مۇسەننافۇ ئابدۇرراززاق

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى مۇسانناڧى ئابدۇلرەززاق سانانى)

مۇسەننەفۇ ئابدۇرراززاق (ھەدىسلەر ۋە ساھابە – تابىئىنلار بايانلىرى توپلىمى مصنف عبد الرزاق - المصنف في الأحاديث والآثار)»، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مەئىن قاتارلىقلار دەرس ئالغان، تونۇلغان يەمەنلىك مۇھەددىس ئەبۇبەكرى ئابدۇرراززاق ئىبنى ھەممام سەنئانىي (ھ. 126 – 211 / م. 744 – 827) تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ھەدىس كىتابلىرى قاتارىدىندۇر.

مۇئەللىف بۇ بۈيۈك ئەسىرىدە تۈرلۈك دەرىجىدىكى ھەدىس ۋە ساھابە - تابىئىنلارنىڭ بايانلىرىنى راۋىيلىرىغا ئەڭ قىسقا سەنەدى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ فىقھىي تەرتىپ بويىچە رىۋايەت قىلىدۇ.

مۇئەللىف بىلەن ساھابىنىڭ ئارىلىقىدا بەزىدە ئىككىلا كىشى بولغانلىقتىن ئۇنىڭ سەنەدى ئىنتايىن «ئالى سەنەد» ھېسابلىنىدۇ.

شەيخ ھەبىبۇرراھمان ئەلئەزەمىي تەرىپىدىن «ئەلمۇسەننەف» نامى بىلەن 12 تومدا (ئاخىرقى تومى مۇندەرىجە ۋە تىزىقلار) 31 بۆلۈم، 2133 بابقا بۆلۈنگەن ھالدا 1970 - يىلى بېيرۇتتا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 21 مىڭ 33 ھەدىسنى ۋە ساھابە - تابىئىنلارنىڭ بايانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. لېكىن، ئەسەرنىڭ باش تەرىپىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمى ئۆكسۈك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئابدۇرراززاق ئۇستازى مەئمەر ئىبنى راشىد ئەلئەزدىي (ھ. 95 – 153 / م. 714 – 770) دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر توپلىمى «ئەلجاﻣﯩﺌ»مۇ 10 - تومنىڭ ئاز بىر قىسمى بىلەن 11 - تومدا ئورۇن ئالغان.