەپ ئۇلارنى ئۇلۇغلىدى. بەشىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىنسانلار ئارىسىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ خاسىيتىنى ئاشىقانە لىرىك ھىسيات ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئادەملەرنى جاسارەتلىك، شىجائەتلىك بولۇشقا، ھەر قانداق خېيم –خەتەر ئالدىدا مەردانە تۇرۇشقا، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلەشكە ئۈندىدى. ھەمدە ئادەملەرنى ئۆز ماھىيتى بويىچە ياشاشقا، تەدبىرلىك، غايىلىك، ئۈمۈدۋار بولۇشقا چاقىردى. مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى تۆۋەندىكى نوقتىلار بويىچە مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۈمكىن.بىرنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە تۇرمۇشتىكى ماھىيەتلىك دىتاللارنى تاللىۋېلىپ، ئۇ ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ مەلۇم قانۇنۇيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىرەلىدى. ئىككىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ھەر-بىر ھۈجەيرىللىرىگە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان قايناق ھىسياتىنى تەبئى سىڭدۈرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كىشىگە تولىمۇ تېتىملىق بىلىنىدۇ. ئۈچۈنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن تىل خەلقنىڭ جانلىق تىلى بولۇپ، ئۇستىلىق بىلەن قوللۇنۇلغان ئوخشۇتۇشلار، سۈپەتلەشلەر، جانلاندۇرۇشلار، كىنايىلار دەل جايىغا چۈشكەن ماقال-تەمسىللەر، ئۆز ئورنىنى تاپقان ئىدىيوملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرغان. تۆتىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرى پىكىرنىڭ ئىزچىللىقى، لوگىكىلىق تەپەككۈرنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىدۇ. بەشىنچىدىن: مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرىدە ئىپادە قىلىنغان ساپ ۋە ھەقىقى بولغان مەردانە ھىسيات، كىشنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدۇ. قىسقىسى مۇساجان يۇنۇس ئەسەرلىرىدە كۈچلۈك پەلسەپىۋى ھىكمەت جۇلالىنىپ، ھايات ھەقىقىتى نۇر چېچىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى چىن يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىققان ساپ قان دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئرىلىرىنى ئوقىغان ھەر قانداق كىشى، ئۇنىڭ شېئرلىرى ئارقىلىق ئۆز يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلىيالايدۇ.