مۇنار

ئورنى Wikipedia
مۇنار
مۇنار

مۇنار ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى. مۇنار قەدىمكى دەۋرلەردە كۆزىتىش ۋە خەۋەرلىشىش مەقسىتىدە ياسالغان تۈر (تۇرا) لار ئاساسىدا تەرەققىي قىلغان.

دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن قەلئە، سېپىل دەرۋازىلىرىنىڭ يېنىغا ۋە شەھەرلەر ئارىسىدىكى دۆڭلۈكلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇنداق ئېگىز تۇرالار شىنجاڭدا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزى جايلاردا ئۇنىڭ ئىزلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن، قۇمۇل رايونىدا تۇر (تۇرا) نامى بىلەن ئاتالغان يۈزدىن ئارتۇق مەھەللە ياكى يۇرت بار. تۇرا ئاساسەن قەدىمكى زاماننىڭ خەۋەرلىشىش پونكىتى بولۇپ، دۈشمەننىڭ شەپىسى كۆرۈنگەن ھامان تۇرا ئۈستىگە ئوت يېقىپ، ئۇنىڭدىن چىققان تۈتۈن ئارقىلىق ئۇ تۇرادىن بۇ تۇراغا ... شۇنداق قىلىپ ئوردىغا خەۋەر يەتكۈزگەن. بۇنداقچە ئېيتقاندا تۇر (تۇرا) لار قەدىمكى زاماننىڭ تېلېفونى ياكى تېلېگراممىسى سۈپىتىدە رول ئوينىغان. كېيىنچە تۇرالار تەرەققىي قىلىپ، كۆزىتىش مۇنارى، بۇددا مۇنارى، پەشتاق مۇنارى (ئەزان چىللاش مۇنارى)، مەنزىرە مۇنارى ۋە خاتىرە مۇنارى قاتارلىق مۇنار شەكىللىرى پەيدا بولغان.

ئۇيغۇرلاردا بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بىناكارلىقىمىزدىكى مۇنار سەنئىتى بۇددا تۈسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈپ، بۇددا مۇنارىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇنداق بۇددا مۇنارلىرى كۆركەم ھەيۋەتلىك ياسالغان بولۇپ، تەكلىماكان ئەتراپىدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىدە بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان. كىرورەن قەدىمكى شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تەخمىنەن 10.62 مېتر ئېگىزلىكتىكى ئۈستى يۇمىلاق بۇددا مۇنارى، يارغۇل قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تۆت بۇت تەكچىسىگە يۈز بۇت قويۇلغان بۇددا مۇنارى قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ.

ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇددا مۇنارىنىڭ ئورنىنى مەسچىت، مەدرىس، مازارلارغا ئورنىتىلىدىغان پەشتاق مۇنارى ئىگىلەپ، ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبى تەرەققىي قىلدى. پەشتاق مۇنارى بۇددا مۇنارىغا ئوخشاشمىغان ھالدا ئۈستى يېرىم ئاي شەكىللىك بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا بۆرەكچە كۈنگۈرە قويۇلىدۇ. ئۇ ئاساسەن مەسچىت، مەدرىس ۋە مازار دەرۋازىسىنىڭ ئىككى يېنىغا ياسىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئەزان مۇنارى دەپ ئاتىلىدۇ.

مەنزىرە مۇنارى جامە، مەسچىت ۋە خاسىيەتلىك ئىمارەتلەرنىڭ تۆت ئەتراپىغا ياسىلىدۇ. ئۇ شەكىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن پەشتاق مۇنارىغا ئوخشىشىدۇ. ئەمما رولى جەھەتتە پەشتاق مۇنارىدەك ئەزان چىللاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىمارەتلەرنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئىمارەتنىڭ پۇختا بولۇشىغا تۈۋرۈك بولۇشتەك رولى بار.

خاتىرە مۇنارى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسىلىدۇ. تۇرپاندىكى ئىمىن ۋاڭ مۇنارى بۇنىڭ تىپىك مىسالى. بۇ مۇنار تۇرا شەكلىدە بولۇپ، ئېگىزلىكى قىرىق تۆت مېتىر، ئاستىنىڭ دىئامېترى ئون مېتر، مۇنارنىڭ ئىچىگە يەتمىش ئىككى ئايلانما پەلەمپەي ياسالغان. بۇ مۇنار 1777 - يىلى ئىمىن ۋاڭنىڭ ئوغلى سۇلايمان ۋاڭ تەرىپىدىن دادىسىغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ياسالغان. شۇڭا كىشىلەر سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ مۇنار پۈتۈنلەي خىش بىلەن ياسالغان بولۇپ، خىشلارنى گېئومېترىك شەكلىدە بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تىزىش ئارقىلىق خىلمۇ خىل گۈللەر، تاغلار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان شۇ شەكلى قاتارلىق ئون نەچچە خىل نەقىش چىقىرىلغان. بۇ مۇنار ئۆزىنىڭ كۆركەملىكى، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا. (ئا)