مۇنازىرىلىشىشنىڭ پايدىسى يوق
مۇنازىرىلىشىشنىڭ پايدىسى يوق
مۇنازىرىدە ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بار، ئۇ بولسىمۇ مۇنازىرىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، مۇنازىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش خۇددى زەھەرلىك يىلاندىن، يەر تەۋرەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانغا ئوخشاش.
مۇتلەق كۆپ قىسىم چاغلاردا مۇنازىرە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەربىر مۇنازىرىلەشكۈچى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق ئىشىنىدۇ.
سىز مۇنازىرە بىلەن غەلىبىگە ئېرىشەلمەيسىز، بۇ چوقۇم. ئەگەر مەغلۇپ بولسىڭىز بولۇۋېرىڭ. چۈنكى، غەلىبە قىلغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا مەغلۇپ بولىسىز. نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر سىز قارشى تەرەپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىنى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىۋەتكەن، نېرۋىسىنىڭ چاتاق ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىغان تەقدىردىمۇ، سىز قانچىلىك بولۇپ كېتىسىز؟ سىز ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزنى بەھۇزۇر ھېس قىلىسىز. بىراق، قارشى تەرەپچۇ؟ ئۇ ئۆزىنى شۇنداق مىسكىن ھېس قىلىدۇ. سىز ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەن ئىكەنسىز، ئۇ سىزنىڭ غەلىبىڭىزگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ.
سىز مۇنازىرىلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ئېھتىمال سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز توغرا بولغان بولۇشى ھەتتا ناھايىتى توغرا بولغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق قارشى تەرەپنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتە، سىز ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيسىز، خۇددى سىزنىڭ خاتادەك تۇرۇۋېرىدۇ.
مېكېدور ۋىلسون زۇڭتۇڭنىڭ ئىچكى كابېنت مالىيە مىنىستىرى بولغان مەزگىلدە، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق سىياسىي ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ: «نادان ئادەمنى مۇنازىرە ئارقىلىق يەڭگىلى بولمايدۇ» دېگەن.
مېنىڭ تەجرىبەن،: مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولسۇن – يۈكسەك ئىقتىدارلىق ياكى تۆۋەن ئىقتىدارلىق بولسۇن – ھەرگىزمۇ تىل كۈرىشى بىلەن ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ دېگەندىن ئىبارەت. ساكيامونى مۇنداق دېگەن: «نەپرەت بىلەن نەپرەتنى تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى تۈگىتىش مۇمكىن» دېگەن ئىدى. ئۇقۇشماسلىقنى مۇنازىرە بىلەن مەڭگۈ بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى تۈرلۈك ۋاسىتە، تاشقى مۇناسىۋەت، يارىشىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ قارىشىغا ھېسداشلىق قىلىش يوللىرى بىلەن تۈگىتىش مۇمكىن.
لىنكولىن خىزمەتدىشى بىلەن قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ قالغان بىر ياش ئوفېتسىرنى ئەيىبلىگەن. «مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلىغان كىشى، _ دەيدۇ لىنكولىن، _ شەخسىي ئاداۋىتىگە ۋاقىت زايە قىلماسلىقى كېرەك، نەتىجىسىنى كۆرىمەن دەپ ۋاقىتنى زايە قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ناچار خاراكتېر، ئۆز كونتروللۇقىنى يوقىتىش قاتارلىقلارمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ دۈشمىنىدۇر. سىز ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشكە ئارتۇقچە ئۇرۇنماڭ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىڭ. ئىت بىلەن يول تالىشىپ، ئۆزىڭىزنى چىشلىتىۋالغاندىن كۆرە، يولنى ئىتقا ئۆتۈنۈپ بەرگىنىڭىز تۈزۈك. چىشلىگەن ئىتنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ يارىسى قېپقالىدۇ.»
(«كارنىگ ھېكمەتلىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى)